«ئۇيغۇرسوفت كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپى» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپى» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

شىركىتىمىزدە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەم بولۇشى ئۇزۇندىن بۇيان بېشىمىزنى قاتۇرۇپ كەلگەن مەسىلە ئىدى. بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى 2 قارار كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپىنى ئېچىپ، بىرنەچچە خادىملارنى تەربىيەلەپ چىققان ئىدۇق، كېيىن ئۇلار شىركىتىمىزنىڭ غوللۇق خادىمغا ئايلىنىپ، بەزى يۇمشاق دېتاللارنى ئورتاق تاماملىدى ۋە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان شىركىتىمىز دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەپ ياكى يېڭىلاپ كېلىۋاتىمىز. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە Microsoft قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىش ھەققىدە نۇرغۇن يېڭى بىلىمگە ۋە قىممەتلىك ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق. يىل ئاخىرىدا يەنە بىرنەچچە يېڭى تۈرلەرنى ئالدۇق، ئەمما خىزمەت مىقدارىمىز ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. بىزدە ھازىر ئەمەلىي ئىش جىق، قىلالايدىغان ئادەم ئاز. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدىمىزدا شىركىتىمىزدە تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، تەربىيەلەنگەنلەر ئىچىدىن خادىم تولۇقلاشنى لايىق كۆردۇق.

بۇ تەربىيەلەش سىنىپى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇرلار:

تەربىيەلەش مەقسىتى: شىركىتىمىزگە خادىم تەربىيەلەپ، يۇمشاق دېتال ساھەسىدە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش.

تەربىيەلەش نىشانى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە، تىرىشچان، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، ئەقلى ۋە تەپەككۇرى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، كەلگۈسىدە كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈش ساھەسىدە خىزمەت قىلىشنى ۋە شىركىتىمىزدە خىزمەت قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىركىتىمىز بىلەن بىرلىكتە روناق تېپىشنى خالايدىغان ياشلار.

تەربىيەلەش مۇددىتى (دەسلەپكى لايىھە): تەخمىنەن 4 ئاي بىر باسقۇچ. ھەپتىدە 5 كۈن، كۈندە 6 سائەت، بۇنىڭ ئىچىدە 3 سائەت نەزەرىيە، 3 سائەت ئەمەلىي مەشغۇلات بولىدۇ. 1 ئاي ئەمەلىي خىزمەت پىراكتىكىسى بولىدۇ.

ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر (دەسلەپكى لايىھە): ئۇيغۇر تىلى، ئىنگلىز تىلى، كومپيۇتېر خەنزۇ تىلى، كومپيۇتېر ئىنگلىز، تىلى، كومپيۇتېر ماتېماتىكىسى، كومپيۇتېر پىروگرامما تۈزۈش تىللىرىدىن C++, C#, Java, PHP، ساندان بىلىملىرى، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىقى… قاتارلىقلار. ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىدىن لۇغەت، كوررېكتور، خەۋەر-ماقالە سىستېمىسى، «لوقمان يۈك-تاق» باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىي كودى سۆزلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش جەھەتتىكى يېڭى بىلىملەرمۇ سۆزلىنىدۇ.

تەربىيەلەنگۈچىلەر ئاۋۋال يېزىقچە ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھانلار ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ. تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە، ھەر قايسى مەزمۇنلاردىن تاپشۇرۇق بېرىلىدۇ، كىچىك سىناقلار، ئايلىق ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. بۇ جەرياندا، ئۆگىنىشتە لاياقەتسىز بولۇپ قالغانلار ئايرىم يېتەكلىنىدۇ، بولمىغاندا دەرھال تەربىيەلەش سىنىپىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز كومپيۇتېر پىروگراممىسى لايىھەلەشتە ھەقىقىي ياراملىق، ئىختىساس ئىگىسى قىلىپ تەربىيەلەش.

