Windows 8 نى قاچىلاپ، تىل ئارايۈزى بولىقى (LIP)نى تەڭشەش
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ](1) Windows 8-Setup.exe (ياكى Windows 安装) نى بېسىپ، دەرھال قاچىلاشنى باسسىڭىز (ياكى ئويۇۋالغان ئوپتىك دىسكا بويىچە قوزغاتسىڭىز)، Windows 8 نى قاچىلاشقا تەييارلىنىدۇ
(2) قاچىلاشتىن بۇرۇن ئەڭ يېڭىسىغا ئېرىشىپ قاچىلامسىز دەپ سورايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن ياق، رەھمەت (No, thanks) تاللاڭ، قاچىلاپ بولۇپ يېڭىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاندىن كېيىنكى (Next)نى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
(3) مەھسۇلات ئاچقۇچىنى كىرگۈزۈپ، كېيىنكى (Next)نى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
(4) ئىشلىتىش شەرتلىرىگە قوشۇلىدىغان ياكى قوشۇلمايدىغانلىقىڭىزنى سورايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىجازەت شەرتلىرىگە قوشۇلىمەن (I accept the licence terms)نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ، قوشۇلىمەن(Accept)نى تاللاپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
(5) بۇنىڭ ئىچىدىن پەقەت خۇسۇسىي ھۆججەتلىرىمنى ساقلاپ قالىمەن (Keep personal files only)نى تاللاپ، كېيىنكى (Next)نى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
(6) دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى بىر قېتىم جەزىملەشتۈرىسىز، مەسىلەن: تىل، …دېگەندەك. بۇنىڭ ئىچىدىن دەلىللەش (Confirm)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
(7) قاچىلاشقا تەييارلىنىش كۆزنىكىدە Windows 8 نىڭ كەسپىي نۇسخىسىنى قاچىلاشقا تەييارلانغانلىقىنى، خۇسۇسىي ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن قاچىلاش (Install)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
(8) قاچىلاش داۋامىدا بىرنەچچە قېتىم كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىشىڭىز مۇمكىن، سەۋر قىلىڭ.
(9) قاچىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىلىپ تۆۋەندىكى باشلاش ئېكرانى كۆرۈنىدۇ. قاچىلاش شۇنداق ئاددىي.
==========================================================
Windows LIP دېگەن نېمە؟
Microsoft Windows LIP (تىل ئارايۈزى بولىقى) يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ياكى ئاساسىي ئېقىمدا بولمىغان تىل بازىرى ئۈچۈن يۇقىرى سۈپەتتە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن «تېرە»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىدىغان رايونلار Microsoft ئۈچۈن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ھېسابلىنىدۇ.
(10) ئەمما ئېكران كۆرۈنۈشلىرى ئىنگلىزچە ئىكەن. بۇنى خەنزۇچە قىلىش ئۈچۈن، «كونترول تاختىسى»دىن «سائەت، تىل ۋە رايونلار»نى تاللاپ، «تىل»نىڭ ئىچىدىن (中文)中华人民共和国 نى تاللاپ، ئۈستىگە يۆتكەش (Move Up)نى بېسىڭ.
(11) توردىن خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ.
(12) خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن «تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش»نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
(13) خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقى چۈشۈرۈلۈۋاتىدۇ، چوڭلۇقى 95.40MB، ساقلاپ تۇرۇڭ.
(14) خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى قاچىلاش تاماملاندى.
(15) كۆرسىتىش تىلىنى خەنزۇچىگە توغرىلاپ، سىستېمىدىن دەرھال چېكىنىش ئۈچۈن، دەرھال چېكىنىش (log off now)نى بېسىڭ.
(16) كومپيۇتېر قايتا قوزغالغاندىن كېيىن، باشلاش ئېكرانى پۈتۈنلەي خەنزۇچە كۆرۈنىدۇ.
