Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 26-ئۆكتەبىر رەسمىي تارقىتىلىدۇ
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]مىكروسوفت Windows بۆلۈمىنىڭ لېدىرى سىتىۋېن (Steven Sinofsky) چارشەنبە كۈنى شىركەتنىڭ يىللىق سېتىش يىغىنىدا، كېيىنكى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى – Windows 8 نىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي تارقىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
Windows XP, Windows VISTA ۋە Windows 7 نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى 40 دوللار تاپشۇرۇپ، Windows 8 گە دەرىجە ئۆستۈرسە بولىدىكەن. Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىسى 2009-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 630 مىليون نۇسخا سېتىلغان.
مىكروسوفتنىڭ دېيىشىچە، Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى كۆچمە ئۈسكۈنە ۋە كومپيۇتېر ئارىسىدىكى ئارىلىقنى تېخىمۇ كىچىكلىتىدىكەن، تارقىتىش مۇراسىمىدا نۇرغۇن شىركەتلەر Windows 8 قاچىلانغان قاتتىق دېتال مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىدىكەن. بۈگۈن دەل 99 كۈن قالدى.
مىكروسوفت بۇ كۈندە يەنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى (جۈمە) ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 109 تىلدىكى Windows نى دۇنيادىكى 231 دۆلەت ۋە رايوندىكى بازارغا تەڭ تارقىتىدۇ. بۇ كۈن يەنە قۇربان ھېيت كۈنىدۇر.
خەۋەر مەنبەسى:
Microsoft Windows 8 coming on October 26
ئەمەلىيەتتە Windows دىن باشقا يەنە بىر قانچە مەھسۇلاتلارمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئىدى، بىر قىسىم يېڭىلىقلارنى بەزى تورداشلار ھازىردىن باشلاپ ھېس قىلىشقا باشلاپتۇ. بەلكىم بۇ كۈندە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تېخىمۇ كۆپ مىكروسوفت مەھسۇلاتلارنى كۆرەلەيسىز. Windows پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى خالاس. بۇ يىل ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن يېڭىلىق بار. يىل ئاخىرىدا كومپيۇتېر بازىرىمۇ قايتىدىن جانلىنىشى مۇمكىن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 19,296 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 07-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 12:13
- ئالدىنقى يازما :Windows Phone 8 ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :Dashboard يەنى 仪表盘 نېمە دەيمىز؟
تارقتىدىغان شۇ كۈننىڭ تېزراق كىلىشىگە تەقەززامىز.
مەن يالغۇز 10نى زاكاسقىلمەن
زاكاس قىلدىغان ئىشبولسا ماڭمۇ خەۋەرقىلۋېتەسىلە
بۇلار «مىىللي كارخانىلار ئويۇشمىشى» قۇرۇپتۇ،ئۇلار قانداق قارايدىكىن بۇ ئىشلارغا؟!!!
مىنىڭچە بولغاندا ئۇيغۇر كارخانچىلىرمىزىن كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان ئارمان ، ئىخلاس قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ باقساق قانداق بولاركىن . مىنىڭچە بولغاندا ئانا تىلىنى قوللاش يۈزىسىدىن بولسىمۇ ئۇلار زاكاس قىلىشقا قوشۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن،
ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ يازمىنىلا باغداشقا كۆچۈرۈپ قويايمۇ مەنبە بىلەن بىرگە؟
رەھمەت، ھازىرچە ئۇنداق قىلماي تۇرۇڭ،
قارىغاندا ئالىم مالىمنىڭ سوقۇپ قويغان چوتى بار چېغى… بېسىلالماي قالغان ھېسسىياتلىرىمىزنى زورىغا بېسىپ تۇرايلى…ھې ھې ھې
بۇ خەۋەرنى نۇپۇزلۇق مۇنبەرلەردە ئېلان قىلساق ياخشى بولامدۇ قانداق؟ كىشىلەر ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىۋالىدۇ.ۋاقتى كەلگەندە سېتىۋالىدىغانارمۇ كۆپ بولىدي.مۇشۇ توغرۇلۇق باغداشقا چوڭ بىر تېما يازساق!
رەھمەت، ھازىرچە ئۇنداق قىلماي تۇرۇڭ، ھازىر بەزى ئىشلار ئېنىق ئەمەس
سىناق نۇسقىدا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگەندە بىر قىسىم ھەرپ كاتەك چىقىۋىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ھىلىقى (ئادەملەر )ئىپىدە.
