«ئۇيغۇرسوفت كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپى» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
شىركىتىمىزدە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەم بولۇشى ئۇزۇندىن بۇيان بېشىمىزنى قاتۇرۇپ كەلگەن مەسىلە ئىدى. بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى 2 قارار كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپىنى ئېچىپ، بىرنەچچە خادىملارنى تەربىيەلەپ چىققان ئىدۇق، كېيىن ئۇلار شىركىتىمىزنىڭ غوللۇق خادىمغا ئايلىنىپ، بەزى يۇمشاق دېتاللارنى ئورتاق تاماملىدى ۋە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان شىركىتىمىز دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەپ ياكى يېڭىلاپ كېلىۋاتىمىز. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە Microsoft قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىش ھەققىدە نۇرغۇن يېڭى بىلىمگە ۋە قىممەتلىك ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق. يىل ئاخىرىدا يەنە بىرنەچچە يېڭى تۈرلەرنى ئالدۇق، ئەمما خىزمەت مىقدارىمىز ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. بىزدە ھازىر ئەمەلىي ئىش جىق، قىلالايدىغان ئادەم ئاز. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدىمىزدا شىركىتىمىزدە تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، تەربىيەلەنگەنلەر ئىچىدىن خادىم تولۇقلاشنى لايىق كۆردۇق.
بۇ تەربىيەلەش سىنىپى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇرلار:
تەربىيەلەش مەقسىتى: شىركىتىمىزگە خادىم تەربىيەلەپ، يۇمشاق دېتال ساھەسىدە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش.
تەربىيەلەش نىشانى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە، تىرىشچان، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، ئەقلى ۋە تەپەككۇرى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، كەلگۈسىدە كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈش ساھەسىدە خىزمەت قىلىشنى ۋە شىركىتىمىزدە خىزمەت قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىركىتىمىز بىلەن بىرلىكتە روناق تېپىشنى خالايدىغان ياشلار.
تەربىيەلەش مۇددىتى (دەسلەپكى لايىھە): تەخمىنەن 4 ئاي بىر باسقۇچ. ھەپتىدە 5 كۈن، كۈندە 6 سائەت، بۇنىڭ ئىچىدە 3 سائەت نەزەرىيە، 3 سائەت ئەمەلىي مەشغۇلات بولىدۇ. 1 ئاي ئەمەلىي خىزمەت پىراكتىكىسى بولىدۇ.
ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر (دەسلەپكى لايىھە): ئۇيغۇر تىلى، ئىنگلىز تىلى، كومپيۇتېر خەنزۇ تىلى، كومپيۇتېر ئىنگلىز، تىلى، كومپيۇتېر ماتېماتىكىسى، كومپيۇتېر پىروگرامما تۈزۈش تىللىرىدىن C++, C#, Java, PHP، ساندان بىلىملىرى، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىقى… قاتارلىقلار. ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىدىن لۇغەت، كوررېكتور، خەۋەر-ماقالە سىستېمىسى، «لوقمان يۈك-تاق» باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىي كودى سۆزلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش جەھەتتىكى يېڭى بىلىملەرمۇ سۆزلىنىدۇ.
تەربىيەلەنگۈچىلەر ئاۋۋال يېزىقچە ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھانلار ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ. تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە، ھەر قايسى مەزمۇنلاردىن تاپشۇرۇق بېرىلىدۇ، كىچىك سىناقلار، ئايلىق ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. بۇ جەرياندا، ئۆگىنىشتە لاياقەتسىز بولۇپ قالغانلار ئايرىم يېتەكلىنىدۇ، بولمىغاندا دەرھال تەربىيەلەش سىنىپىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز كومپيۇتېر پىروگراممىسى لايىھەلەشتە ھەقىقىي ياراملىق، ئىختىساس ئىگىسى قىلىپ تەربىيەلەش.
