ماتېرىياللارنى يۆتكىگەندە، نەملىكتىن ساقلىنىش. قىش پەسلىنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق بولۇپ، ماتېرىياللار تەركىبىدىكى نەملىك بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكەن مەزگىل، بۇ مەزگىلدە ئۆي زىننەتلىسە، يېرىلىش ۋە شەكلى ئۆزگىرىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ قار – يامغۇرلۇق كۈنلەردە ماتېرىيالنىڭ ھۆل بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، يۆتكەپ كېلىنگەن ماتېرىياللارنى پاكىز سۈرتۈش، ئۆي ئىچىدىكى قۇرغاق، ھاۋا ئۆتىشىدىغان، سۇدىن يىراق بولغان ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان تاختاي ئۈستىگە تەكشى قويۇپ، ئۈستىگە بىر قەۋەت تاختاي يېيىتىپ قويۇش كېرەك، ھەرگىز تىكلەپ قويماسلىق لازىم.uN2ئاقيول تور بىكىتى
تامغا زاماسكىنى بەك قېلىن بەرمەسلىك. قىش پەسلىدە ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى قۇرغاق بولغاچقا، نەملىكنى ئاسان يوقىتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا زاماسكىنى بەك قېلىن بەرگەندە، ئاسانلا كاۋاك قېلىش، يېرىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، زاماسكا بەرگەندە ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇشى لازىم.uN2ئاقيول تور بىكىتى
ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ياغاچ ماتېرىيال ئىشلەتكەندە، چاك ئارىلىقىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغانلىقتىن، ياغاچ ماتېرىياللار تارىيىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئەگەر ئارىلىقنى بەك زىچ قويۇۋەتكەندە، ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، تاختايلار كۆپۈپ پول، ئۆي جاھازىلىرى، ئىشىك – دېرىزىلەر قىيىپ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ھەتتا يېرىلىپمۇ كېتىدۇ. شۇڭا تاختاي يېيىتقاندا، تامغا يېقىن تۆت ئەتراپىدىن ئۈچ مىللىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇش كېرەك.uN2ئاقيول تور بىكىتى
سىرلىغاندا تېمپېراتۇرىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش. كاۋچوك سۈتى سىرى (رۇجاۋچى) بەرگەندە تېمپېراتۇرا ℃5تىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئادەتتە دائىم ئىشلىتىدىغان ئارىلاشما كاۋچوك سۈتى سىرىنى ئىشلەتكەندە، تېمپېراتۇرا ℃0 تىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك، لاك (چڭچى) بىلەن سىرلىغاندا، تېمپېراتۇرا ℃8 تىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ چوقۇم نۆلدىن يۇقىرى ℃5 تىن تۆۋەن بولماسلىقى، بولۇپمۇ سىرچىلىق قىلغاندا ئۆينى ئىسسىقراق تۇتۇش، سىر پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك.uN2ئاقيول تور بىكىتى
زىننەتلەش تۈگىگەندىن كېيىن ئۆيگە ئالدىراپ كۆچۈپ كىرمەسلىك كېرەك. ئۆينى قىش پەسلىدە زىننەتلىگەندە ماتېرىيال تەركىبىدىكى فورمالىن ئاسانلىقچە يوقالمايدۇ. ئەگەر زىيانلىق ھاۋا كۆپ مىقداردا ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ قالسا، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئىسسىتىش ئەسۋابلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى، ئۆي تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ پارلىنىپ، ئادەمگە، بولۇپمۇ بالىلارغا زىيىنى چوڭ بولىدۇ، ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا، ئۆينى تولۇق قۇرۇتۇپ، ھاۋا تولۇق ئالمىشىپ ساپلاشقاندىن كېيىن كىرىش، يېڭىدىن سېتىۋالغان ئۆي جاھازىلىرىنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن ئۆيگە كىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.uN2ئاقيول تور بىكىتى
چاقچۇق چاپلاشتىن بۇرۇن چوقۇم سۇغا چىلاش كېرەك. قىش پەسلىدىمۇ چاقچۇقنى چاپلاشتىن بۇرۇن چوقۇم سۇغا چىلاپ سۇغا ئوبدان قاندۇرۇپ ئاندىن چاپلاش لازىم. بۇنداق قىلغاندا، چاقچۇق سېمونت لاينىڭ تەركىبىدىكى سۇنى سۈمۈرۈۋېلىپ، سېمونت لاي بىلەن چاپلاشماي قېلىشتىن، شۇنداقلا يېرىق قىلىش، ئاجىراپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.uN2ئاقيول تور بىكىتى
گېپىس تاختاينىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش. گېپىس تاختاينى ئاسقاندا، گېپىس تاختاي بىلەن تام ئارىسىدا بىر – ئىككى سانتىمېتىرغىچە چاك قويۇش كېرەك، ئاۋۋال ھاك بىلەن چاكنى ھېملاپ، زىننەتلەشتە ئىشلىتىلىدىغان رەخت بىلەن چاپلاپ، ئاندىن زاماسكىلاش كېرەك. دىققەت قىلىدىغان مۇھىم بىر ئىش گېپىس تاختاي ئاسىدىغان ياغاچ جازا مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك، بولمىسا گېپىس تاختاي يېرىلىپ كېتىدۇ.uN2ئاقيول تور بىكىتى
ئاۋۋالقى تەييارلىقuN2ئاقيول تور بىكىتى
1.ماتېرىياللارغا پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن، يېڭى ياسالغان ئۆي چوقۇم تولۇق قۇرۇغان بولۇشى؛uN2ئاقيول تور بىكىتى
2.ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃5 تىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئەڭ ياخشى تېمپېراتۇرا ℃10 تىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.uN2ئاقيول تور بىكىتى
3.زىننەتلەشتە ئاۋۋال سۇدىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، ئاندىن چاقچۇق چاپلاش ھەم ياتقۇزۇش، ئارقىدىن ياغاچچىلىق، زاماسكا بېرىش ئىشلىرىنى قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا سىرلاش؛uN2ئاقيول تور بىكىتى
4. يېقىملىق زىننەتلەش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.uN2ئاقيول تور بىكىتى