 ناۋادا تىزىملىتىدىغانلار كۆپ بولسا، بىرنەچچە كەسپىي سىنىپ ئېچىش، ھەتتا ئۇزۇن مۇددەتلىك كەسپىي كومپيۇتېر مەكتىپى قۇرۇش پىلانىمىزمۇ يوق ئەمەس. بۇ جەھەتتە ئۈرۈمچىدىكى نوپۇزلۇق تىل مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن.

ناۋادا، ئۇيغۇرسوفت يەنە شۇنداق كەسپىي سىنىپ ئېچىپ قالسا، ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالامسىز؟ قانداق مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشنى خالايسىز؟ قانداق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىسىز؟ قېنى مەرھەمەت.

 ==============================================


ئالىم ئەھەت، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇمشاق دېتال بازىرى ئۈچۈن يېڭى ۋە قولايلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۇ ئاكىسى ياسىن ئەھەت بىلەن ھەمكارلىشىپ 1997-يىلى 6-ئايدا «كومپيۇتېر ئىنگلىز تىلى» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا تۇنجى قېتىم كومپيۇتېرغا ئائىت 3000 سۆز-ئىبارە ۋە ئاتالغۇنى ئېلان قىلغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر ۋە ماتېماتىكا پەنلىرىدىن دەرس بېرىدۇ. يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، يۇمشاق دېتال لايىھەلەشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ.

ئالىم ئەھەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر پەنلىرىدىن دەرس بېرىدۇ، 16 يىلدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ۋە 20 يىلدىن ئارتۇق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، ++C/C ۋە Microsoft .NET پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى پۇختا بىلىدۇ. ئۇ 17 يېشىدىن باشلاپلا كومپيۇتېر پىروگراممىلىرىنى يېزىشقا باشلىغان. 1998-يىلى 6-ئايدا يەنى 24 يېشىدا «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى» قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى لايىھەلەپ چىققان. خادىملار بىلەن بىرلىكتە يەنە «ئايرودۇرۇم»، «لوقمان يۈك-تاق باشقۇرۇش» سىستېمىسى، رادىيو ئىستانسىسى ئۈچۈن «ماقالە» سىستېمىسى، بانكىلار ئۈچۈن «پۇل ئامانەت، ھېسابات ئاغدۇرۇش، روزغارلىق باشقۇرۇش» سىستېمىسى قاتارلىقلارنى تاماملىغان. Microsoft شىركىتىنى قايىل قىلىپ، Windows قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.

