Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 26-ئۆكتەبىر رەسمىي تارقىتىلىدۇ
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]مىكروسوفت Windows بۆلۈمىنىڭ لېدىرى سىتىۋېن (Steven Sinofsky) چارشەنبە كۈنى شىركەتنىڭ يىللىق سېتىش يىغىنىدا، كېيىنكى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى – Windows 8 نىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي تارقىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
Windows XP, Windows VISTA ۋە Windows 7 نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى 40 دوللار تاپشۇرۇپ، Windows 8 گە دەرىجە ئۆستۈرسە بولىدىكەن. Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىسى 2009-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 630 مىليون نۇسخا سېتىلغان.
مىكروسوفتنىڭ دېيىشىچە، Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى كۆچمە ئۈسكۈنە ۋە كومپيۇتېر ئارىسىدىكى ئارىلىقنى تېخىمۇ كىچىكلىتىدىكەن، تارقىتىش مۇراسىمىدا نۇرغۇن شىركەتلەر Windows 8 قاچىلانغان قاتتىق دېتال مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىدىكەن. بۈگۈن دەل 99 كۈن قالدى.
مىكروسوفت بۇ كۈندە يەنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى (جۈمە) ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 109 تىلدىكى Windows نى دۇنيادىكى 231 دۆلەت ۋە رايوندىكى بازارغا تەڭ تارقىتىدۇ. بۇ كۈن يەنە قۇربان ھېيت كۈنىدۇر.
خەۋەر مەنبەسى:
Microsoft Windows 8 coming on October 26
ئەمەلىيەتتە Windows دىن باشقا يەنە بىر قانچە مەھسۇلاتلارمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئىدى، بىر قىسىم يېڭىلىقلارنى بەزى تورداشلار ھازىردىن باشلاپ ھېس قىلىشقا باشلاپتۇ. بەلكىم بۇ كۈندە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تېخىمۇ كۆپ مىكروسوفت مەھسۇلاتلارنى كۆرەلەيسىز. Windows پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى خالاس. بۇ يىل ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن يېڭىلىق بار. يىل ئاخىرىدا كومپيۇتېر بازىرىمۇ قايتىدىن جانلىنىشى مۇمكىن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 19,464 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 07-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 12:13
- ئالدىنقى يازما :Windows Phone 8 ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :Dashboard يەنى 仪表盘 نېمە دەيمىز؟
بولسا ھېلىقىدەك شىنجاڭ نۇسخىسىنى چىقىرىشقا تىرىشقان بولساق ..
10 مىڭ يۈرۈش زاكاز (ياكى 5 مىليون ) بەرسەك، بۇ تامامەن مۇمكىن. ھەتتا ئۇيغۇرچە ئايرىم خەت نۇسخىسىمۇ قوشالايمىز.
نەچچە يىلدىن بويان قىلىنغان شۇنچە تىرىشچانلىقلارغا دىيارىمىزدىن 10 مىڭ يۈرۈش سېتىۋالىدىغان كىشىلىرىمىز چىقماسما ؟؟ ئەھۋال بۇنداق ئېغىرمۇ ئەمەستۇ ؟ مەكتەپ ، ئەدىلىيە ، بانكا ، كەسپى ئورۇن ، مەمۇرى ئورۇنلار ، دوختۇرخانا ، قۇراللىق ساقچى قىسىم،نىفىت قېزىش ، ئىستىراتخۇانىيە……. دىگەندەك نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا 4000يۇەندىن مۇئاش ئېلىپ ئىشلەۋاتقانلار نۇرغۇن ئىدىغۇ….ئەجەبا نەچچە يۈز يۈەننى خەجلەپ نەچچە يىللىق ئەجىرنى سېتىۋالغان بولسا شۇ ئۆزى ئانا تىلىدا راھەتتە ئىشلىتەتتىغۇ….شۇ ئىككى قىتىم ئولتۇرۇشقا ئاز بارسىلا بولىدىغان ئىش ئىدى.ئەگەر ھەددىدىن زىيادە قىممەتلا بولمىسا مەن ئوقۇغۇچى جېنىمدا ئىككىنى سېتىۋىلىشنى قارار قىلىۋاتىمەن.
باشقىلاردىن زور ئۈمىد كۈتمىسەكمۇ، ھېچبولمىغاندا، سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، شىنجاڭدىكى 5000 كارخانىچى 2 يۈرۈشتىن سېتىۋالسا، بۇ ئىش بەك ئاسانغا چۈشەتتى.
ئالىم مۇئەللىم رەسمى نەشىردە كۆرۈنمە يۈزدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر يەنلا بۇرۇنقىدەك كىچىك بالىنىڭ خېتىدەك سەت چىقىپ قالامۇ. مىكروسوفىت ئۇيغۇر دىگەن يارىماس خەت نۇسقىسىنى چىقىرۋېتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئەلكاتىپ ياكى يۇكئجىدىكى ئەڭ چىرايلىق خەت نۇسقسىنى دەسسەتسەك بولاتتى.
Microsoft Uighur نى ئارايۈزگە ئىشلەتمىدى، ھەممىنى قىلغان ئۆزىمىز، ئۆزىمىز خەت نۇسخىلىرىنى بەك چىرايلىق ياسىۋېتىپ، ئۇلار ياسىغان نۇسخا يارىماي، سەت كۆرۈنۈپ قالدى-دە. ھېلىمۇ ئارايۈز خەت نۇسخىسى Segoe UI غا ئۇيغۇرچە قوشۇلدى. بۇ مىكروسوفتنىڭ ھەممە مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا، بۇنى ئىشلەتكەن ھەرقانداق ئۈسكۈنىلەردە ئۇيغۇرچە ئۇلاشمىدى دەيدىغان گەپ بولمايدۇ-ئەمدى. ھازىر سەت بولامدۇ؟ چىرايلىق بولامدۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن بىر چىقسۇن، سېتىلسۇن، ئومۇملاشسۇن، ئاندىن بىر گەپ بولار.
