«ئۇيغۇرسوفت كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپى» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
شىركىتىمىزدە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەم بولۇشى ئۇزۇندىن بۇيان بېشىمىزنى قاتۇرۇپ كەلگەن مەسىلە ئىدى. بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى 2 قارار كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپىنى ئېچىپ، بىرنەچچە خادىملارنى تەربىيەلەپ چىققان ئىدۇق، كېيىن ئۇلار شىركىتىمىزنىڭ غوللۇق خادىمغا ئايلىنىپ، بەزى يۇمشاق دېتاللارنى ئورتاق تاماملىدى ۋە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان شىركىتىمىز دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەپ ياكى يېڭىلاپ كېلىۋاتىمىز. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە Microsoft قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىش ھەققىدە نۇرغۇن يېڭى بىلىمگە ۋە قىممەتلىك ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق. يىل ئاخىرىدا يەنە بىرنەچچە يېڭى تۈرلەرنى ئالدۇق، ئەمما خىزمەت مىقدارىمىز ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. بىزدە ھازىر ئەمەلىي ئىش جىق، قىلالايدىغان ئادەم ئاز. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدىمىزدا شىركىتىمىزدە تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، تەربىيەلەنگەنلەر ئىچىدىن خادىم تولۇقلاشنى لايىق كۆردۇق.
بۇ تەربىيەلەش سىنىپى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇرلار:
تەربىيەلەش مەقسىتى: شىركىتىمىزگە خادىم تەربىيەلەپ، يۇمشاق دېتال ساھەسىدە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش.
تەربىيەلەش نىشانى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە، تىرىشچان، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، ئەقلى ۋە تەپەككۇرى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، كەلگۈسىدە كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈش ساھەسىدە خىزمەت قىلىشنى ۋە شىركىتىمىزدە خىزمەت قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىركىتىمىز بىلەن بىرلىكتە روناق تېپىشنى خالايدىغان ياشلار.
تەربىيەلەش مۇددىتى (دەسلەپكى لايىھە): تەخمىنەن 4 ئاي بىر باسقۇچ. ھەپتىدە 5 كۈن، كۈندە 6 سائەت، بۇنىڭ ئىچىدە 3 سائەت نەزەرىيە، 3 سائەت ئەمەلىي مەشغۇلات بولىدۇ. 1 ئاي ئەمەلىي خىزمەت پىراكتىكىسى بولىدۇ.
ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر (دەسلەپكى لايىھە): ئۇيغۇر تىلى، ئىنگلىز تىلى، كومپيۇتېر خەنزۇ تىلى، كومپيۇتېر ئىنگلىز، تىلى، كومپيۇتېر ماتېماتىكىسى، كومپيۇتېر پىروگرامما تۈزۈش تىللىرىدىن C++, C#, Java, PHP، ساندان بىلىملىرى، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىقى… قاتارلىقلار. ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىدىن لۇغەت، كوررېكتور، خەۋەر-ماقالە سىستېمىسى، «لوقمان يۈك-تاق» باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىي كودى سۆزلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش جەھەتتىكى يېڭى بىلىملەرمۇ سۆزلىنىدۇ.
تەربىيەلەنگۈچىلەر ئاۋۋال يېزىقچە ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھانلار ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ. تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە، ھەر قايسى مەزمۇنلاردىن تاپشۇرۇق بېرىلىدۇ، كىچىك سىناقلار، ئايلىق ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. بۇ جەرياندا، ئۆگىنىشتە لاياقەتسىز بولۇپ قالغانلار ئايرىم يېتەكلىنىدۇ، بولمىغاندا دەرھال تەربىيەلەش سىنىپىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز كومپيۇتېر پىروگراممىسى لايىھەلەشتە ھەقىقىي ياراملىق، ئىختىساس ئىگىسى قىلىپ تەربىيەلەش.
