Windows 8 نى قاچىلاپ، تىل ئارايۈزى بولىقى (LIP)نى تەڭشەش | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 نى قاچىلاپ، تىل ئارايۈزى بولىقى (LIP)نى تەڭشەش

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

(1) Windows 8-Setup.exe (ياكى Windows 安装) نى بېسىپ، دەرھال قاچىلاشنى باسسىڭىز (ياكى ئويۇۋالغان ئوپتىك دىسكا بويىچە قوزغاتسىڭىز)، Windows 8 نى قاچىلاشقا تەييارلىنىدۇ

(2) قاچىلاشتىن بۇرۇن ئەڭ يېڭىسىغا ئېرىشىپ قاچىلامسىز دەپ سورايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن ياق، رەھمەت (No, thanks) تاللاڭ، قاچىلاپ بولۇپ يېڭىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاندىن كېيىنكى (Next)نى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

(3) مەھسۇلات ئاچقۇچىنى كىرگۈزۈپ، كېيىنكى (Next)نى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

(4) ئىشلىتىش شەرتلىرىگە قوشۇلىدىغان ياكى قوشۇلمايدىغانلىقىڭىزنى سورايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىجازەت شەرتلىرىگە قوشۇلىمەن (I accept the licence terms)نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ، قوشۇلىمەن(Accept)نى تاللاپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

(5) بۇنىڭ ئىچىدىن پەقەت خۇسۇسىي ھۆججەتلىرىمنى ساقلاپ قالىمەن (Keep personal files only)نى تاللاپ، كېيىنكى (Next)نى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

(6) دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى بىر قېتىم جەزىملەشتۈرىسىز، مەسىلەن: تىل، …دېگەندەك. بۇنىڭ ئىچىدىن دەلىللەش (Confirm)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

(7) قاچىلاشقا تەييارلىنىش كۆزنىكىدە Windows 8 نىڭ كەسپىي نۇسخىسىنى قاچىلاشقا تەييارلانغانلىقىنى، خۇسۇسىي ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن قاچىلاش (Install)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

(8) قاچىلاش داۋامىدا بىرنەچچە قېتىم كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىشىڭىز مۇمكىن، سەۋر قىلىڭ.

(9) قاچىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىلىپ تۆۋەندىكى باشلاش ئېكرانى كۆرۈنىدۇ. قاچىلاش شۇنداق ئاددىي.

==========================================================
Windows LIP دېگەن نېمە؟
Microsoft Windows LIP (تىل ئارايۈزى بولىقى) يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ياكى ئاساسىي ئېقىمدا بولمىغان تىل بازىرى ئۈچۈن يۇقىرى سۈپەتتە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن «تېرە»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىدىغان رايونلار Microsoft ئۈچۈن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ھېسابلىنىدۇ.

(10) ئەمما ئېكران كۆرۈنۈشلىرى ئىنگلىزچە ئىكەن. بۇنى خەنزۇچە قىلىش ئۈچۈن، «كونترول تاختىسى»دىن «سائەت، تىل ۋە رايونلار»نى تاللاپ، «تىل»نىڭ ئىچىدىن (中文)中华人民共和国 نى تاللاپ، ئۈستىگە يۆتكەش (Move Up)نى بېسىڭ.

(11) توردىن خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ.

(12) خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن «تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش»نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

(13) خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقى چۈشۈرۈلۈۋاتىدۇ، چوڭلۇقى 95.40MB، ساقلاپ تۇرۇڭ.

(14) خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى قاچىلاش تاماملاندى.

(15) كۆرسىتىش تىلىنى خەنزۇچىگە توغرىلاپ، سىستېمىدىن دەرھال چېكىنىش ئۈچۈن، دەرھال چېكىنىش (log off now)نى بېسىڭ.

(16) كومپيۇتېر قايتا قوزغالغاندىن كېيىن، باشلاش ئېكرانى پۈتۈنلەي خەنزۇچە كۆرۈنىدۇ.

