dunyablog.com
  • 2010年05月05日

    دانالار ھىكمەتلىرى - [ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63053816.html

     

    دۇنيادىكى بائارلىق گۈزەل نەرسىلەر ئانىغا بولغان مۇھەببەتتىن تۇغۇلىدۇ.

                                                                                                          _گورگى

     تىلىڭنى قاتتىق ساقلا بېشىڭ ساقلىنىدۇ،

     سۆزىڭنى قىسقا قىل ئۆمرۈڭ ئۇزىرىدۇ.

                                                                    _«قۇتاتغۇبىلىك» دىن

      بىلگىلى بولمايدىغان نەرسە يوق،بىز تېخى مەلۇم  بولمىغان نەرسىلەر يەنە بار دىگەن سۆزنىلا ئېيتالايمىز.

                                                                      _گورگى

      ئەقىلنىڭ يولىدىن  ماڭسا ھەر  كىشى،

       ھېچقاچان يامانلىق بولمايدۇ ئىشى.

                                                                _ئوبۇلقاسىم پىردەۋىسي

       يامان كۆرمەڭ مىنى دوستلار خۇدانىڭ بىر قۇلىدۇرمەن،

       كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ ۋەتەننىڭ گەۋھەرىدۇرمەن.

                                                              _ بىلال نازىم

     

     

    ٭٭٭٭


    ئورتاق نىشان، ئورتاق كۈرەش ئادەمدە ھەممىگە بەرداشلىق بىرەلەيدىغان كۈچنى پەيدا قىلىدۇ.

    ئىناقلىق بولىدىكەن ،كۈچ ۋە ئەقىل -پاراسەت بولىدۇ.سەمىمىي بولغان باراۋەرلىك بولمايدىكەن ،ئۇنداقتا،مۇستەھكەم بولغان سەمىمىيلىك ۋە ئىناقلىق مۇ بولمايدۇ.

    قىينچىلىق قانچىكى ئېغىر بولسا ، يولداشلار ئارا ئىناقلىق شۇنچە كۈچۈيىدۇ،دوستلار ئارا مۇناسىۋەت شۇنچە قويۇقلىشىدۇ.

    ھەقىقىي دوستتىن ئايرىلىپ قېلىش ئەڭ ئېچىنارلىق ھىجراندۇر.دوستلۇق بولمايدىكەن ئەتراپ قاقاس چۆلگە ئوخشاپ قالىدۇ.دوست تۇتۇشنى خالىمايدىغانلارنى ئىنساندىن ئەمەس،بەلكى<< ھايۋاندىن >>تۈرەلگەن دىيىش كە بولىدۇ.

    كىمىكى كوللېكتېپتىن ئايرىلىپ قالىدىكەن ئۇنىڭ تەقدىرى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولىدۇ.

    دوست تاللاشتا ئېغىر-بېسىق بولغان ياخشى.ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن شەخسىيەتچىلىك دوستلۇقنىڭ نىقاۋىغا ئۇرالغان،ھەم ھەرۋاقت ئادەمنى پۇتلاشقاتەييار تۇرغان بولىدۇ.

    ئەڭ ياخشى دورا- دوستلارنىڭ نەسىھىتىدۇر .

    كوللېكتىپنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلىگەن كىشى ئەڭ بەختلىكتۇر.

    ئاق كۆڭۈللۈك ئالتۇن بىلەن باراۋەر.

    گۇمانخورلۇق-ھەقىيقى دوستلۇقنىڭ زەھەرلىگۈچىسىدۇر.

     


    كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل نەرسە- باشقىلار بىلەن بولغان دوستلۇقتۇر.

    ھەقىيقى دوستلۇق ئۇزاققىچە ئۆسىدىغان ئۈسۈملۈككە ئوخشايدۇ.

    ئەگەر مۇھەببەت ئاساسىدىكى نىكاھلا ئەخلاققا مۇۋاپىق كىلىدۇ دىيىلىدىكەن،ئۇنداقتا،بۇھەببەتلىك نىكاھنى داۋاملاشتۇرغاندىلا  ئاندىن ئەخلاقلىق بولغىلى بولىدۇ.

    يەر-تەخسە،  باھاردا ئۇنىڭغا نىمە ئېلىپ قويساڭ،كۈزدە شۇنەرسىنى ئالىسەن

    ئەلنىڭ گىپىدىن ھەرقانداق يامانلىق ئىزدىمە.

    چېقىمچى ۋە نامەرت ئادەملەرنىڭ سىلىق گىپىگە ئالدانما.

    دانا ئادەم  قولىدىن كەتكەن نەرسە ھەققىدە سۆزلىمەس.

    پەسكەش ماختانغىنى بىلەن  بۈيۈك بولماس،  ئۆچكە يۈگۈرگىنى بىلەن كىيىك بولماس.
    ٭٭٭٭
    دانالارنىڭ ھېكىمەتلىك سۆزلىرى
    كۆپ سۆزلەپ نادان بولۇپ قالمىغىن،كۆپ يەپ ھايۋان بولۇپ قالمىغىن.
    راس سۆز گۈزەلدۇر،قىسقاراق بۇلسا تىخىمۇ گۈزەلدۇر.
    ھاياسىزلار دوستلۇققا،پاسسىقبسىرداشلىققا يارىماس.
    بالا ئۈنچە،ئاتا-ئانا ئۈنچىنى ساقلىغۇچى سەدەپتۇر.
    جاھىللىقتىنمۇ ئارتۇق بەخىتسىزلىك يوق.
    ئاقىل بولىدىغان بۇلساڭ،بېھۇدە يالغان سۆزلىمە.
    ھېكىمەت بىلەن ئەقىل كىشىگە زىبۇ-زىننەتتۇر.
    پاسىقتىن ھايا تىلىمە،زالىمدىن ۋاپا تىلىمە.
    ئەگەر مەن چىن ئىنسان بۇلسام،ماڭا شۇ كۇپايە.
    كىشىلەر ھەر قانداق ئىشقا ئاتلانسا،ئۇنىڭ يولىنى تەپەككۇر ئارقىلىق بىلەلەيدۇ.