ناۋادا تىزىملىتىدىغانلار كۆپ بولسا، بىرنەچچە كەسپىي سىنىپ ئېچىش، ھەتتا ئۇزۇن مۇددەتلىك كەسپىي كومپيۇتېر مەكتىپى قۇرۇش پىلانىمىزمۇ يوق ئەمەس. بۇ جەھەتتە ئۈرۈمچىدىكى نوپۇزلۇق تىل مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن.
ناۋادا، ئۇيغۇرسوفت يەنە شۇنداق كەسپىي سىنىپ ئېچىپ قالسا، ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالامسىز؟ قانداق مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشنى خالايسىز؟ قانداق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىسىز؟ قېنى مەرھەمەت.
==============================================
ئالىم ئەھەت، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇمشاق دېتال بازىرى ئۈچۈن يېڭى ۋە قولايلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۇ ئاكىسى ياسىن ئەھەت بىلەن ھەمكارلىشىپ 1997-يىلى 6-ئايدا «كومپيۇتېر ئىنگلىز تىلى» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا تۇنجى قېتىم كومپيۇتېرغا ئائىت 3000 سۆز-ئىبارە ۋە ئاتالغۇنى ئېلان قىلغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر ۋە ماتېماتىكا پەنلىرىدىن دەرس بېرىدۇ. يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، يۇمشاق دېتال لايىھەلەشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ.
ئالىم ئەھەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر پەنلىرىدىن دەرس بېرىدۇ، 16 يىلدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ۋە 20 يىلدىن ئارتۇق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، ++C/C ۋە Microsoft .NET پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى پۇختا بىلىدۇ. ئۇ 17 يېشىدىن باشلاپلا كومپيۇتېر پىروگراممىلىرىنى يېزىشقا باشلىغان. 1998-يىلى 6-ئايدا يەنى 24 يېشىدا «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى» قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى لايىھەلەپ چىققان. خادىملار بىلەن بىرلىكتە يەنە «ئايرودۇرۇم»، «لوقمان يۈك-تاق باشقۇرۇش» سىستېمىسى، رادىيو ئىستانسىسى ئۈچۈن «ماقالە» سىستېمىسى، بانكىلار ئۈچۈن «پۇل ئامانەت، ھېسابات ئاغدۇرۇش، روزغارلىق باشقۇرۇش» سىستېمىسى قاتارلىقلارنى تاماملىغان. Microsoft شىركىتىنى قايىل قىلىپ، Windows قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.
ئالىم ئەھەت، 2008-يىلى 11-ئايدا «ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى»، «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى»، «مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى» قاتارلىق مەركەزدىكى ئورۇنلار تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ تەقدىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2011-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭدىكى «جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى»، «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن «جۇڭگونىڭ پەخرى، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو ھازىرقى دەۋردە يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
- يازما كۆرۈلۈشى: 70,216 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 01-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:32
- ئالدىنقى يازما :[ۋاقىتلىق تېما] ئۇيغۇرسوفت خادىملىرى يېڭى يىللىق ئارام ئالىدۇ
- كېيىنكى يازما :Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىدۇ
ئالىم ئاكا سىزگە ئېلخەت يولغان ئىدىم ھازىرغىچە سىزدىن خەت قايتمدى!
مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، Microsoft تىن باشقا خەتلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىدىم، كەچ تەرەپلەردە ياتاققا قايتقاندا كۆرۈپ باقاي.
ئالىم ئەپەندى سىزگە خەت يازغان ئىدىم كۆردىڭىزمۇ يوق بىلمىدىم !
ماقۇل!