ئۇ خەت نۇسخىسى ھەرگىز سەت ئەمەس، پەقەت كىچىك.
ساقلاۋاتىمەن، ئىزچىل ساقلاۋاتىمەن، 10000يۈەن تەييارلاپ قويدۇم، windows8قاچىلانغان كومپيوتېر بىلەن، windows phone8قاچىلانغان يان تېلفۇن ئالىمەن دەپ، ئاللا خالىسا بىراقلا قوشۇپ تاختا كومپيوتېرنىمۇ سىتۋالامەن،
بىر ۋاقىتتا زاكاس قىلىش توغرىسىدا گەپلەر بۇلىۋاتقان ئىدى،ئىشلار قانداق بۇلىۋاتىدۇ…؟
Windows 8 قاچىلانغان مىكروسوفىتنىڭ تاختا كومپيۇتېرىمۇ مۇشۇ كۈندە تارقىتىلامدۇ؟
بۇ توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر يوق، لېكىن مۇشۇ يىل ئىچىدە بازارغا چىقىشى ئېنىق
ھەقىقەتەن يېڭى خۇشخەۋەرلەر چىقىۋاتىدۇ بۇ بىلوگدا…
جۈمە كۈنى، ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتتا قوش خوشاللىقلار بولىدىكەندە بىزگە
ئەمدى كۈن ساناپ ئولتۇرغۇدەكمىزدە.
ئەمدى سوراپ باقسام ئالىم مۇئەللىم، win7, xp لارنىڭ ھەقىقىيسىنى ئىشلەتكەنلەر win8 نىڭ ھەقىقىيسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن 98 يۈەن تاپشۇرساق بولىدۇ دېگەن بىر گەپنى ئۆتكەندە بىلىكتە كۆرگەن. سىزمۇ ئۈستىدىكى خەۋەردە دەپسىز 40 دوللار تاپشۇرۇپ ئىشلىتەلەيدۇ دەپ. شۇنداق بولغاندا بىزمۇ ئاشۇ ئىمتىيازلاردىن بەھىرلىنەلەمدۇق؟ دېمەكچى بولغىنىم ئۇيغۇرسوفت شىركىتى win8 نى شىنجاڭدا باش بولۇپ ساتىدۇ ئەمەسمۇ، شۇ ۋاقىتتا خېرىدارلار win7, xp لارنىڭ ھەقىقىيسىنىڭ ئىسپاتىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ win8 كە شۇ 98 يۈەننى تۆلەپلا ئەكەتسە بولامدۇ؟
ئالىم مۇئەللىم سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتساق بولا ھە !!!!!!!
تاتقان جاپالىرىڭىزنىڭ مىۋىسىنى ئاللاھ ئېگەم تېخىمۇ شىرىن تېخىمۇ تاتلىق تېتىپ يىيىشكە نىسەپ ئەيلىگەي !
ئاللاھ خالىسا كۆزنەك 8نىڭ رەسمى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۇكىنىڭىزغا بارمەن ئاللاھ خالىسا
ئۇلۇغ رامىزان ئېيڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
ھاھاھاھا يەنە نۇرغۇن مەھسۇلاتلار ئۇيغۇرچىلىشىدۇ دەڭ تېخى، مەسىلەن msn يەنە مەسىلەن, مىكروسواىت يەنە نىمىلەرنى بازاغا سالغان ئىدى؟ xbox? دىگەندەكمۇ؟
مەنمۇ تەييار ، رەسمىي ئېلان قىلىنغاندا ئالىم مۇئەللىمدىن بىرنى سېتىۋالىمەن، رەھمەت ئەجرىڭىزگە، سىز بىلەن ئۇيغۇرتىلىمىز دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى كۆرسىتىدىغان بولدى، تىرىشىڭ ، ئاللا ئۆمرىڭىزنى ئۈزۈن، ئەقلىڭىزنى زىيادە قىلسۇن…
مەنمۇ ئۇستىدى كىگە ئەگەشتىم
مۇشۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچانمۇ چىقار دەپ تەلمۈرۈپ يۈرۋاتقىلى خېلى بولغان ماڭا،خۇدايىم ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇپ چىقىشقا نىسىپ قىلغاي!
ئەمدى قىلدىغان ئىشىمىز ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىجتىمائى ئالاقە قورالى ياسىشىمز كېرەك ،خۇددى كىۇ كىۇ دەك ئۇيغۇرلىرمىز ئايرىلالماي قاسۇن بۇ دىتالدىن ،ئۇيغۇرچە مىكرو بىلوگلار چىقىۋاتىدۇ گۈدۈك ،ئەلكۈيى دىگەندەك ،پەقەت بولمىسا كىو كىۇ نىڭ شىنجاڭ نۇسقىسىنى ياساتقۇزساقمۇ بۇلىدۇ
ئۇ نەرسىمۇ بار، بىز پەقەت ئىشلىتىپ بەرسەكلا بولىدۇ. MSN بار يەردە QQ نىڭ گېپىنى قىلماڭ.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىكروسوفتنىڭ بۇ مونۇپول خاراكتېرلىق مەھسۇلاتىغا كىرگۈزۈلۈشى ئالىم مۇئەللىمدەك جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن بولىۋاتىدۇ. ئالىم مۇئەللىم ھەقىقەتەن جاپا چەكتىڭىز….
ئىشىنىمەنكى، بۇ يېڭىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزدىن بولدى. كېيىنكى ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولسۇن!