Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 26-ئۆكتەبىر رەسمىي تارقىتىلىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 26-ئۆكتەبىر رەسمىي تارقىتىلىدۇ

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

مىكروسوفت Windows بۆلۈمىنىڭ لېدىرى سىتىۋېن (Steven Sinofsky) چارشەنبە كۈنى شىركەتنىڭ يىللىق سېتىش يىغىنىدا، كېيىنكى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى – Windows 8 نىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي تارقىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

Windows XP, Windows VISTA ۋە Windows 7 نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى 40 دوللار تاپشۇرۇپ، Windows 8 گە دەرىجە ئۆستۈرسە بولىدىكەن. Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىسى 2009-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 630 مىليون نۇسخا سېتىلغان.

مىكروسوفتنىڭ دېيىشىچە، Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى كۆچمە ئۈسكۈنە ۋە كومپيۇتېر ئارىسىدىكى ئارىلىقنى تېخىمۇ كىچىكلىتىدىكەن، تارقىتىش مۇراسىمىدا نۇرغۇن شىركەتلەر Windows 8 قاچىلانغان قاتتىق دېتال مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىدىكەن. بۈگۈن دەل 99 كۈن قالدى.

مىكروسوفت بۇ كۈندە يەنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى (جۈمە) ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 109 تىلدىكى Windows نى دۇنيادىكى 231 دۆلەت ۋە رايوندىكى بازارغا تەڭ تارقىتىدۇ. بۇ كۈن يەنە قۇربان ھېيت كۈنىدۇر.

خەۋەر مەنبەسى:
Microsoft Windows 8 coming on October 26

ئەمەلىيەتتە Windows دىن باشقا يەنە بىر قانچە مەھسۇلاتلارمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئىدى، بىر قىسىم يېڭىلىقلارنى بەزى تورداشلار ھازىردىن باشلاپ ھېس قىلىشقا باشلاپتۇ. بەلكىم بۇ كۈندە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تېخىمۇ كۆپ مىكروسوفت مەھسۇلاتلارنى كۆرەلەيسىز. Windows پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى خالاس. بۇ يىل ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن يېڭىلىق بار. يىل ئاخىرىدا كومپيۇتېر بازىرىمۇ قايتىدىن جانلىنىشى مۇمكىن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
98 پارچە باھا يېزىلدى
  • windows8 نڭ كەسپى نۇسخىسى باھاسى 75 دوللار دەپ ئۇچۇر تورىغا ئېلان بېرىلىپتۇ…
    ئالىمجان مۇئەللىم، زاكاسنى قاچان باشلايسىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:08
  • ئەڭ ئاخىرقى RTM نۇسغىسىدا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىغىلى بولامدۇ؟ ئىچىگە قوشۇلغانمۇ ياكى ئايرىم چۈشۈرۈپ قاچىلامدۇق؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى am 09:56
    • ياق، ئۇنى تېخى بىزمۇ ئەمدى كۆرۈپ ئىشلىتىۋاتىمىز، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەممە ئىش تاماملانغاندا ئاندىن بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 17:09
  • بۇگۇن مىكروسوفىت شىركىتى ئۆزىنىڭ ھەقلىق ئەزالىرىغا يەنى msdn ئەزالىرىغا windows8 نىڭ ھەر قايسى نۇسىغىلىرىنىىڭ چۇشۇرۇش ئادىرىسىنى تەمىنلدى، يەنى بۇ ئەڭ ئاخىرقى RTM نۇسغىسى بۇلۇپ ئەسلى نۇسغىسى بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ.
    بۇ خەنزۇچە نۇسغىسى بۇلۇپ 32 بىتلىك سىستىمىغا چۇشىدۇ.
    windwos8 86 http://kuai.xunlei.com/d/GQPHDSXBQWAU
    بۇ نۇسغىسى راسمى msdn دىن چۇشۇرگەن نۇسغىسى ئىكەن sha1 قىممىتى توغرا چىقتى.