ئالىم ئەھەت ئەپەندى سىزنىڭ بىلوگىڭىزغا ئۇچۇر يازغان ئىدىم لىكىن مەن يازغان ئۇچۇر كۆرۈنمەيدۇ ، مىنىڭ كومپىيوتىر ساھەسىدە ئىشلەش ئارزۇيۇم بار ئىدى ، ئاتا ئانام بۇ ئارزۇيۇمنى قولمغاچقا مىنى ئۆزۈم ياقتۇرمايدىغان كەسىپتە ئۇقۇتى ، مانا مەكتەپ پۇتۇرگىلىمۇ 10 ئايدىن ئاشتى ، ئاتا ئانام ئۇقۇتقان كەسىپنى ياقتۇرمىغانلىقىم ئۈچۈن ھازىر غىچە خىزمەتكە بارماي 6ئايدەك كومپىيوتىر رىمنۇت قىلش ئورنىدا ئىشلدىم ، 2ئايدىن ئاشتى ھازىر ھۆكىمەت ئورنىدە تەشۋىقات لاھىلەپ ئىشلەۋاتىمە ، سىز بىلەن ئالاقلشىشنى ئويلغان بولسامۇ ئالاقلشالمدىم ، سىز ئاچقان كومپىيوتىر كۇرسدا ئۇقۇماقچى ئىدىم ، ئالىم ئەپەندى خالسىڭىز مەن بىلەن بىر ئالاقلاشقان بولسىڭز ! 75681740:چچ تېلغۇن 1559990045
تەستىقلانغاندىن كېيىن كۆرۈنىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ماڭا بىر خەت يېزىڭ، uighursoft1@hotmail.com
ھە !
مۇ ئەللىم قانداق بولدى ؟ ھەقاچان يەنەبىر قىتىم ئاچىدىغان بولغانسىز ھە !!!!!!!!!!!!!!
ياق، ھازىر شۇ ئالدىنقى قارارلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن جىددىي ئىشلەۋاتىمىز، كەچۈرۈڭ، ھازىرچە ئۇنداق پىلانىم يوق.
مۇئەللىم قىشلىق تەتىلگىمۇ ئاز قالدى جاۋابىنى بەرسىڭىز ؟
مۇئەللىم يەنەبىر قىتىم ئىچىشنى ئويلىشىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ياخشىمۇسىز سزبىلەن بىرئالاقەقىلسام بوللاتى قانداق قىلسام سىزبىلەن ئالاقىلشالايمەن مۇمكىن بولسا تېلفۇن نۇمۇرڭىزنى قالدۇرسىڭىز ياكى 13039459901 نۇمۇرغا قىسقا ئۇچۇر يازسىڭىزمۇ بولاتى سىزبىلەن كۆرشىدىغان جىدى ئىش بارئىدى مۇئەللىم ئېغىركۆرمەي ئالاقىلشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز مۇئالىم
سېتىش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيتسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر بەك جىددىي ئىش بولسا ئۇلار ماڭا خەۋەر قىلىدۇ، تېلېفون: 2839871، 2813300 مۇرات ئاكىڭىزنى ئىزدەڭ.
مۇئەللىم بۇكۇرۇسنى يەنەبىر ئاچسىڭىز بولاتتى !!!!!!!!!!!!!!!
مەن يەنە ئويلىشىپ باقاي
مۇئەللىم بۇ كۇرۇسنى ،بۇيىل قىشلىق تەتىلدە يەنەبىر ئىچىشنى ئويلاشسىڭىز !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
مۇ ئەللىم بۇ كۇرۇسنى بۇيىل قىشلىق تەتىلدە يەنەبىر ئىچەشنى ئويلاشسىڭىز !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، بۇ كۇرس يەنە ئېچىلارمۇ؟
ھازىرچە ئېنىق ئەمەس
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، مىنىڭ بۇ تەربىيلەش سىنىپىدا بەكلا ئوقۇغۇم بار ، سوراپ باقسام : بۇنىڭدا شەنبە يەكشەنبىلىك سىنىپمۇ بارمۇ ؟ ئەگەر يوق بوپقالسا ماڭا قانداق ۋاقىتتا ئوقۇش پۇرسىتى نېسىپ بولىدۇ ؟ قىشلىق تەتىلدىچۇ ؟
مەنمۇ بۇ سىنىپتا ئوقۇغۇم بار ئىدى ، بىراق مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، بۇ سىنىپ شەنبە – يەكشەنبىلىك سىنىپمۇ بارمۇ ؟