ناۋادا تىزىملىتىدىغانلار كۆپ بولسا، بىرنەچچە كەسپىي سىنىپ ئېچىش، ھەتتا ئۇزۇن مۇددەتلىك كەسپىي كومپيۇتېر مەكتىپى قۇرۇش پىلانىمىزمۇ يوق ئەمەس. بۇ جەھەتتە ئۈرۈمچىدىكى نوپۇزلۇق تىل مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن.
ناۋادا، ئۇيغۇرسوفت يەنە شۇنداق كەسپىي سىنىپ ئېچىپ قالسا، ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالامسىز؟ قانداق مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشنى خالايسىز؟ قانداق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىسىز؟ قېنى مەرھەمەت.
==============================================
ئالىم ئەھەت، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇمشاق دېتال بازىرى ئۈچۈن يېڭى ۋە قولايلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۇ ئاكىسى ياسىن ئەھەت بىلەن ھەمكارلىشىپ 1997-يىلى 6-ئايدا «كومپيۇتېر ئىنگلىز تىلى» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا تۇنجى قېتىم كومپيۇتېرغا ئائىت 3000 سۆز-ئىبارە ۋە ئاتالغۇنى ئېلان قىلغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر ۋە ماتېماتىكا پەنلىرىدىن دەرس بېرىدۇ. يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، يۇمشاق دېتال لايىھەلەشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ.
ئالىم ئەھەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر پەنلىرىدىن دەرس بېرىدۇ، 16 يىلدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ۋە 20 يىلدىن ئارتۇق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، ++C/C ۋە Microsoft .NET پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى پۇختا بىلىدۇ. ئۇ 17 يېشىدىن باشلاپلا كومپيۇتېر پىروگراممىلىرىنى يېزىشقا باشلىغان. 1998-يىلى 6-ئايدا يەنى 24 يېشىدا «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى» قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى لايىھەلەپ چىققان. خادىملار بىلەن بىرلىكتە يەنە «ئايرودۇرۇم»، «لوقمان يۈك-تاق باشقۇرۇش» سىستېمىسى، رادىيو ئىستانسىسى ئۈچۈن «ماقالە» سىستېمىسى، بانكىلار ئۈچۈن «پۇل ئامانەت، ھېسابات ئاغدۇرۇش، روزغارلىق باشقۇرۇش» سىستېمىسى قاتارلىقلارنى تاماملىغان. Microsoft شىركىتىنى قايىل قىلىپ، Windows قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.
ئالىم ئەھەت، 2008-يىلى 11-ئايدا «ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى»، «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى»، «مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى» قاتارلىق مەركەزدىكى ئورۇنلار تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ تەقدىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2011-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭدىكى «جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى»، «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن «جۇڭگونىڭ پەخرى، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو ھازىرقى دەۋردە يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
- يازما كۆرۈلۈشى: 60,536 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 01-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:32
- ئالدىنقى يازما :[ۋاقىتلىق تېما] ئۇيغۇرسوفت خادىملىرى يېڭى يىللىق ئارام ئالىدۇ
- كېيىنكى يازما :Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئەپەندى.مېنىڭمۇ بۇ تەربىيلەش سېنىپىدا ئوقۇغۇم باتتى.مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەرخىل كومپىيوتىر سېستىمىللىرىنى بىمالال ئىشلىتەلەيمەن .مەسىلەن win8, winxp، win7 قاتارلىقلارنى. word، excel،Photoshop، قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلىتەلەيمەن،、ئۈستەل كومپىيوتېرى،خاتىرە كومپىيوتىرى قاتارلىقلارغا سېستىما قاچىلاش،تەڭشەش قاتارلىقلارنىمۇ بىلەن،خەنزۇتىلىنىمۇ يامان ئەمەس بىلىمەن،ئادەتتىكى كومپىيوتېر مەشغۇلات سېستىمىسى ياساشنى ئاز تولا ئۆگەنگەن. ئۇيغۇرچە خەنزۇچە تېز سۈرئەتتە خەت ئۇرالايمەن.