ئالىم ئەھەت، 2008-يىلى 11-ئايدا «ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى»، «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى»، «مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى» قاتارلىق مەركەزدىكى ئورۇنلار تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ تەقدىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2011-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭدىكى «جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى»، «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن «جۇڭگونىڭ پەخرى، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو ھازىرقى دەۋردە يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
442 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 19
  • باھاسىغىلا قاراپ قالدۇق . ۋاقىت ياربىرىپلا قالسا بۇ كۇرۇستا ئوقۇغۇنۇم ئوقۇغان .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:58
  • بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، ئالىم مۇئەللىم. مەنمۇ نەنجىڭدا كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن (ئۆزەم توغرىسىدىكى مەزمۇنلار aplisin.com دا)، يەنە بىر يېرىم يىلدىن كىيىن ئوقۇشۇم پۈتىدۇ. ئوقۇشۇم پۈتكەندىن كىيىن سىز ۋە ئۇيغۇرسوفت بىلەن بەكلا ھەمكارلىشىپ قالغۇم بار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:49
    • بولىدۇ، مەن ھەمكارلىشىشنى بەكمۇ خالايمەن، تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى بىر ئالىم ئەھەت ۋە يېنىدىكى بىر-ئىككى ياردەمچىلىرى بىلەن تاماملاپ بولالمايدۇ، رەھمەت سىزگە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:51
  • ئالىم مۇئەللىم، مەن win 8 دىنمۇ بەكرەك مۇشۇ گېپىڭىزگە قىزىقاتتىم،++c غا شۇنداق ئامراق بولساممۇ،لىكىن vb2010 بىلەن ئۇزۇنراق ھەپىلىشىپ قالدىم. شۇڭا ++c ئازراق ئۈگەنگەنلەرمۇ كۇرسىڭىزدا ئوقۇسا بولامدۇ؟ مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىمەن، مەن ئۈگىنەلەيمەن. مەن بەكلا قاتناشقۇم بار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:48
    • ھېچقىسى يوق، vb2010 بىلەنمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، رادىيو ئىستانسىسى ئىشلىتىۋاتقان «ئۇيغۇرسوفت ماقالە»، «لوقمان يۈك-تاق باشقۇرۇش» سىستېمىسىنىڭ ھەممىسى vb2008 دا لايىھەلەنگەن. سەل ئاساسىڭىز بولسا تېز ئىلگىرلەيسىز. بۇ ئىشتا تەجرىبە ھەم بەك مۇھىم، تەجرىبىلەرنى كىتابتىن ئۆگىنىۋېلىش تەس.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:53
      • ئالىم مۇئەللىم، ۋاقتى تەخمىنەن قاچانراق بولار؟ ئەگەر مۇشۇ قىشلىق تەتىلدە بولسا ئالدىنئالاراق ئۇختۇرسىڭىز، بىزنى 1- ئاينىڭ ئاخىرىدا تەتىلگە قويۋىتىدىكەن، مەن ئۆيدىكىلەرگە دەپ قويۇپ، ئۇدۇللا سىزنىڭ قىشىڭىزغا بارايمىكىن دەيمەن.ھەقنىڭ قانچىلىك بولىشى بىلەن كارىم يوق، بىر كۈن بولسىمۇ، بىر ئاي بولسىمۇ بىر قاتناشقۇم بار، باشقىلار بىر كۈن قىلغان ئىشنى مەندە بىر سائەتتە قىلىشقا ھەم پاك-پاكىز قىلىشقا جاسارەت بار.ھازىر پەقەت سىزنىڭ كونكىرت ۋاقتىنى ۋە تىزىملىتىش شەرتلىرىنى ئۇختۇرۇشىڭىزغىلا قاراپ قالدىم.تىزىملىتىش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەر كېتىدۇ دېگەندەكلەرنى تەپسىلى ئۇختۇرسىڭىز.
        ھە راست ياتاق ئورۇنلاشتۇرمىسڭىز بولمايدۇ جۇمۇ، بولمىسا ئۆيىڭىزگە بېرىپ ، ئۇششۇقلۇق قىلىپ يېتىۋالىمەن،ئۈرۈمچىنىڭ ئۇ جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇقىدا مېنى مۇنالىزادەك ئولتۇرپ ئۈگىنىش قىل دېمەيدىغانسىز(چاخچاق).

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:27
        • چاقچاقلار جايىدا كەپتۇ، لېكىن بۇنداق تېز باشلىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، سىنىپتا مۇشۇنداق بىرەر قىزىقچى بالىلار بولمىسىمۇ بولمايدۇ، بولمىسا دەرس زېرىكىشلىك بولۇپ قالىدۇ (چاقچاق)

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:41
  • ياخشى ئويلاپسىز، ئالىم مۇئەللىم!
    بولسا بۇ ئىشىلىرىڭىز ئۈزلىپ قالماي، ئاخىرىغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاي! بەزى ئىشلار بىر ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېينكى ئەۋلادقا ئۆتمىسە ئۇ ئىشلار بىر ئىزدا توختاپ قالىدىكەن. ئەگەر شۇ ئىشنى قىلىدىغان ئىزباسارلار توختىماي يىتىشىپ چىقسا ئۇ ئىشتا چۇقۇم يېڭى ئىلگىرلەشلەر بارلىققا كىلىدۇ.
    ئاخىرىدا يېڭى بىر ئەۋلاد « ئالىم ئەھەد » لەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!
    (ئۆزۈم بۇ كۇرسقا قاتنىشاي دېسەم، ئاللىبۇرۇن باشقا كەسپنى باشلاپ بوپتىمەن. ئەگەر بۇ كۇرس دائىملىق تۈردە ئېچىلسا كېيىن چۇقۇم قاتنىشىمەن. )

