Windows 8 نى قاچىلاپ، تىل ئارايۈزى بولىقى (LIP)نى تەڭشەش | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 نى قاچىلاپ، تىل ئارايۈزى بولىقى (LIP)نى تەڭشەش

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

(1) Windows 8-Setup.exe (ياكى Windows 安装) نى بېسىپ، دەرھال قاچىلاشنى باسسىڭىز (ياكى ئويۇۋالغان ئوپتىك دىسكا بويىچە قوزغاتسىڭىز)، Windows 8 نى قاچىلاشقا تەييارلىنىدۇ

(2) قاچىلاشتىن بۇرۇن ئەڭ يېڭىسىغا ئېرىشىپ قاچىلامسىز دەپ سورايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن ياق، رەھمەت (No, thanks) تاللاڭ، قاچىلاپ بولۇپ يېڭىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاندىن كېيىنكى (Next)نى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

(3) مەھسۇلات ئاچقۇچىنى كىرگۈزۈپ، كېيىنكى (Next)نى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

(4) ئىشلىتىش شەرتلىرىگە قوشۇلىدىغان ياكى قوشۇلمايدىغانلىقىڭىزنى سورايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىجازەت شەرتلىرىگە قوشۇلىمەن (I accept the licence terms)نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ، قوشۇلىمەن(Accept)نى تاللاپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

(5) بۇنىڭ ئىچىدىن پەقەت خۇسۇسىي ھۆججەتلىرىمنى ساقلاپ قالىمەن (Keep personal files only)نى تاللاپ، كېيىنكى (Next)نى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

(6) دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى بىر قېتىم جەزىملەشتۈرىسىز، مەسىلەن: تىل، …دېگەندەك. بۇنىڭ ئىچىدىن دەلىللەش (Confirm)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

(7) قاچىلاشقا تەييارلىنىش كۆزنىكىدە Windows 8 نىڭ كەسپىي نۇسخىسىنى قاچىلاشقا تەييارلانغانلىقىنى، خۇسۇسىي ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن قاچىلاش (Install)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

(8) قاچىلاش داۋامىدا بىرنەچچە قېتىم كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىشىڭىز مۇمكىن، سەۋر قىلىڭ.

(9) قاچىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىلىپ تۆۋەندىكى باشلاش ئېكرانى كۆرۈنىدۇ. قاچىلاش شۇنداق ئاددىي.

==========================================================
Windows LIP دېگەن نېمە؟
Microsoft Windows LIP (تىل ئارايۈزى بولىقى) يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ياكى ئاساسىي ئېقىمدا بولمىغان تىل بازىرى ئۈچۈن يۇقىرى سۈپەتتە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن «تېرە»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىدىغان رايونلار Microsoft ئۈچۈن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ھېسابلىنىدۇ.

(10) ئەمما ئېكران كۆرۈنۈشلىرى ئىنگلىزچە ئىكەن. بۇنى خەنزۇچە قىلىش ئۈچۈن، «كونترول تاختىسى»دىن «سائەت، تىل ۋە رايونلار»نى تاللاپ، «تىل»نىڭ ئىچىدىن (中文)中华人民共和国 نى تاللاپ، ئۈستىگە يۆتكەش (Move Up)نى بېسىڭ.

(11) توردىن خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ.

(12) خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن «تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش»نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

(13) خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقى چۈشۈرۈلۈۋاتىدۇ، چوڭلۇقى 95.40MB، ساقلاپ تۇرۇڭ.

(14) خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى قاچىلاش تاماملاندى.

(15) كۆرسىتىش تىلىنى خەنزۇچىگە توغرىلاپ، سىستېمىدىن دەرھال چېكىنىش ئۈچۈن، دەرھال چېكىنىش (log off now)نى بېسىڭ.

(16) كومپيۇتېر قايتا قوزغالغاندىن كېيىن، باشلاش ئېكرانى پۈتۈنلەي خەنزۇچە كۆرۈنىدۇ.