قانداقراق مېنىڭ سەۋىيەم بۇ سېنىپتا تەربىيەلىنىشكە سەۋىيەم توشەمدىكەن؟؟؟
ئەلۋەتتە توشىدىكەن، ئەمما ھازىر بۇ سىنىپ ئېچىلىپ، پىلان بويىچە بىرنەچچە بالىلار يېنىمدا داۋاملىق تەربىيەلىنىۋاتىدۇ ۋە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم …ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ….بۇ ئۇچۇرنى مەن بەكمۇ كىيىن كۆرۈپتىمەن ،مەن سىز بىلەن ، كومپىيۇتىرنىڭ مائۇسىنى تۇنجى قىتىم تۇتقاندىن باشلاپ بىر كۆرۈشمەكنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم (تولۇقسىزدىكى چاغدا(2007) ئەلكاتىپ يۇمشاق دىتالىنى قاچىلاش جەريانىدا ئىسمىڭىزنى كۆرگەن ، ھەم مۇشۇ يۇمشاق دىتالنى ياسىغان كىشى مۇشۇ بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ سىزنى ئوقۇغۇچى تەربىيلەمدىغاندۇ؟؟دىگەن ئويلاردا بولغان ئىدىم، )مىنىڭمۇ شۇنداق بىر كومپىيۇتىردىن تەلىم ئالغۇم ،كومپىيۇتىر بىلىملىرنى ئۈگەنگىم ،پۇل تىپىشنىڭلا كويىغا چۈشۈپ قارا قورساق بىلىمسىز قالغۇم يوق ئىدى(مەكتەپتىغۇ ھەر يىلى ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ ياخشى ئوقۇپ كەلگەن ،مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى داۋاملىق ئوقۇشقا مۇمكىن بولماي قالدى) .
كومپىيۇتىردا ھازىر دەماللىققا ئۆزۈمنىڭ ھاجىتدىن چىقالايمەن ،لىكىن ئادەم ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاۋەرسە بولمايدۇدە.. ئەپسۇسلاندىم ..لىكىن ئۈمىد ئۈزگەن يىرىم يوق .
ھامان بىر كۈنى كومپىيۇتىر بىلىملىرنى ئۈگنىشكە پۇرسەت چىقىپ قالا …
ھازىرلا ئۈرۈمچى تەرەپكە چىقىپ ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە بىر ئىش قىلىپ باققۇم بار ئىدى تولىمۇ ئەپسۇس…ئىقتىسادىم تازا يار بەرمەيدۇ .
ھەم سىز ؛ بۇنداق سىنىپ ئىچىش ئويۇم يوق دەپسىز ….راستىنلا كۆڭلۈم يىرىم بولدى .
بۇ تەكلىپنى قىلغان چاغدا سىن دەرىسلىكى ..دىگەندەك گەپلەرمۇ بوپتكەن ، شۇنىڭ ئىشى قانداق بولغاندۇ ؟ شۇنىڭدىن بولسىمۇ ئازراق بىلىمگە ئىگە بولۋالاي دىگەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەپەندىم. ئالدى بىلەن سىزنىڭ تور خاتىرىڭىزنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم .مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوشال. مۇمكىن بولسا سىز بىلەن ئايرىم سۆزلەشسەم بۇ ئارقىلىق سىزنىڭ بىز ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىڭىز شۇنداقلا تېڭىرقاش ئىچىدىكى سۇئاللىرىمىزغا(يۇقىرلاپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش دىگەندەك ) بىر قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ ئالغان بولساق قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئۇچۇر قايتۇرسىڭىز رەھمەت.
ئەسسالامئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم شاگىرت قۇبۇل قىلامسىز ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىمكا ، بۇ ئوقۇتۇش ئىشى توختاپ قالمىغاندۇ ھە ؟ جىمجىت بوپكەتتىغۇ ، مەن ھازىر غۇلجىدا ، ئوقۇش تارىخىم بەك يۇقىرى ئەمەس ،لىكىن ئۈچ يىللىق تەكشىلىكتە ئىلان لاھىيەلەش ، ئىككى يىللىق توربەت قۇرۇش تەجىربەم بار . لاھىيە ۋە كۆرۈلمە يۈز قاتارلىق جەھەتلەردىن سەزگۈم ياخشى ، مەن شۇ ئۇنداق سېستىما تىللاردىن ھېچنىمىنى بىلمەيمەن ، لىكىن ناھايىتى تىزلىكتە ئۈگىنىپ چىقىشقا ۋە ئۆز ھەسسەمنى قوشۇشقا تىرىشىمەن . مەكتىپىڭىزدا ئوقۇشقا شەرتىم توشارمۇ ؟ سىزدىن ئۈگىنىشكە ۋە سىز بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرلەشكە بېلىم باغلاقلىق ، ئۇندا قىلماي ماقۇل دەۋىتىڭا بىر ..
ھازىر بۇ تەربىيەلەش تاماملىنىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرنەچچە بالىلارغا پاي ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمەن. ھازىرچە قايتا ئېچىش پىلانىم يوق.
ھەجەپ خوش بولدۇم ئالىمكا ، ماڭا جاۋاپ يېزىپسىزكەن ! سىلىدەك ئادەمنىڭ جاۋابىنى ئېلىشمۇ بىر خوشاللىق ئىشكەن دېسە … بەك پۇشايمىنىم بار ئالىمكا بېرىپ قاتنىشالمىغىنىمغا .. لىكىن سىزگە بىر تەكلىپ ، سىز نەچچە قېتىملاپ مىللەتنىڭ ياشلىرى ، كەلگۇسىگە ئازراق بىلىم بىرەلىسەم ، ئۈگىتەلىسەم ئەڭ زور خوشاللىقىم دەپ ، ناھايىتى قايىلمەن سىزگە ، مەقسەتكە كەلسەم ، بىزدەك ئۆي يىراقتا ، نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن بېرىپ ئوقۇشقا ئامالسىز قالغانلارغا سۈرەتلىك دەرسلىك قىلىپ ، تولۇق مەزمۇنلۇق سۆزلەپ ، شۇ شېركىتىڭىز نامىدا ياكى باشقىچە ئۇسسۇلدا ھەقلىق ئوقۇتۇش پلاستىنكىسى قىلىپ چىقارغان بولسىڭىز ، بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ ئارزۇلىرىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ، بىزدەك بىلىمگە تەشنالارنىڭ ئۇسسۇزلىقىنىڭ قېنىشى ئۈچۈن بەك ياخشى ئىش بولغان بولاتتى .. ۋە سىزنىڭ تېخىمۇ جىق ئىشلارنى قىلىشىڭىز ، تەرەققى قىلىشىڭىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ قوشۇمچە كىرىم بولغان بولاتتى . تەرەققى قىلىش ئۈچۈن يەنىلا شۇ ئىقتىساد كېتىدۇ ..( سىلىدەك بايلاغىغۇ ھېچقانچە پۇل ئەمەس ئەمدى شۇنداق بولسىمۇ چاينىڭ پۇلى بولسىمۇ چىقىپ قالا دەيمىنا .. سەت ھېجايغان چىراي ئىپادىسى .. ) . بىزدە بۇنداق ئۈگىتىش دەرسلىكلىرى بەكلا ئاز ، بار بولغان تەغدىردىمۇ بەكلا خام ، چالا … توردىنغۇ يولداشلارنىڭ كۈرمىڭ ئۆگىتىش ھەقسىز دەرسلىكلىرى بار ، لىكىنزە تىل ئوخشىمىغاچقا ئۇ خەقنىڭ ئۈگەتكىنى بويىچە ئۈگەنسە ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇيغۇرچىنى نورمال قىلالماي بەك باش قېتىنچىلىقى بولىدىكەن شۇ .. سىزگە تەكلىپىم ، مۇكەممەللىككە كۈچىگەن ھالدا بىر دەرسلىك قىلغان بولسىڭىز ، ۋە سېتىۋالغانلارغا دەرستىن كىيىنكى بەزى يېتەكچىلىكنى قىلغان بولسىڭىز ، يەنى چۈشەنمىگەن قىلالمىغان جايلارنى ياكى سىز ياكى يېتىشكەن ئوقۇغۇچىلىرىڭىز چۈشەندۈرگەن بولسا ، بۇنى ئۇيغۇر سوفىتنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش بىر كومپىيوتىرغا بىرلا id نۇمۇر ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان تېخنىكا بىلەن مەخپىيلەشتۈرسىڭىز ، قالايمىقان تارقىلىپمۇ كەتمەيتى .. بۇنىڭ پۇلى سىزنىڭ شۇ قارارلىق ئوقۇش پۇلىڭىز بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ بۇنىڭدا مەسىلە يوق ، ئەجىرىڭىز ئۈچۈن شۇنىڭغا لايىق سىز .. بۇنداق بولغاندا ئورۇن ، ۋاقىت ، شۇنىڭغا ئوخشىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاسانلىشاتتى .. ناۋادا بۇ تەلەپلىرىم بەك ئېشىپ كەتكەن ياكى سەل ئارتۇق كەتكەن بولسا توغرا چۈشۈنۈڭ ھە ..
ئېلخەت ئادرىسىم : basturuk@gmail.com بۇ يەردە دىگىلى بولمايدىغان بەزى گەپلەر بولسا ئايرىم دىيىشسەكمۇ بولىدۇ … جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن …
بۇنى ئويلىشىپ بېقىشىم مۇمكىن، لېكىن ماۋۇ بىرنەچچە ئاي ئىچىدە مەن بەكلا ئالدىراش بولىمەن. ياخشى تەكلىپ-پىكىر بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!
رەھمەت ئالىمكا ، سىز بىلەن بۇ سورۇندا بۇنداق پاراڭلىشالىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەخىتلىك ۋە ئاماتلىك ھېسابلايمەن ، ئۇيغۇرنىڭ كومپىيوتىر ئالىمى ، مۇتەخەسسىسى بىلەن بۇنداق پاراڭلىشىش ئادەمنى ناھايىتى خوشال قىلىدىكەن .. ( قەلبىمدە سىز بىلگەيتىسنىڭ يىراق تۇققىنىدەكلا جۇمۇ ، ھې ھې … ) بۇ پىكىرىمنى قۇبۇل قىلغىنىڭىزغا ۋە رەنجىمىگىنىڭىزگە رەھمەت … مەنمۇ خۇددى قول ئاستىمدىكى ئادەمگە بۇيرۇق قىلغاندەكلا سۆزلەپ كەتتىم .. لىكىن كۆڭلۈمدە يامانلىق يوقلىقىنى سىزمۇ چۈشىنىسىز دەپ ئويلايمەن ( چۈشەنمىسىڭىزمۇ مەيلى ئەمدى ) . ئالدىراشلىقىڭىزنى بىلىمەن ، لىكىن بۇ ئىشنىمۇ مۇھىم كۆرگەن بولسىڭىز ، پۇرسەت بولغان چاغلاردا ئاز ئازدىن تەييارلاپ تۇرسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ بىلمەيلا قالاتتىڭىز پۈتۈپ قالغىنىنى بۇ ماتىريالنىڭ . مەنمۇ بۇ پىكىرنى ئەسلى بالدۇرراق دىگەن بولسام بوپتىكەن ، سىزمۇ 3 – قارارلىق بالىلارغا دەرس ئۆتكەن ۋاقىتنى تولۇق سۈرەتكە ئېلىپ قويغان بولسىڭىز ، تەييارلا چىقاتتى بۇ ئوقۇتۇش ماتىرىيالىمۇ . ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ئالىمكا ، پىكىرلىشىپ تۇرغان بولساق .. ( مەن تىڭتىڭچى ئەمەس جۇمۇ ، خاتىرجەم بولۇڭ ، سەت ھېجاراپ چىراي ئىپادىسى )
توردا ئۇقۇتۇش ئېلىپ بارغىلى بولماسمۇ؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەلىم مەنمۇ سىلەرنىڭ شىركەتكە كىرىپ ئۇقۇغۇچى بولاليايمەنمۇ مەن بۇيىل تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتۈرۈپ ئالى مەكتەپ كە بارمەن . دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا يۇمشاق دىتال تۈزۈش كۇرسى بارمۇدۇ ھە ، بولسا ئۇقاتىم يۇمشاق دىتال تۈزۈشكە بەك قىزقىمەن
ئالىم ئەھەت مۇئەللىم سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن ،سىز بىز ئويغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا دەپ تۈگەتكىسىز ئەڭگۈشتەر قالدۇردىڭىز .سىز بىز ھەم پۈتۈن قېىنداشلىرىمىز ئۈچۈن داۋاملىق تىرشىڭ .