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:31
    • ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان تىل مەكتەپلىرى بولسا، مەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېچىشنى خالايمەن. چۈنكى بۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپ ۋە كومپيۇتېر تەجرىبىخانىسى لازىم بولىدۇ. مەنمۇ يەنە نەچچە ئون ھەتتا يۈز ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ چىقسام دېگەن ئارزۇدا

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:47
  • الىم مۇئەللىم :
    مەن قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ،ئۈزۈم خوتەندىن،بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمەن…..ئالدنىقى يىلى كۇرستا vb نى ئۈگەنگەن…مىنىڭ شۇنداق پىروگراممىر بولۇپ چىققۇم بار….شۇنى سوراپ باقسام بۇ قېتىملىق تەربىيلەشنىڭ ھەققى قانچىلىك بولار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:26
    • ئاز ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش مەقسەت قىلىنىدۇ. شۇڭا، بەك ئۇزۇن مۇددەتلىك بولمىغاچقا، ئوقۇش ھەققىمۇ قىممەت بولمايدۇ، بەلكىم بىر پىروگراممېرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئايلىق ئىش ھەققى ئۆلچەم قىلىنىشى مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:45
      • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، بولسا كۇرۇسنىڭ ئوقۇش پۇلىنىڭ زادى قانچەپۇل بولىدىغانلىقى توغۇرلۇق كونكىرت بىرنەرسە دىگەن بولسىڭىز، كۆڭلىمىزدە سان تۇرغۇزىۋالساق ياخشى بولاتتى . ئۆزۈممۇ خېلى كۆپ شىركەتلەرنىڭ توربىكىتىنى تۈزگەن ، ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا نۇرغۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈش لاھيىھەلىرىنى تاماملاپ ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن ، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى بىر شەخسى تەربىلەش مەركىزىدە كومپىيۇتىردىن دەرىس بىرىۋاتىمەن . ئەگەر مۇۋاپىق بولسا مەن ھازىرقى خىزمىتىمنى تاشلاپلا بىرىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى ، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن تىزرەك خەۋەردار بولساق ، ئوقۇش پۇلىنى غەملىگەچ تۇراتتۇق . ھې ھې ھې

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى am 11:01
  • بۇ بەك ئىسل ياخشى ئىش بوپتۇ ،تىزىملىتىدىغانلار ئۇيغۇر سوفت شىركىتىگە بېرىپ تىزىملىتامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:13
    • ئەگەر قىزغىنلىق يۇقىرى بولسا، تىزىملىتىش ئىشلىرىنى ئايرىم ئۇقتۇرىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:20
      • ھە مىنىڭ بەك ئوقۇغۇم بار بولۇپمۇ كومپىيۇتىر پورگىرامما لاھىيەلەش ئىشلىرىغا بەق قىزقىمەن لىكىن مەن بۇ يىل ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بىرەتتىم كىلەركى يىلى يەنە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلارسىلەنمۇ ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى am 03:15
  • جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن، ئەگەر ئىنكاسىم يۇيلىپ كەتسىمۇ ئەجەپلەنمەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:12
    • نەچچە كۈن بولدى، بىلوگىم نورمال ئەمەس، ھوجۇمغا ئۇچراپ تۇرىۋاتىدۇ، شۇڭا بىر تەرەپتىن سانداننى زاپاسلاپ، مەسىلىنى تېپىۋاتىمەن. بۇ يەردىكى ئىنكاستا مەسىلە بولمىسىلا، ئالدىراپ يۇيۇلۇپ كەتمەيدۇ. خاتىرجەم بولۇڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:41
      • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز،مەن سىز دىگەن بۇ كۇرۇسقا قاتنىشىپ لاياقەتلىك بىر پىروگىراممىر بولۇپ يىتىشىپ چىقىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلمەن،مۇئەللىم كۇرۇسقا قانداق تىزىملىتىمىز؟مەن ئالاقىلىشش نۇمۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويسام مۇئەللىم ماڭا يول كورسەتكەن بولسىڭىز،مەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرستىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى،18599098828