كېيىنكى قېتىم ئۇيغۇرچىگە تەڭشەشنى چۈشەندۈرىمەن، داۋاملىق زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
296 پارچە باھا يېزىلدى
  • بۇرادەرلەر win8ئىشلتىش جەريانىدا قايسىىڭلار مۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ باقتىڭلار .تۇيۇقسىز
    unexpected kernel mode trap
    دىگەن سېستىما خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدۇ ئاندىن كومپيوتېر قايتا قوزغىلىدۇ.بۈگۈن بىر كۈندە نەچچە قېتىم مۇشۇنداق بولدى .سېستىمىنى قايتا قاچىلىساممۇ ئوخشاش.كومپىيوتېر سەپلىمىسىدىن چاتاق چىققانمىدۇ دەپ ۋىن 7نى قاچىلاپ باققان نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:24
  • ئۇنداق ئەمەسقۇ… ھازىر كۆپلىگەن دوستلىرىمىز مۇشۇ يازما ئاستىدىكى بىلىم بويىچە ، يېڭى سېستىمىغا يۈرۈش قىلىپ كەتتى…
    پەقەت شۇ ئىنكاس يازىدىغانلار سىناق، تەتقىقات باسقۇچىدا…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 22:50
  • بۇ تېما سۈكۈتتە ياتقان تەكلىماكانغا ئوخشاپ قالدىغۇ؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى am 07:23
  • دەسلەپ سىناق نۇسخىسى چىققاندا قاچىلىغاندا، كومپىيوتېرىم شۇنداق نۇرمال، سۈرئىتىمۇ بەك تېز ياخشى ئىشلىگەن. بۇ قېتىم ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەندىن سىرت، لەپتۇپقا سىناق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ئىدىم. شىنجاڭنىڭ پويىزلىرىدەك بەك ئېغىر ماڭىدىغان بۇلۇپ قالدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:17
    • ھەقسىزگە ئۆگىنىپ قېلىپ، ھەقلىقكە ئۆگىنىپ بولالماپسىزدە (چاقچاق). بىر كۈنى يېرىم كۈن ۋاقىت چىقىرىپ قايتىدىن فورماتلاپ ئالدىرماي بىر قاچىلاپ كۆرۈپ بېقىڭ، مېنىڭچە ئۇنداق بولمايدۇ، ھەممە ئادەم ماختاۋاتسا.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:08
    • سىزنىڭمۇ مەن يۇقىرىدا مۇتلىپ ئىسىملىك تورداشقا دېگەنگە ئوخشاش ئەھۋال كىلىپ چىققان گەپ، سىز ئەڭ ياخشىسى مەن يۇقىرىدا دېگەن ئۇسۇلنى سىناپ بىقىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 19:46
  • Windows8 دە ئۆچۈرۈلەلمىگەن ھۆججەتلەر بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار ، ھەر قانداق ھۆججەتنى مۇكەممەل ئۆچۈرۈشنى ئۈگىتىپ قويىمەن ، ئىلخەت ئادىرسىم xjlaqin.com@hotmail.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 16:23
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئالىم مۇئەللىم،مەنمۇ ۋىندوۋس 8 نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن،ئىشلەتكەندىن بۇيان كومپىيۇتىرىم پەقەتلا راۋان ماڭمايدۇ نىمىش قىلساملا بىردەم قىتىۋالىدۇ، كىيىن قارىسام بەك كۆپ ئىچكى ساقلىغۇچنى ۋە cpu نى ئىگەللەپ كىتىپتۇ. باشقا كومپيۇتىر ئاسراش دېتاللىرىنى قاچىلاپWindows defender نى كومپىيۇتىردىن ئۆچۈرىۋەتسەم بولامدۇ؟ بۇ سۇئاللارنى خەنزۇچە تور بىكەتلەردىنمۇ ئىزدەپ باقتىم بىراق جاۋاپلار بىردەك ئەمەس، شۇڭلاشقا سىلىدىن سوراپ بىقىشىم، ئەگەر مالال كۆرمىسىلە مۇشۇنىڭغا جاۋاب بىرىپبەرگەن بولسىلا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى am 11:29
    • مەن ئۇنى سىناق نەشرى چىققاندىن بۇيان ئىزچىل 10 ئاي ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، ئۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ باقمىدىم، سىستېمىنى قايتا قاچىلاپ بېقىڭ، كومپيۇتېر سەپلىمىسى قانداق؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى am 11:42
      • كومپيۇتىرىم Toshibaنىڭ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا بازارغا سالغان كومپيۇتىرى، i5-2430، ئىچكى ساقلىغۇچى 2G. كومپيۇتىرىمنىڭ سەپلىمىلىرى خىلى يامەن ئەمەس. ئەگەر defender بولمىسا كومپىيۇتىرنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانچىلىك تەسىرى باردۇر؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى am 11:56
    • سىزنىڭ cpu رىڭىز 64 بىتلىق نۇسخىنى قوللىغاچقا، سىستېما يىڭىلىغان ۋاقىتتا بىۋاستە 64 بىتلىق سىستىما قاچىلىنىپ كەتكەن گەپ. سىز توردىن 32 بىتىلىق نۇسخىسىنى تېپىپ قايتا قاچىلاڭ، ئاندىن ئاكتىپلاش ئۈچۈن بەيدۇغا چىقىپ ئاكتىپلاش ئۇسۇلىنى ئىزدەڭ، بەك جىق جاۋابلار چىقىدۇ… ئاندىن سىز شۇ بويىچە ئاكتىپلىۋەتسىڭىز سىستېمىڭىز پەچەت ئىشلەپ بېرىدۇ. چۈشىنەلمىسىڭىز مېنى قاچىلاڭ: 496190735
      يەنە بىرخىل ئۇسۇل: ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەڭ، 6GB ئىچكى ساقلىغۇچ بولسا يەنە بەك نورمال ئىشلەيدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:05
  • Windows 8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقامدىكىن ياكى ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 12:10
  • ئەسەلەممۇ ئەلەيكۇم مەن Windows8 نى قاچىلغان لىكىن ئاكتىپلايدىغان ۋاقىتتا ئاكتىپلاش مەغلۇپ بولدى دەپ چىقۋالدى ، خاتالىق ئۇچۇرى تۆۋەندىكىدەك «文件名, 目录名或券标语法不正确» ياردەم قىلغان بولساڭلار ، رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:50
  • ئالىم مۇئەللىم ، بىز ئۈچۈن بەك كۆپ رىيازەت چەكتىڭىز ، ئاللا مۇشۇ تارتقان جاپالىرىڭىزنىڭ ئەجرىنى بەرگەي ، ھارمىغايسىز .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى am 07:38
  • مەن كومپىيۇتىرنى ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيىتتىم شۇڭا بۇقىتىم Windows 8 ئۇيغۇرچە چىقىدىكەن دەپ ئاڭلاپ Windows 8 نى سىتىۋىلىپ كومپىيۇتىرغا باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن قاچىلىغان ئىدىم، بۈگەۈن قارىسام ئىكراندىكى كۆپ قىسىم سىنبەلگىلەرنىڭ نامى ئەرەپچىگە ئۆزگىرىپ قاپتۇ. مەن بىرەر مەشخۇلاتنى خاتا قىلدىممۇ نىمە بىلەلمىدىم، موشۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ياردەم قىلسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى am 07:15
  • ئۇيغۇرچىسىنى قاچان يوللايسىز كۆزۈم تۆت بوپ كەتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى am 00:21
  • ئالىم مۇئەللىم ، جاپا چەكتىڭىز. مەن ئىزچىل ھالدا ۋىندوۋىس 8 نى تەشۋىق قىلۋاتمەن . بۇ ئەلۋەتتە سىزنىڭ تەسىرىڭىزدىن بولغان … … ئەتراپىمدا سىزگە، ماڭا ئوخشاشلا خېلى بار …. ھارمىغايسىز… سىزنى قوللايمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 15:04
  • قېنى سڭلەر؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    ئۇنى -بۇنى يېزىپ تۇرۇڭلار .
    بىلوگنى سويۇتۇپ قويماي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 13:39
  • مەن ئۇيغۇر سوفىتنىڭ ئېلىكتىرونلىق خەت ساندۇقى بىلەن ۋىن7 نىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈچگۈچىسىدىن باشقا ئۇيغۇرچە نەرسىسىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئالىم مۇئەللىمنىڭ بىكار ۋاقتى چىقىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم ئەمىسە …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 03:13
  • تورداشلار قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ mastercardدىگەن ئىناۋەتلىك كارتىسىغا windows8 نى سىتېۋالغىلى بولامۇ؟ئشلىتىپ باققانلار بامۇ؟ مەن قۇرۇلۇش بانكىسىغا بىرىپ visaئىناۋەتلىك كارتا دەپ ئىلتىماس قىلىپ بىر ئاي ساقلىسام mastercard بولۇپ تەستىقلىنىپتۇ، ئۇ كارتا تىخى قۇلۇمغا كەلمىدى توردىن سۈرۇشتە قىلسام شۇنداق دەيدۇ،،،،،ئاڭلىسام دوللار چىقىم قىلغىلى بولدىكەن،،،،،،،،،ئشلىتىپ باققانلار بولسا يول كۆرسەتساڭلار،،،،،،،،،،ئالغىلى بولمىسا قايتا ئىلتىماس قىلاي دىگەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 23:05