ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە باش بەت > ماقالا قانىلى > ئەدەبىي ئەسەر > مەزمۇنى

راھىب بىلەن قاسساپ(چوقۇم كۆرۈڭ)


10/5/2010 6:20:18 AM
         ئىلگىرى بىر راھىب بىلەن بىر قاسساپ ناھايىتى يېقىن دوست بولۇپ بىللە ئۆتكەنىكەن. ئۇلار تاكى قېرىپ ئۆلگۈچە بىر ئۆيدە ئۆز - ئارا ھەمراھ بولۇشۇپ ياشاپتۇ. راھىب كۈندە سەھەر تۇرۇپلا ئىبادەت قىلىدىكەن، قاسساپمۇ كۈندە سەھەر تۇرۇپلا چوشقا بۇغۇزلاشقا باشلايدىكەن. ئۇلار ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن كىم بالدۇر تۇرسا قارشى تەرەپنى ئويغۇتۇپ قويۇشقا كېلىشىپتۇ. ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئۆز ئىشلىرىنى تولىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ مېڭىپتۇ، ئۆز خىزمەتلىرىنى بىر كۈنمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماپتۇ.
        نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، راھىب بىلەن قاسساپ كەينى - كەينىدىنلا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ، ھەيران قالارلىق بولغىنى قاسساپ جەننەتكە، راھىب دوزاققا لايىق بولۇپتۇ.
         نېمىشقىدۇ ئەمدى ؟
        چۈنكى قاسساپ ھەر كۈنى دېگۈدەك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ياخشى ئىشى سەھەر تۇرۇپ راھىبنى ئويغۇتۇپ ئىبادەت قىلىشقا ئۈندەش ئىكەن. ئەمما راھىب سەھەر تۇرۇپلا قاسساپنى چوشقا ئۆلتۈرۈشتەك جانغا زامىن بولىدىغان يامان ئىشقا ئۈندەيدىكەن ................
  راھىب بىر ئۆمۈر ياخشى ئىشلارنى ۋە ئىبادەت قىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان، ئەمما ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپلا باشقا ئىش قىلماستىن قاسساپنى ئويغۇتۇپ ئۆز ئىشىغا ماڭغۇزۇۋەتكەندىن كېيىن، ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ ئۆز ئىبادىتىنى قىلىدىكەن. ...............
  قاسساپچۇ، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇشىغىلا راھىبنى ئويغۇتۇپ ئىبادىتىنى قالدۇرۇپ قويماسلىقنى، تېخىمۇ سەھەر تۇرۇپ كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىشىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەن..............
ئەمما كىم ئويلىغان، ھەممىمىز قاسساپنىڭ قىلغان ئىشىنى ئانچە ياخشى بولمىغان ئىش دەپ قارايمىز، چۈنكى ئۇ ئىبادەت قىلمايدۇ، راھىبچۇ، ھەممە ئادەم ئۇنى ياخشى ئىش قىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ، چۈنكى ئۇ يامان ئىشلاردىن قولىنى يۇيۇپ ھامان ئۆز تەڭرىسىگە دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ................
    ئەمما نەتىجە قانداق بولدى................................
كىشلىك ھايات تولىمۇ مۇرەككەپ. بىز بىر كىمنىڭ  قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراپ ئۇ كىشىنى ياخشى ئادەم ياكى يامان ئادەم دەپ توغرا ئېيتتۇق دىيەلمەيمىز.
      شۇنىڭغا ئوخشاش سىز قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى سىز ئويلىغاندىكىدەك توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن!!!
tughchi
تورداشلار باھاسى(0) باھا ئېلان قىلىمەن

ئەزا ئىسمى : يېڭى ئەزا?

powered by IlgharCMS 2.85 www.ilghar.cn