    64 بىتلىك نۇسغىسىنىڭ ئادىرىسى
    ed2k://|file|cn_windows_8_x64_dvd_915407.iso|3652950016|5C7F8C212BD3A1827866563773A431C2|
    چاقماقتا چۇشۇرسىڭىز بۇلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:26
    • مەن تۈنۈگۈن چۈشتىن باشلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن، بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكى بالىلار بىلەن بۇ سىستېمىنىڭ ئۆز تىلىمىزدا بولغانلىقىنى شۇنداق ھاياجانلىق ئىچىدە ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆردۇق، مەن قانماستىن كەچ بولغۇچە ئىشلەتتىم، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بەزى جايلارمۇ بار ئىكەن. قارىغاندا بۇ قېتىم ھېيت قىلمىساممۇ بولمىغۇدەك، بۇ نەرسە كۆڭۈلدىكىدەك پۈتسە، بىزگە كۈندە ھېيت

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:41
  • ئالىم مۇئەللىم مەن ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس قاچىلانغان لەپتوپ سېتىۋالاي دىگەن………..سېستما چىققاندىن كېيىن سېستىما قاچىلانغان كومپىيوتېرلارمۇ سېتىلارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:48
    • 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ، داڭلىق ماركىلىك كومپيۇتېرلارغا Windows 8 قاچىلىنىشقا باشلىدى، سىز داڭلىق ماركىلىق خالىغان لەپتوپ ئالسىڭىز بولۇۋېرىدۇ،
      ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بۇ خىزمەت ئاساسەن تاماملاندى. بۈگۈن چۈشتە مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، بەكمۇ ھاياجانلاندىم. ھازىرغىچە ئىشلىتىپ قانمايۋاتىمەن. ئۆز تىلىدا كومپيۇتېر ئىشلىتىش نېمەدېگەن راھەت-ھە؟!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 23:14
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز! كۆزنەك سەككىزنىڭ باھاسى نەچچە پۇل ئىكەن؟ بىر خەۋەر بەرسىڭىز. چۈنكى مەن دوسلىرىمدىن زاكاس يىغىۋاتقان كونكىرىت باھاسى مۇقىم بولسا مەن شۇ بۇيىچە ئۇلردىن زاكاس ئالسام ،چۈنكى تۆگىنىڭ مازار بىلەن كارى يوق دەپ ………
    تورداش دوسلرنىڭمۇ كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. 10-ئاينىڭ 26-كۈنى چىقسا بىزنىڭ غەربى دىيارغا قاچان يىتىپ كىلىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 20:11
  • بۇ نۇسخىسى چىققان ھامان مەن كۇمپيۇترىمنى ئېلىپ قىزىل بايراقتىكى دۇكنڭىزدىن بىر يۈرۇش سىتىۋالىمەن بىز بەك كۈتۇپ كەتتۇق بۇ كۈنى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 15:35
  • مەنمۇ چۇقۇم سېتىۋالىمەن ، يەنە بىرسى تور بىكەت باشلىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ تور بېتىدە ئىلان قىلغۇزساق قانداق بۇلار ، شۇندىلا ئاندىن كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىنىق بىلەتتى بۇ ئىشنى .
    10000 تال زاكاس چۇقۇم تۇشىدۇ ، مىنىڭچە ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كىتىشى مومكىن .
    ئاللاھ خالىسا ئىشلىرىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولسۇن ئالىم ئەھەت ئاكا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 13:34
  • زاكاز قىلىدىغىىڭلار كومپىيوتېرمۇ؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 22:23
  • ئاللا خالىسا بىز چوقۇم قوللايمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:46
  • ئەسسالمۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا مەن ئىزچىل بۇ بىلوگقا دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن. تىل-يىزىق بىر مىللەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى. دىھقان سۇنى مۇھىم بىگەندەك مىللەت تىل-يىزىقنى مۇھىم بىلىدۇ-ئەلۋەتتە. زاكاس ئىشىغا كەلسەك سىز مۇشۇ بىلوگىڭىزدا ئالدىن خەۋەر قىلسىڭىز مەن ئويغۇر دوسلىرىمغا خەۋەر قىلىپ بۇ 10000تال زاكاسنىڭ ھىچ بولمىسا 100تال زاكاسنىڭ سانىنى مەن تولدۇرىمەن.ۋاقتى كەلگەندە سىزگە ئورتاقلىشىمىز! سىز بىر بانكا ھىسابات بانكا نۇمۇرىنى بۇ بىلوگىڭىزغا يىزىپ قويسىڭىز بىر پۇلنى مۇشۇ بانكا كارتىڭىزغا ئۇرۇپ بەرسەك ! ھە راسىت تېلغۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ئاكا ! ئەسكەرتىش: تورداش دوستلرىىم ئالىم ئاكىمىز ئالدىراش شۇڭا ئانچە مۇھىم بولمىغان ئىشقىمۇ تېلغۇن قىلىپ يۈرمەڭل چۈنكى ئالىم ئاكىمىزنىڭ ۋاقتى بىكارغا كەتمىسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:34
    • زاكاز بېرىدىغانلىقىڭىزدىن خۇشال بولدۇم، لېكىن ھازىر بىر ھەپتە بولدى ساراڭدەك ئىشلەۋاتقىلى (بۇنداق دېسەم تېخى ساراڭغا ئۇۋال بولۇپ قالىدۇ)، يەنە بىر ھەپتە شۇنداق جىددىي ئىشلەيمەن، باشقا ھېچقانداق ئىشقا ۋاقىت ئاجرىتالمايمەن، بۇ ئىشلارنى مەن ۋاقتى كەلگەندە خەۋەر قىلىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى am 00:27
  • بۇ يەرگە خەت يازسام، نۇرمال يېزىلمايۋاتىدۇ…شۇڭا ئىملا خاتالىقىغا كەچۈرگەيسىلەر