كېيىنكى قېتىم ئۇيغۇرچىگە تەڭشەشنى چۈشەندۈرىمەن، داۋاملىق زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 55,430 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 8:46
- ئالدىنقى يازما :Surface ھەققىدە دەسلەپكى تەسىرات
- كېيىنكى يازما :udict.cn «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى» ھەققىدە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ئالىم مۇئەللىم،windows8 نى ئۆيدىكى ئۈستەل كومپىيوتىرىغا قاچىلىغان ئىدىم،ئاۋازنى تونۇتالماي،كىين xp قاچىلىغان،ئاشۇ windows8 نىڭ نۇمۇرىنى باشقا كومپىيوتىرغا windows8 قاچىلاپ ئىشلەتكەندە توسالغۇغا ئۇچرىماي ئاكتىپلاشتۇرغىلى بولارمۇ؟
مەن تېخى تۈنۈگۈنلا بىر نۇسخا سېتىۋېلىپ ئەمدى كومپىيوتېرىدا ئۇيغۇرچىنىڭ پەيزىنى سۈرەي دەپ قاچىلىسام ، تىل بولىقىنى چۈشۈرۈشتە (语言包无法使用) خاتالىق چىقىۋېلىپ چۈشۈرەلمىدىم . قانداق قىلسام بولا ئۇستازلار يول كۆرسەتسەڭلار .. QQ:396033559
ئاۋال ھەممە ياماقلارنى قاچىلاڭ. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە.../?p=2273
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مەن سەيئېر ئاۋانگارتللىرى مەكتەپ تورىدىن ۋىندوۋىس8نىڭ ھەقىقى نەشىرىدىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ، ئىككى كومپىيۇتېرغا چۈشۈرۈپ، قاچىلىغان ئىدىم، بىرىدە نورماك قاچىلاندىن، يەنە بىرىدە ھېچقانداق قىلىپ قاچىلىيالمىدىم، قاچىلاشتن بۇرۇن سىغىشىشچانلىقنى كۆرسەم ھەممىسى ئەپ ئۆتىدىكەن، لېكىن قاچىلاش جەريانىدا 8-مەشغۇلاتقۇچە نورمال بولۇپ، قايتا قوزغىلىمەن دەپ بىر ئۆچكەنچە يا قوزغىلالماي، يا ئۆچەلمەي، كۆكمۇ ئەمەس، قارىمۇ ئەمەس ئېكران بولۇپ دۆشىيۈپ تۇرىۋالدىم، توك مەنبەدىن ئۈزۈپ باتارىيەنى قومۇرۇپ تاشلىمىغۇچە ئۆچمەيدۇ، cدېسكىنى فورماتلاپمۇ باقتىم، جەمئىي سەككىز قېتىم سىنىدىم، ۋىندوۋس 8 نىڭ سىناق نەشىرى، ئوغرى نەشىرى، ھەقىقى نەشىرى ھەممىسىنىڭ گېپىى بىر ئوخشاشلا….
كومپىيۇتېرىم dell n5101, cpu2.3GH*4،
ئىچكى ساقلىغۇچى6GB،
cدېسكا بوشلۇق 60Gb,
سۈرەت كارتا 1Gb
, قاچىلاشقا بىرەر ئامال بارمۇ ياكى ۋىندوۋىس 8 بىلەن بۇ تىپتىكى كومپىيۇتېرنىڭ بىرەر ئۈسسۈشۈپ قالىدىغان يېرى بارمىدۇ؟
:oops:بەك ياخشى بولدى
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار .مەن بۈگۈن w8نى قاچىلاش جەريانىدا ئاچقۇچ نومۇرىنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن 出现一些问题دىگەن خەت چىقىپ ئاستىدا 我们无法判断你的电脑是否能继续安装w8,请重启安装程序!دىگەن خەت چىقىۋالدى .ئەمدى قانداق قىلسام بولىدۇ ؟ياردەم قىلساڭلار!چچ 1064580360
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !ئالىم ئاكا .
يىقىندىن بەڭگىنىڭ خىيالىغا ئوخشاش بېر خىيال بېشىمغا كىرىۋالدى،قاراپ باقسام windows7بىلەنwindows8نىڭ پەرقى بەكلا چوڭ ئەمەستەك ،باشلاش تىزىملىكى ۋە سېستىما مۇھىتىدىن باشقا تەرەپلەردە بەك چوڭ ئۆزگىرىش باردەك ئەمەس،windows8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا ئازراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپwindows7گە قاچىلىغىلى بولارمۇ؟
مەن باشقا تىلدىكى تىل بولاقلىرىنى نورمال چۈشۈرۈپ ئىشلەتتىم لېكىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرەلمىدىم ‹语言包无法使用› دىگەن خەت چىقىۋالدى بۇنى ئايرىم چۈشۈرۈپ قولدا قاچىلغىلى بولامدۇ ؟ ئۇستاز مەسلەھەت بەرسىڭىز بوپتىكەن.
مەن دىسكىغا ئويۇپ قاچىلاپ %50 گە كەلگەندە 0x8007025D خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋىلىپ قاچىلانمىدى…………. يول كۆرسەتكەن بولساڭلار …….