كېيىنكى قېتىم ئۇيغۇرچىگە تەڭشەشنى چۈشەندۈرىمەن، داۋاملىق زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
296 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 10
  • ئالىم مۇئەللىمنىڭ يازىمىلىرىنى كۆرۈش دەرىس ئاڭلىغان بىلەن ئوخشاش، يەنە كىلىپ ناھايتى يۇمۇرلۇق. رەھمەت، جاچا چەكتىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 15:45
  • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم . بىلوگىڭىزغا نىمە بولدى نەچچە كۈندىن بۇيان نورمال ئېچىلمايۋاتىدۇ . 1- مەن Windows 8 نىڭ 248 يۈەنلىكىنى سېتىۋېلىپ چۈشۈرۈپ پىلاستىنكىغا كۆچۈرۈپ ، قاچىلىغانىدىم . لىكىن مىنىڭ چۈشۈرگىنىم 64 بىتلىق Windows 8 ئىكەن . 64 بىتلىقى مەن ئىشلىتىدىغان ، مەن ئۈچۈن مۇھىم بولغان يۇمشاق دىتاللارنى قوللىمايدىكەن . شۇڭا 32 بىتلىقنى ئىشلىتەي دىسەم 32 بىتلىقىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ چۈشۈرەلمىدىم . ھەم باشتا چۈشۈرگەن سېستىمىنى 32 بىتلىق قىلىپ تەڭشىيەلمىدىم . خاپا بولماي 32 بىتلىق سېستىمىنى قانداق چۈشۈرىشىمىز توغرىلىق بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.
    2- 64 بىتلىق سېستىما بىلەن 32 بىتلىقنىڭ زادى قانداق پەرقى بار خاپا بولماي چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 15:38
    • مىنىڭكىمۇ شۇنداق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 16:45
    • 64بىت بىلەن32بىتنىڭ پەرقىنى ھازىرغىچە بىلمىدىڭىزمۇ،بۇ تۇلىمۇ كونا تېمىغۇ؟«بەيدۇ»غا باسسىڭىز شۇئان جاۋابىغا ئېرىشىسىز،مەسىلىگە يۇلۇققىنىڭىز سىزنىڭ تەلىيىڭىز،بۇ بىر ئۆگىنىش پۇرسىتى،ھەممىلا نەرسىنى ئالىم ئاكىمىزدىن سوراۋەرمەڭلار،كومپىيۇتېردا مەسىلىگە يۇلۇقساڭلار ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتمەڭلار،ئامال بار ھەل قىلىشقا تىرىشىڭلار،باشقىلار بىلەن توردا پىكىرلىشىڭلار،ئىزدىنىڭلار.مەلۇم بىر مەسىلىگە يولۇقساڭلار قانداق قىلارمەن دىمەي،بەلكى جۇڭگودىكى نەچچە يۈز مىليون ئادەمدىن بىرەرسى بولسىمۇ مۇشۇ مەسىلىگە يۇلۇققاندۇ؟دەپ ئويلاڭ،ئاندىن شۇ تېمىدا ئىزدىنىڭ،ئالدىراپلا سېستىمىنى ئۆچۈرىدىغان،قايتا يېڭىلايدىغان ئادەمگە مەن بەك ئۆچ،ئەلۋەتتە،سىزنىڭ بۇ خىلدىكى ئادەملەردىن ئەمەسلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن.تەۋىسىيەم شۇكى 64بىت سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز،بەلكىم بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە چۈشىنىپ قالىسىز.رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 22:36
  • ئالىم مۇئەللىم ئۇتۇقلىرىڭىز زىيادە بولغاي!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 15:26
  • ئۈچىيى تۈگەپ ئۆپكىسى قالدى . يەنە ئازراق چىدىساقلا بۇلىدۇ ، جاپا چەكتىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:52
  • تىل بولىقى قاچانمۇ چىقار بەك تەقەززا بولۇپ كەتتىغۇ ئادەم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:58
  • قاچان ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقتى دېگەن خەۋەرنى چىقىرارسىز مۇئەللىم؟ كۈندە نەچچە رەت ئۈمىد بېلەن كىرىپ سالپىيىپ چىقىپ كېتىپ كۈنلەر ئۈتىۋاتىدۇ-دە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:03
  • ئەمىسە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈش ئادىرسى بار يەرنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز ھە سوردىنلا سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن بولسام.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:36
  • تېما يىڭى كەن ،تېمىدىن سىرت بىرسۇئال سورىۋالاي،نىمە ئۈچۈن مىنىڭ س دىسكام بارغانسىرى يوغۇناپ كىتىدۇ؟يوغۇناش سۈرىتى بەك تىز ؟ مەن قانداق قىلغاندا بۇرۇنقى ۋندوسنىڭ ھۆجەتلىرىنى يۈيىۋىتەلەيمەن؟
    قايتىدىن قاچىلغان بولمىسا ،سېخىمى يەنىلا چوڭ ،منىڭ س دىسكامنىڭ سېخىمى 50ج .ھازىر ئاران 4،5 ج قالدى؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:29
    • ئەسسالام دۇستۇم،سىز كۆزنەك سەككىزنى قاچىلىغاندا س دېسكا رايۇننى پاكىز يۇيىۋەتكەنمۇ؟ ئەگەر س دىسكىدا ئەسلى ئېكىسپى بولغان بولسا،سىز ئۇنىڭ ئۈستىگىلا يەنى س دىسكىغا كۆزنەك سەككىزنى قاچىلىسىڭىز ئۇ چاغدا سېستىما ئاپتۇماتىك بۇرۇنقى سېستىمىڭىزنى Windows.oldدىگەن ھۆججەت قىسغۇچقا يۆتكەپ قۇيىدۇ.شۇڭا سىز بۇ ھۆججەت قىسغۇچنى ئۈچۈرىۋەتسىڭىز يىنىكلەيدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:06
      • مەن شۇنداق قىلدىم لىكىن ئۆچمىدى ،قانداق قىلىپ سېستىمنى ئەسلىگە قايتۇرالايمەن،ياردەم قىلساڭلار؟؟؟؟؟؟جىددى