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:15
  • ۋاي ھازىر بىر ئىنكاس تۇراتتىغۇ ، ئەلۋەتتە ئالىم ئەخەتنى مىكروسوفىت ئىزدىگەندۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:11
  • ئالىم مۇئەللىم :
    مەن قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ،،بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمەن…..ئالدنىقى يىلى كۇرستا vb نى ئۈگەنگەن…مىنىڭ شۇنداق پىروگراممىر بولۇپ چىققۇم بار….شۇنى سوراپ باقسام بۇ قېتىملىق تەربىيلەشنىڭ ھەققى قانچىلىك بولار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:11
  • تەربىيلەش ئورنىغا نىمە ئۈچۈن تېخى ئەمدى تولۇقسىزنى پۇتتۇرگەن ‹كۆپنى كۆرگەن › مەدىنيەت سەۋيىسى ‹يۇقىرى› ياشلارنى تاللاپ قالدىڭلار؟
    كىندېجى نىڭ جۇڭگۇدىكى باش دىرىكتۇرى بىر قىتىملىق لىكسىيەدە مۇنداق سورىغان ،يىڭى خىزمەتكە كىرگەن ياللانما خادىم بولكا پىشۇرسا ،قانچىلىك ۋاقىتتا ئۇزىنىڭ ئۇستىسىنىڭكىگە ئوخشاش تەمدىكى بولكىنى پىشۇرالايدۇ؟
    جاۋاپلار – بىر ئاي،- ئۇچ ئاي،- بىر يىل ،-بىر ئۆمۈر ئوخشاش قىلالمايدۇ.
    خوش ،دىرىكتۇر ئۆزى جاۋاپ بەردى، ئالتە سائەت.
    ئۇلارنىڭ ھەممە خىزمەت شەكلى ، پىرىنسىپى ،ئۇسۇلى ئوخشاش بىر خىل (标准一体化). شۇنداقلا قوشۇپ ئۇلارغا لازىم ئادەممۇ تولۇقسىز سەۋيەسىگە ئىگە بولسا كۇپايە دېگەن.
    قېنى بۇ خىل 20 – ئەسىېرنىڭ ئوتتۇردىكى كارخانا باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى سىزنىڭ بۇ يەردە ،ئۇيغۇر سوفىت ئۈچۈن يىڭى بىر خىزمەتچى خادىملەرنى يېتىشتۈرۈپ بىرەلىسە ئەجەپ ئەمەس.
    بۇ يەردە تەربىيلىنىپ چىققاندىن كىيىن ياخشىلىرىنى سىز ئېلىپ قىلىپ ‹يۇقىرى › مۇئاش بىلەن ئىشلىتىسىز، قالغانلىرى ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇر سوفىت دىن بىرنى ئاچامدۇ ياكى ئالما بىلەن ھەمكارلىشىپ ماك سىستىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئاچامدۇ!؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:10
    • قىزغىنلىقى يۇقىرى بولسا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئارىسىدىنمۇ ياراملىق خادىملارنى تەربىيەلەشكە بولىدۇ. چۈنكى بىز قىسقا مۇددەتلىك كۇرۇستا چوڭ سىستېما تۈزۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلمايمىز، بەلكى ئەپ يېزىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىمىز. مەسىلەن: كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر، يان تېلېفون قاتارلىقلارغا ئەپ يېزىش. ئەڭ ياخشىلىرىنى بىز ئۆزىمىز ئىشلىتىمىز. ئاندىن بارا-بارا چوڭ سىستېما يېزىشقا قاتنىشىدۇ. ئىلگىرى تەربىيەلەنگەن بالىلارمۇ شۇنداق قىلغان ئىدى. مەسىلەن: رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «ماقالە» سىستېمىسى، لوقمان يۈك-تاق باشقۇرۇش سىستېمىسى دېگەندەك.
      ئەلۋەتتە ئوقۇيدىغانلار قانداق نەرسە ئۆگىنىشنى ئۆزى تاللىسىمۇ بولىدۇ، ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرسوفتتا ئىشلەمدۇ؟ ھەتتا مىكروسوفتقا كېتەمدۇ؟ ياكى ئايرىم بىرنى ئاچامدۇ؟ ئىشقىلىپ جەمئىيەتتە مۇشۇ ساھەدىكى ئىختىساسلىق خادىملار كۆپلەپ مەيدانغا كەلسە ھەممىمىزگە پايدىلىق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:31
    • بولسا مۇشۇ ئىشنى مۇكەممەل قىلىپ ئۆزىڭىزلا قىلمامسىز؟
      قارىغاندا لېكسىىيەنى خېلى ئاڭلاپ قويىدىكەنسىز ھە؟ 21-ئەسىردىكى ياكى كېيىنكى ئەسىردىكى ئەڭ يېڭى ئادەم كۈچى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى سۆزلەپ باقمامسىز؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 20:13
    • سىز بولمىسا خېلى ئوقىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىكەنسىز ئەمما بۇ بىلىملىرىڭىزنى تومتاق ئۆزلەشتۇۈۋاپسىز … سىز بىر ئىشقا كۆڭۈل بۆلسىڭىز ئۇنى ئۆزىڭىزگە ئۆزلەشتۈرۈپ ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭ ئاندىن تىگىگە يىتەلەيسىز….