مەنمۇ ئوقۇغۇم بار ئىدى ھازىر ئۆزەم ئۆگىنۋاتىمەن باھاسى ۋە شارائىتلار قانداقتۇ دىمەكچى مۇھىت ۋە بىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان كۈچلەر گېپى ئۇچۇق راسچىل ئۇستازلار ئۇچۇق يورۇق مالىملار بولسا ياخشى بولاتتى … مەن نۇرغۇن پروگراممىرچىلارنى كۆردۈم بىلىمىنى يۇشۇردۇ زىتىغا ياقمىسا بىر ئاماللارنى قىلىپ يۇقىتىدۇ ، ھەممىمىز كەلگۈسى ئەۋلات ۋە تەرەققىياتىمىزنى ئويلايمىز ….. ئىتتىپاقلىق بەك مۇھىم
مەن بۇ گەپكە جاۋاب بېرىپ بولغان، مەن بىلىمنى يوشۇرمايمەن، ئۇنى ئاتا مىراس قىلىپ بالامغا مىراس قالدۇرىدىغان ئىش يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ قىزىم بار. ئۇ بىلىمنى يوشۇرغان بىلەن 4-5 يىلغا قالماي ۋاقتى ئۆتىدۇ، ھەتتا پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا مەن قانچىلىك ئۆگەتسەم، مەيلى ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن ياكى باشقىلارغا خىزمەت قىلسۇن ياكى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن، بەرىبىر جەمئىيىتىمىزگە پايدىلىق.
ياخشىمۇسىز ئالىم مۇئەللىم، مەن پىروگرامما تۈزۈش تىللىرىدىن C++, C#, Java, PHP، ساندان بىلىملىرى، قاتارلىقلارنى ئۆگەنمەكچىدىم . كۇرۇس ئېچىلغانمىدۇ شۇنى ئۇقۇشۇپ باقاي دىگەنتىم ….؛
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، مىنىڭ مۇ بۇ ساھەدە ئۇقۇغۇم بار ئىدى، مەن تولۇق ئۇتتۇرا نى بىر يىل ئوقۇپ چىقىپ كەتكەن چۇنكى ئۇمەكتەپ تىن يىشقانچە مەنپەئەت يۇق مىدى ، مەن مەكتەپ تىن چىقىپ كىتىپ ئۆزلۈگۈمدىن ئۈگەندىم ، ھازىر ئىنگىلىسچىنى 30% بىلمەن ، خەنزۇچىنى 90% بىلمەن. كومپىيوتېرغا كەلسەك ھازىرچە ئەمدى يانفۇن تەرجىم قىلاايدىغان بولدۇم، لىكىن مەن يانە داۋاملىق ئۈگۈنۋاتىمەن. بولسا مۇشۇنداق ئۇقۇش پۇرسەتلىرى يەنە بولسا مىنىڭ بەكمۇ ئۈگەنگۈم بار ئىدى.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم :سىزگە دەيدىغان يۈرەكتىكى سۆزلىرىم بار ئىدى دىسەم بولارمۇ ؟جاۋابىڭىزنى ساخلىماي دەۋەردىم ئەمسە بىر تەكلىپىم ئىمكان بولسا ئىلى دىيارىدا يەنى غۇلجا شەھەردە نىمە ئۈچۈن بىر كومپىيۇتۇر مەكتىپى ئاچمايسىز؟ ….نىمىشقا ھەر قايسى شەھەرلەرگە ئۇيغۇر سوفىت شىركەتلىرىنىڭ تارماقلىرىنى قۇرمايسىز؟،،،،نىمە ئۈچۈن پۈتۈن شىنجاڭدىكى كومپىيۇتۇرغا ئوتتەڭ ئىشتىياقى بار ئۇيغۇر باللىرىنىڭ چاڭقاق دىلىغا تامچىلارنى سۇنمايسىز ؟…
بىلىمەن تامچىلارنى سۇنغىڭىز بار بىراق سىزدىمۇ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولمايۋاتسا كىرەك …سىزدەك بىر خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان بىر ئوغلاننىڭ چىقمىقى ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە.بىراق مىنىڭ سىزدىن ئۈمۈت قىلدىغىم ئۆزىڭىزلار تۇرىۋاتقان رايۇندىكى باللار بىلەن ئەمەس پۈتۈن شىنجاڭنڭ ھەر قايسى يىزا قىشلاقتى باللارنىمۇ ئويلىشىڭىزنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلىمەن،
ئاخىردا سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنىڭ مەڭگۈ ئوڭۇشلۇق ،،،،تۇرمۇشىڭىزنىڭ خاتىرجەم ۋە خىزمەت نەتىجىلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشنى بىر ئۇلۇغ اللادىن تىلەيمەن.
ئالىم مۇئەللىم مەن،غۇلجىدىن 2001-يىلى كومپىيۇتۇر كەسپىنى پۈتتۈرگەن ،بىراق مەن ھىچقانداق كومپىيۇتور پىراگىرامما تىللىرىنى بىلمەيمەن ..بىراق بەك قىزىقىمەن …..12 يىل جەريانىدا 5 يىل باشقىلارنىڭ قولىدا قارا ئىشچى بولۇپ ئىشىلىدىم ،،،7 يىل ھۆكىمتنىڭ قولىدا تەكلىپ بىلەن ۋاقىتلىق ئىىشلىدىم ،ھازىر بولسا ئىشلىمەي ئۆز ئالدىمغا بىر كىچىك كومپىيۇتۇر دۇككىنى ئىچىپ مەھەللەمدىكى كومپىيۇتۇرغا قىزىقىدىغان مەكتەپ ئوقۇمىغان باللارنى ئۆزەمنىڭ بىلدىغان بىلىمى ئارقىلىق تەربىيەلەپ تۇرىۋاتىمەن …بىراق مىنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگەللەپ يۇرتۇمغا ۋە خەلقىمگە بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشسامكەن دەيمەن….بىراق ئۈرۈمچىگە بىرىپ ئوقۇش مۇمكىن بولماي قىلىۋاتىدۇ….ئەگەردە شارايىتىم يىتىلىپ قالسا مەنمۇ سىز ئاچقان مەكتەپتە ئوقىسام بولامدۇ ھەم بىرەر نەرسە ئۈگۈنىيەلەمدىم،،،ياش چەكلىمىسىگە ئۇچراپ قالامدىمە ؟مۇشۇ توغۇرلۇق ماڭغا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز …….جاۋاپ كۈتۈپ ئوقۇغۇچىڭىز
1440629449 بۇ مىنى چ چ نۇمۇرۇم
ھەي ئىست !مەن سىزنى دەرىسىڭىزنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالمىغىنىمنى ئاز دەپ سىزنى كۈرۈشكىمۇ مۇيەسسەر بولالمايدىغان ئوخشايمەن.
ئەھۋالدىن قارغاندا خىلى كۆپ باللار تىزىملاتقۇدەك !
مەنمۇ تىزىملىتاتتىم !