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 17:09
    • Cدېسكىنى تاللاپ 属性نى ئاچىىسىز ئاندىن 磁盘清理ئارقىلىق ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.ئايرىم ئۆچۈرسىڭىز ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ ھەم تولۇق ئۆچۈرەلمەيسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى am 01:54
  • ھەي ئالىم مۇئەللىم سىز ھەقىقەتەن قىزىقچى ،كۆپ نەرسىلەرنى ئويلايسىز جۇمۇ،خەنچە تىل تاللاشنى چۈشۈندۈرۈپ كېيىنكى نۆۋەتتە ئانا تىلىمىزنى تاللاشنى چۈشۈندۈرمەكچى بولغىنىڭىز ،ياكى بۇ سىزنىڭ ھازىرقى «قوش تىل »چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقىنىڭىزمۇ؟!چاقچاق ھە ئالىم مۇئەللىم .ئادەم تىزلا ئېرىشكەن نەرسىنىڭ ئانچە قەدىرى بولمايدۇ ئەمەسمۇ،داۋامىغا تەقەززامىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:09
    • Cدېسكىنى تاللاپ 属性نى ئاچىىسىز ئاندىن 磁盘清理ئارقىلىق ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.ئايرىم ئۆچۈرسىڭىز ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ ھەم تولۇق ئۆچۈرەلمەيسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى am 01:52
      • 磁盘清理ئۇنچىۋالا قۇدىرەتلىك ئەمەس،بەزى چوڭ پىروگىراممىلارنى ئەڭ ياخشىسى «د»رايۇنغا ئورنىتىڭ،ئۇيۇنلارنىمۇ شۇنداق.ئاللىبۇرۇن ئورنىتىپ بولغان پىروگىراممىلارنىمۇ خالىمىسىڭىز يىلتىزىدىن قۇمۇرىۋەتكىلى بۇلىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى am 11:24
  • ئەگەر windows8 نى سىزدىن سېتىۋالساق ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بىرگە قۇشۇپ بېرەمسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:55
    • تىل بولىقى پۈتۈنلەي ھەقسىز، ئۇنى سېتىشقا بولمايدۇ، پەقەت Microsoft ئورگان بېكىتىدىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھازىرچە Windows 8 نى ساتمايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:05
  • ئاشكارا تارقاتسا ئىدى،بەكلا تەقەزار بۇپ تى كەتتى كىشى..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:37
  • كۆپ رەھمەت سىزگە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:49
  • رەھمەت مۇئەللىم، جاپا چەكتىڭىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:30
  • ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تېخى تولۇق تەييار بولماپتىكەنغۇ؟ كېيىنكى قېتىم دېگىنىڭىز ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چقققاندىن كېيىنمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:18
    • 8-ئايدىلا تەييار بولغان. مەن ئىشلىتىۋاتىمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:20
      • ئۇنداقتا بۇ قېتىم نېمىشقا نېمىشقا مىكروسوفىت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنمىدى؟ ئىلىشىپ قالدىم… 🙂

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:24
        • سەۋەبى بەكلا ئاددىيغۇ؟ سىزچە ئالدى بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلارنى ئويلىشامدۇ ياكى ئاللىبۇرۇن ئېچىلىپ بولغان بازارلار (ياپۇنچە، كورېىيەچە، ئەرەبچە، تۈركچە،…)نى ئويلىشامدۇ؟
          ئۈرۈمچى ئۈچتاش جەنۇبىي شەھەر قاتناش بېكىتىدە ئاپتوبوسلار گەرچە بېكەتكە كىرىپ بولسىمۇ، لېكىن ئۆز نۆۋىتى، ئۆز تەرتىپى بويىچە قوزغىلىدۇ. بېكەتكە بالدۇر كىرگەنلىرى، ئەلۋەتتە بالدۇر قوزغىلىدۇ. بۇ مۇشۇنداقلا ئاددىي ئىشقۇ، 96-ئورۇندا قوشۇلغان تىلنى شۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئېلان قىلمامدۇ؟ بۇنىڭدىنمۇ غەم يېيىش، گۇمان قىلىش، ئېلىشىپ قېلىش كېتەمدۇ؟ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە بولۇپ بولغان ئەپلەرنى ئىشلىتىپ، ئاتالغۇلارغا كۆنگەچ تۇرۇڭ، سۈرەتلەر، سىنلار، ھاۋا رايى، خەرىتە، Skydrive, Outlook،…نى ئىشلىتىپ، ھەربىر كۈنىمىزنى شاد-خۇرام، خۇشال كەيپىياتتا ئۆتكۈزەيلى، خاتالىقلار بولسا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلايلى

          يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:02
      • ئالىم مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز .

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:42
  • بەكلا ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش بوپتۇ، مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز، رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:09
باھا بېتى: 1 2 3 10