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى am 10:09
    • قىزىقىش- 2007-يىلى ئالىم مۇئەللىمنىڭ لىكسىيسىنى ئاڭلىدىم. ۋە مەندە بۇ ساھەگە قىزىقىش بولدى.
      باشلىنىش – 2007-يىلى ++cئايلىق كۇرسقا قاتناشتىم
      چۇشىنىش – 2008-يىلى VB دەرس بېرىلدى 4سائەت دەس ئاگلاپلا بىر كود يىزىپ چىقتىم .
      چوڭقۇرلاش-2009-يىلى 2012-يىلىغىچە بىر شېركەتتە# C بىلەن شوغۇللاندىم.
      ئاتلاش- 2011-يىلى بىر دوستۇمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن python ،php ئۆگەندىم 2ھەپتە ۋاقىت كەتتى.ھازىر js,php,python,C#,as تىلىرىدن ئورتاقلىشالايمەن.
      خاتىمە- ھازىر ئەڭ ياخشى باسقۇچتا ئىدىم .قايسى كودئۇچۇرسا شۇنى يازالايتتىم ياكى باشقا تىلغا ئايلاندۇرالايتتىم . 28 ياشقا كىردىم توي قىلىش ئالدىدا . بەك كېچىكىپ بۇساھەگە قەدەم بىېسىپتىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:08
    • ئىسمىڭىز ئويغان بولغىنى بىلەن تېخى تۇلۇق ئۇغانمىغان ئادەم ئىكەنسىز ئالىم ئەخەت ئاكىمىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بۇساھادىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق ئادەملەرنىڭ بىرى مەنچە ئۇنىڭ ئۇيلىغىنى توغرا سىز شۇنىڭغىمۇ تەنە گەپلەرنى يېزىپ قىلتاق سېلىپ بېقىپسىز ،تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرگەن ياشلارنى ياراتماپسىز ئۇلاردىنمۇ ياراملىق كىشىلەر چىقىدۇ بەزىلىرى ئۇقۇشقا ئامالسىز قېلىپ ئۇقۇمىغانلارمۇ كۆپ ،دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملارمۇ ھەتتا باشلانغۇچ سەۋىيىدە ،ئادەم دىگەن تىرىشسا ،شارائىت بولسا نىمە ئىشلارنى قىلالمايدۇ،مەن ئالى مەكتەپ ئۇقۇغان ئۇزى تۇلۇقسىز سەۋىيىدە بولسا نارازى بۇلۇپ شۇنداق يازدى ھەقەچان دەپ ئۇيلاپ يۇرمەڭ يەنە .سىزمۇ تىزراق ھەقىقى ئۇيغۇنۇڭ ،مەن ئۇرۇمچىدىن بەك يىراق ھەم خىزمەت سەۋەبىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۈرۈمچىگە بارلمايمەن ئەگەر توردا ئۇقۇش دىگەندەك شارائىتلار بولسا ئۇقۇيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:02
  • تەربىلەش ھەققىچۇ؟ئورنى شىركەتنىڭ ئۆزىدىمۇياكى باشقاجايدىمۇ؟كونكىرىت تەربىلەش ۋاقتى قانچىلىك؟تەتىللىك تەربىلىنىشكەبۇلامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:09
    • ئايرىم جايدا بولىدۇ، ئوقۇيدىغانلار كۆپ بولسا بەلكىم ئۈرۈمچىدىكى شەخسلەر ئاچقان بىرەر مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىشىش قېلىشىمىز مۇمكىن. تەربىيەلەش ھەققى بەك قىممەت بولمايدۇ، بەلكىم دىيارىمىزدىكى بىرەر پىروگراممېرنىڭ بىر ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مۇئاشى بىلەن ئۆلچەم قىلىنىشى مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:34
      • ئادەتتە دىيارىمىزدىكى پىروگراممېرنىڭ بىر ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مۇئاشى نەچچە پۇل ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ،سوراپ باقسام بولامدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:12
  • مەن بۇ ئشقا بەك قىزىقاتتىم ،ئەمما مەن بىر ئوقۇغۇچ، ياكى ئوقۇغۇچى بولسىمۇ بولامدۇيا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:05
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمكا ھارمىغايسىز! ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن! كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ئۇل سىلىشىمىز ،ئۇلىمىز پۇختا بولىشى كىرەك ،شۇندىلا بىز ئۆزىمىزنى تونىتالايمىز!خەلقىمىز سىزدىن پەخىرلىنىدۇ!سىز بىزنىڭ ئىپتىخارىمىز! تىنىڭىز سالامەت بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:04
    • ئۆز ۋاقتىدا مەنمۇ دىلشات ھېۋزۇللانىڭ كۇرسىدىن تەربىيەلىنىپ چىققان، مەنمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشىم كېرەك. يېڭىدىن ئۆگەنمەكچى بولغانلار پىشقەدەم ئۇستازلاردەك ياكى مەندەك كۆپ جاپا تارتسا بولمايدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوقۇم ھەقىقىي بىر نەرسىنى ئۆگىنىشى ھەمدە ئۆنۈمىنى كۆرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر پىروگراممېرلارغا ھەسسىلەپ ئېھتىياجى چۈشىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:39
      • مەنمۇ شۇ كۇرۇسنى ئاچسىڭىز قاتنىشاي دىگەن مەن C# java
        دىگەن تىللارنى بىلەتتىم قاچان ئىچىلىدىغىنى ئىنىق بولسا بولاتتى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 18:10
  • بۇ ئويىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بوپتۇ. ‹‹بىرلەشكەن ئۇزار،بىرلەشمىگەن تۈزار››دەپتىكەن. بولسا تىزرەك باشلانسا بۇلاتتى.بۇ چەكلىك ھاياتتا ئامال بار جىق بىلىمنى ئۆگۈنۈپ، ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى دۇنياغا تېخىمۇ تۇنۇتساق!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:01
  • بىر سۇئالىم بار،ئاۋال ئالىم ئەھەت مۇئەللىم مىكىروسوفىتنى ئىزدىگەنمۇ ياكى مىكىروسوفىت شېركىتى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنى ئىزدىگەنمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:53
    • ===================
      Microsoft شىركىتىنى قايىل قىلىپ، Windows قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.
      ===================
      ئەلۋەتتە ئالىم مۇئەللىم مىكروسوفتنى ئىزدەپ بارىدۇ دە.
      بىز ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرمىساق خەق بىكاردىن بىكار قىلىپ بەرمەيدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:03
    • ئاۋۋال (ئۇيغۇرسوفت) ئالىم ئەھەت مۇئەللىم مىكروسوفتنى ئىزدىگەن، كېيىن مىكروسوفت ئۇيغۇرچىنى ئاۋۋال ئىشلەشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، (ئۇيغۇرسوفت) ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلغان.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:06
    • بۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ بۇ تېما بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 16:16
      • ئەلۋەتتە مۇناسىۋىتى باردە

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 14:08
      • ئالىم ئەھەت ئەپەندى ياخشىمۇ سىز ؟ مىنىڭ كومپىيوتىر ساھەسىدە ئىشلەش ئارزۇيۇم بار ئىدى ، ئاتا ئانام بۇ ئارزۇيۇمنى قولمغاچقا مىنى ئۆزۈم ياقتۇرمايدىغان كەسىپتە ئۇقۇتى ، مانا مەكتەپ پۇتۇرگىلىمۇ 10 ئايدىن ئاشتى ، ئاتا ئانام ئۇقۇتقان كەسىپنى ياقتۇرمىغانلىقىم ئۈچۈن ھازىر غىچە خىزمەتكە بارماي 6ئايدەك كومپىيوتىر رىمنۇت قىلش ئورنىدا ئىشلدىم ، 2ئايدىن ئاشتى ھازىر ھۆكىمەت ئورنىدە تەشۋىقات لاھىلەپ ئىشلەۋاتىمە ، سىز بىلەن ئالاقلشىشنى ئويلغان بولسامۇ ئالاقلشالمدىم ، سىز ئاچقان كومپىيوتىر كۇرسدا ئۇقۇماقچى ئىدىم ، ئالىم ئەپەندى خالسىڭىز مەن بىلەن بىر ئالاقلاشقان بولسىڭز !

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 16:26
    • ئىسمىڭىز ئويغان بولغان بىلەن ئويغانمىغان بالىكەنسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 20:07
      • راست دەيسىز شۇڭا ئىسمىنى «ئويغان» دەپتۇ تېخى ئويغانمىغان. ئويغانغان بولسا ئۆزىگە «ئويغان» دەپ يۈرمەيدۇ-دە.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:52
    • قارغاندا ھەممەيلەن ئىسمىڭىزدىن نارازى ئىكەن !

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 20:13
    • ئالىم ئەھەت ئەپەندى ياخشىمۇ سىز ؟ مىنىڭ كومپىيوتىر ساھەسىدە ئىشلەش ئارزۇيۇم بار ئىدى ، ئاتا ئانام بۇ ئارزۇيۇمنى قولمغاچقا مىنى ئۆزۈم ياقتۇرمايدىغان كەسىپتە ئۇقۇتى ، مانا مەكتەپ پۇتۇرگىلىمۇ 10 ئايدىن ئاشتى ، ئاتا ئانام ئۇقۇتقان كەسىپنى ياقتۇرمىغانلىقىم ئۈچۈن ھازىر غىچە خىزمەتكە بارماي 6ئايدەك كومپىيوتىر رىمنۇت قىلش ئورنىدا ئىشلدىم ، 2ئايدىن ئاشتى ھازىر ھۆكىمەت ئورنىدە تەشۋىقات لاھىلەپ ئىشلەۋاتىمە ، سىز بىلەن ئالاقلشىشنى ئويلغان بولسامۇ ئالاقلشالمدىم ، سىز ئاچقان كومپىيوتىر كۇرسدا ئۇقۇماقچى ئىدىم ، ئالىم ئەپەندى خالسىڭىز مەن بىلەن بىر ئالاقلاشقان بولسىڭز !

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 16:20
باھا بېتى: 1 2 3 19