ماتېماتىك :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، Win8 نى كۆچمە قاتتىق دېسكىغا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز .
windows8 نى كۆچمە قاتتىق دىسكىغا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. مەن بارماق دىسكىغا قاچىلاپ سىناپ باققان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2،5،9 قاناللىرى نېمىشقا بۇنداق زور خۇش – خەۋەرنى ئۇلاپ تارقاتمايدۇ؟ ئۇلار ئەتىگەندىن كەچكىچە قۇرۇق ھىندىستان، كورىيان، يەنە بىرنېمە…يان لارنىڭ ئەبگار كىنولىرىنى كۆرسەتكەننىڭ ئورنىغا كۆزنەك 8 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى توغۇرلۇق خەۋەر بەرسە بولمامدۇ؟!!! يەنە ئۇچى پىروگرامما بۇچى پىروگرامما دەپ قويۇشلىرى بار… ساپلا قۇرۇق گەپلەر(ئاندى-ساندا ياخشى ئۇچۇرلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا). شۇ نوچى، خەلق قەلبىدىكى پىروگراممىنى قويۇشقا مەسئۇل بولغانلار كۆزنەك8 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى توغرىسىدا بىرمۇ پىروگرامما ئىشلەپ باقمىدى ۋە ياكى ئۇچۇرمۇ بېرىپ باقمىدى. بۇنداق كېتەۋەرسە بولمايدۇ! 2،5،9- قاناللارغا كۆزنەك8نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى توغۇرلۇق پىروگرامما ئىشلىشىنى ۋە خەۋەر بېرىشى ئۈچۈن ئۇلارغا توردا بولسىمۇ گەپ قىلايلى! ھازىر ھەممە يەردە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز دەپ شوئارلار توۋلانماقتا! ۋە بىرقىسىم ئىشلارمۇ ئىزچىللاشماقتا، شۇڭا كۆزنەك8نىڭ ئۇيغۇرچىسىنىمۇ بۇ ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىگە كىرگۈزۈپ ئىزچىللاشتۇرغۇزايلى ۋە ئىزچىللاشتۇرايلى!!!
قېنى تورداشلارمۇ يول كۆرسىتىڭلار!
رەسمىي ئېلان قىلىنغاندا، ئاندىن ئىشلىشى مۇمكىن.
بۇ پىكىرنى قوللايمەن.باغداشتا تېلۋىزىيە ئىستانىسسىغا ئوچۇق خەت يازساق بولارمىكىن.بۇ دىگەن مىللتىمىز ئۈچۈن ئاجايىپ كاتتا خەۋەر
چىقمىغان نەرسىنى ئۇلار قانداق تەشۋىق قىلالايدۇ؟ ئاۋۋال قانداقلا بولمىسۇن بىر چىقىپ باقسۇن، چىققاندا ئۇلار چوقۇم خەۋەر قىلىدۇ. VISTA چىققاندىمۇ، ئۆزۈم بىر قوللۇق تونۇشتۇرغان ئىدىم، شۇ ۋاقىتلاردىمۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى 5-6 قىسىم پىروگرامما ئىشلىگەن ئىدى.
نېمىنىڭ باھاسىنى دېيىشىۋاتىسىلەر؟؟؟ سېستىمىمۇ؟ سىنتەخسمۇ؟ كومپىيوتېر؟؟؟…………
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، Win8 نى كۆچمە قاتتىق دېسكىغا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز .
تامامەن بۇلىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز چۇقۇم كارخانا نەشىرىى بۇلىشى كىرەككەن . بۇنىڭدا ئاساسلىقى Windows To Go ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ ، سىز دىگەندەك قىلىشقا بۇلىدىكەن . مانا بۇلار خەنچە مەنبەلەردىن ئۇققان خەۋەر .
500 يۈەندىن ئاشسىمۇ كۆپ ئاشمايدىغان ئوخشايدۇ، ناۋادا ئېشىپ كەتسە 270 يۈەنگە ۋىندوۋس7 نى سېتىۋېلىپ[ئەكىس پ سەل ئەزانمۇ تېخى ] تەخمىنەن 250يۈەنگگە [40دوللار]يېڭىلىۋالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ھى ھى ھى
كەچۈرۈڭلار، كۇنۇپكامدا يالاڭ تىرناق بېسىلمايدىغان بۇلۇپ قالدى، شۇڭا ئامالسىز بۇ تىرناقنى ئىشلىتىپ قالدىم
بارىكاللا . . . كاللىڭىز ئىشلەيدىكەن جۇمۇ . . .ھا ھا ھا . .ئۇلار
ئۇندا ھېسابەتتىن تالاينى قىلا . . .
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئالىم مۇئەللىم windows8 نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى سېتىۋالاي دىگەنتىم،باھاسى نەچچە پۇل ئەتراپىدا بولا؟
windows 8 دەپ ئالساق قانداق . . . كۆزنەك خەخنىڭ ماركىسىنى ئۆز گەرتىۋالغاندەكلا تۇرىدىكەن . . .
sony.toshiba.mac.samsung.epson.edius.دىگەندەك ..
ياخشى خەۋەر. مەنمۇ چوقۇم ئۇيغۇرچە سىستېمىنى ئىشلەتمەيدىغان بولسام زادى.