ماۋۇ يەرگە تىما قىلىپ يوللاپ قويدۇم … تەپسىلاتىنى كۆرۈپ بىقىڭلار ……… ياردىمىڭلارنى كۈتىمەن ………..
http://www.rohlan.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=18797&page=1&extra=#pid163429
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئالىم مۇئەللىم. مەنمۇ win8 چۈشۈرۈپ نورمال قاچىلاپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپمۇ بولدۇم. ئەمدىكى مەسلە كومپيۇتېر قۇزىلىپ ئېلچىپ كۆرۈنىدىغان ئەپلەرنى نورمال قوزغالمايۋاتىدۇ؟ قەيەردىن تەڭشەيمىز. ياردەم قىلىسىڭىز؟
windows8 قاچىلىغاندا تىل رايۇنىنى ئۇيغۇرچىغا توغىرلىماي بىۋاستە قاچىلىسىڭىزئۇيغۇرچەتىل بۇلىقىنى چۈشۈرگىنى بولمايدىكەن چۈنكى مەن windows8 ھىچقانداق تىلغاتوغىرلىماي قاچىلىغان ئىدىم!
قازاقچە ، قىرغىزچە ، ئۆزبەكچە نۇسقىلىرىنىمۇ ئىشلىۋەتسىڭىز قالتىس ئىش بولغان بولاتتى
مەبلەغ سېلىڭە ئەمسە…
مۇئەللىم ، بۇ تېمىدىكى بىر ئىنكاسىڭىزدا تىل بولىقى ھەقسىز ، مىكروسوفت بېتىدىنلا چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز دەپسىز . ئەگەر مەن ۋىندوۋس8 نىڭ ئىستىمالچىلار نۇسقىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسام ، ھەقىقىي نەشىرىنى سېتىۋالمىغان بولسام كېيىنچە شۇ تىل بولىقىنى قاچىلىساملا ئۇيغۇرچىلىشامدۇ ؟ (ھەممەيلەننىڭ ئۇنچە كۆپ پۇلى يوق ، مەنمۇ ئوقۇغۇچى ، سېتىۋېلىشقا قۇربىم يەتمىدى ) بۇ توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ كۆرگەيسىز .
ۋاھ ماۋۇ گەپ ئەجەپ بوپتۇ دىسە ،شۇنچىكى ئەرزان قىلىپ بەرسىمۇ ھەقىقىسنى ئىشلىتىشكە مادارىم يەتمەيدۇ دىمەكچىمۇ سىز ، ئۇنداق قىلىپ كەتمەيلى دوسلار ناھايتى شۇ بىر ۋاخلىق ئوپچە تاماقنىڭ پۇلىغۇ شۇ ، يەپ ئىچىپ بۇزىۋەتسەكمۇ تۈگەيدۇ شۇ 248 كوي دىگەن پۇل ھەي بولدىلا قاينىماي……………..
ھېلىمۇ مەملىكىتىمىزدە قانۇنسىز يېشىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆپلىكىدە يەنە رازى بولمامسىز؟ ھەممە ئادەم ھەقسىزنى ئىشلەتسە، پىروگراممىرلار پۇل تاپالمىسا بىز ئۈچۈن كىم پىروگرامما يېزىپ بېرىدۇ بىكارغا… ھېلىمۇ 5000 ئالىم دەرىجىلىك پىروگراممىر 3 يىل ۋاقىتتا ئاران ياساپ چىققان WindowsXP نى مۇشۇ ۋاققىچە ھەقسىز ئىشلەتتۇق، ئەگەر مۇشۇ ئىدىيىڭىز بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدە بولغان بولسىڭىز ھېلىغۇ ئالىم مۇئەللىممنىڭ بلوگىغا ئىنكاس يېزىپسىز، ھەتتا بۇنداق بلوگنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلەلمىگەن بولاتتىكەنسىزتۇق… ئۇنداق قىلمايلى دوستلار، ئىككى دوستىڭىزنى ئىككى قېتىم تاماققا ئېلىپ چىققاننىڭ ئىششى بۇ…. مەنمۇ قايناپ قالغۇدەكمەن…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم. مەن win8 غا ئەلكاتىپ تىن قازاقچە كىرگۈزەي دېسەم زادى ئەپلەشتۈرەلمىدىم، ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى جايدا ئەلكاتىپنىڭ كىرگۈزۈش تاللانمىسى يوق تۇرىدۇ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ، نەچچە قېتىملاپ قايتا قاچىلاپ باقتىم، بىر ئامال كۆرسەتكەن بولسىڭىز…
ئەستاغپۇرۇللا… مەن ئەلكاتىپ 5.5 نى سىناق قىلىپتىمەن ئەمەسمۇ… كاللا ئىشلىمىسە زادى شۇ…
قانداق دىتاللار windows8dg نورمال ئىشلىمەيدۇ.
Windows 8 نىڭ قاچىلاپ، تىل ئارايۈزى بولىقى (LIP)نىڭ
ئۇيغۇرچە بۇلىقى 2012 يىل12ئاينىڭ12كۈنى سائەت0دىن15مىنۇت ئۆتكەندە چۈشۈردىم