    مەنبە:«ئەلشىر ناۋائىي ھېكىمەتلىرى»دىن    

    دانالار ھىكمەتلىرى خىزمىتىدىن ئاغرىنىپلا يۈرىيدىغان ئادەم -ئۆمۈر بويى ھەقىقى مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ. ئاغرىنىش ۋە ئوڭۇشسۇزلۇقنى باشقىلاردىن كۆرۈش--ئەمىلىيەتتە ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئادەم كۆپ ھاللاردا قىيىنچىلىقنى يىڭىش داۋامىدا جەسۇرلۇق، قەتئىلىك ۋە ئالىجاناپلىقنى يىتىلدۈرىدۇ. نامراتلىق ئادەمنى چىنىقتۇرىدۇ. ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى پاكلاشتۇرىدۇ. شۇڭا نامراتلىق تىرىشىپ كۆرەش قىلىشىمىزدىكى ئەڭ پايدىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. كۆپىنچىمىزدە غايەت زور يۇشۇرۇن ئىقتىدار بار بولىدۇ. ئەمما بۇ يۇشۇرۇن ئىقتىدار غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان بولۇپ، ئۇرغۇتۇلغان ھامان ئاجايىپ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. ھىچكىمنى كۆزىگە سىغدۇرالمايدىغان، ئۇنىمۇ- بۇنىمۇ ياقتۇرمايدىغان ئادەمدىن ھەممە كىشى بىزار بولىدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتى قۇياشقا ئوخشايدۇ. ئۇ باشقىلارنى ئىللىتىپ تۇرغاندا، باشقىلارمۇ ئۇنى ئىللىتىپ تۇرىدۇ. خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بولغاندا كۈلكە تىخىمۇ جاراڭلىق چىقىدۇ. خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بولغاندا خۇشاللىق تىخىمۇ تەسىرلىك بولىدۇ. ھەممىلا ئادەمنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئىرىشىمەن، دىگەن ئۈمىدتە بولماڭ، ئۇنداقتا ئۈمىدسىزلىنىپ قالىسىز. كۆپ سانلىق ئادامنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلىسەكلا كۇپايە. خاتالىقنى سەمىيمىلىك، خۇشاللىق بىلەن ئىتراپ قىلىش، يۈرەكلىك ھالدا "مەن خاتالىشىپتىمەن" دىيىش باتۇرلۇقنىڭ ، ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشنىڭ ئىپادىسى. بۇ جاھاندا ئالتە نەرسىنىڭ ئالتە نەرسىسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس:دۇنيانىڭ مېلى ھەرىكەتسىز بولمايدۇ؛نەپسىنىڭ خاھىشى مېھنەتسىز بولمايدۇ؛)نامەھرەم(خوتونلاربىلەن بىللە بولماق بالاسىز بولمايدۇ؛يامانلارغا قوشۇلماق نادامەتسىز بولمايدۇ؛بېخىلدىن تەمە قىلماق خارلىقسىز بولمايدۇ؛پادىشاھقا مۇلازىم بولماق ئاپەتسىز بولمايدۇ. ھىچقانداق دۇشمەننى خار كۆرمەسلىك كېرەك.چۇنكى يىڭنىنىڭ قولىدىن كەلگەن ئىش نەيزىدىن كەلمەيدۇ.ئوت گەرچە كىچىك بولسىمۇ پۇتۇن بىر ئالەمنى كۆيدۇرۇشى مۇمكىن. ياخشى ئويلانغان پىكىر پالۋانلىقتىن ياخشى. جاھاندىكى ئالەم ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ ھەركىتى ۋە خۇي-پەيلىگە قاراپ تۆت خىلغا بۆلىنىدۇ:1،دەيدۇ قىلىدۇبۇ تىرىكچىلىك يولىنى بىلىدىغانلارنىڭ قائىدىسىدۇر.2،دىمەيدۇ قىلىدۇ، بۇ مەرتلەرنىڭ ئادىتىدۇر .3،دەيدۇ قىلمايدۇ،بۇ مۇناپىقلارنىڭ ئۇسۇلىدۇر .4،دىمەيدۇ قىلمايدۇ،بۇ بېخىل ۋە ھىممىتى پەسلەرنىڭ خىسلىتىدۇر. ئۇلۇغلار ئالتە نەرسىدىن پايدا ئالغىلى بولمايدۇ دەپ يېزىپ قويغانىكەن: ئەمەلسىز سۆزدىن،جەۋرىلىك مالدىن،تەجرىبىسىز دوستلۇقتىن،رىئايە قىلىنمىغان ئىلىمدىن،مەقسەتسىز سەدىقىدىن،ساقسىز تىرىكلىكتىن پايدا ئالغىلى بولمايدۇ. ئۆلىمالار: "كىشىنى ھالاك قىلىشقا ھەرىكەت قىلغۇچىلار ئەجىلىدىن بۇرۇن ئۆلىدۇ. لېكىن جېنى تېنىدىن بىر يوللىلا چىقمايدۇ،بەلكى شۇنداق بولۇدۇكى،ئۇنۇڭغا ھاياتتىن بىزار بولغۇدەك دەرىجىدە بىر رەنج يېتىدۇ.ھەردەم ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەيدۇ،ئەمما ئۇنچە ئوڭاي ئۆلمەيدۇ"دەيدۇ

     


    收藏到:Del.icio.us