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 14:53
  • ئىشقىلىپ بىر سېتىۋالايلى
    تىلىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ…
    بىر قانچە يۈز يۈەن خەجلەپ،
    كەلگۈسىمىز ئۈچۈن بولسىىمۇ…
    تىرىشىپ سېتىۋالايلىا…
    خەلقئارادىكى ئبرازىمىز ئۈچۈن بولسىىمۇ
    تىرىشىپ سېتىۋالايلى…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 14:52
  • ھەقىقىي نۇسخىسى ئېلان قىلىنغاندا چۇقۇم ئۇيغۇر سوفىت شىركتىدىن ھەقىقىي نۇسخسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 08:55
  • يەنە بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى ، ھازىر ئۇيغۇرچە تور بىكەت بىلوگ قاتارلىقلارنىڭ سانىنى ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ، ئەگەر مىكروسوفىت شىركىتى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسنى windows8 بىلەن بىرگە تارقاتسا يەنە نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇيغۇرچە تور بىكەت ياسىغۇرچىلار ئىوت ياسىسىمىسىمۇ بولاتتى . مىنىڭ ئاساسىي پىكىرىم بولسا ھەر بىر تور بىكەتتنىڭ ئىگىلىرى بىر نۇسخىدىن سىتۋالسىمۇ نەچچە يۈز نۇسخا سىتىلاتتى ، بۇنداق بولغاندا زاكاس قىلىش ئىشىمۇ ھەل بوپ قالاتتى بەلكىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 18:10
  • يەنە بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى ، ھازىر ئۇيغۇرچە تور بىكەت بىلوگ قاتارلىقلارنىڭ سانىنى ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ، ئەگەر مىكروسوفىت شىركىتى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسنى windows8 بىلەن بىرگە تارقاتسا يەنە نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇيغۇرچە تور بىكەت ياسىغۇرچىلار ئىوت ياسىسىمىسىمۇ بولاتتى . مىنىڭ ئاساسىي پىكىرىم بولسا ھەر بىر تور بىكەتتنىڭ ئىگىلىرى بىر نۇسخىدىن سىتۋالسىمۇ نەچچە يۈز نۇسخا سىتىلاتتى ، بۇنداق بولغاندا زاكاس قىلىش ئىشىمۇ ھەل بوپ قالاتتى بەلكىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 18:10