ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە باش بەت > ماقالا قانىلى > خانىم-قىزلار > مەزمۇنى

150 يۇەنلىك قىز


7/4/2010 4:53:11 AM
بۇ شەھەرگە كېلىپ دۇكان ئاچقىلىمۇ مانا ھەش-پەش دېگىچە،بىر يىل بۇلۇپ قاپتۇ .بۇگۇنمۇ ئادىتىم بۇيىچە كەچتە،كومپىيوتىر ئالدىدا خەۋەر كۆرگەچ ،تايىنى يوق شۇ بىركۈنلۈك سودىدىن خاپا ئولتۇراتتىم .دۇكاننىڭ چىراقلىرىن ئۈچۈرمەي ئولتۇرغان ئىدىم دۇكاننىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ بىر چىرايلىق قىز كىرىپ كەلدى. ياخشىمۇ سىز؟ سىزگە نىمە كېرەك ؟ كۈرۈپ باقاي دىگەن .ھە،ئۇنداق بۇلسا كۈرۈڭ .بۇ قىز ماللانى كۇرۇپ دۇكاننى ئايلاندى .مەن كومپىيوتۇر ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم .بۇقىز دۇكاننى خېلى ئايلاندى .خېلى ئۇتكەندىن كېيىن ،كومپىيۇتۇرىڭىزدىن تېلفۇنۇمغا ناخشا قاچىلاپ ،بېرەمسىز.مەن سەل ھەيران بۇلۇپ .بولىدۇ دىدىم. سىز قانداق ناخشىلانى ياقتۇرىسىز؟ قانداق بۇلسا بۇلىۋېرىدۇ. مەن بىردەم ھەپلىشىپ ناخشىنىمۇ قاچىلاپ بۇلدۇم.ئۇ يەنە چىقىپ كەتمەي ئولتۇراتتى.مەن ئۇنىڭدىن باشقا ئىشىڭىز بارمۇ؟ ياق باياياتاقتا قۇناي دىگەن ،ياتاق قالماپتۇ.سىز مۇشۇ دۇكاندا ياتامسىز؟دەپ سۇرىدى ئۇ قىز.
_ ھە ،-دىدىم مەن .
_ مەن مۇشۇ يەردە يىتىپ قالسام بۇلامدۇ؟
قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم .
_ نىمە؟دەپ تۇرۇپلا قاپتىمەن .
ئۇ قىز پەردە -شەپنى قايرىپلا ،
_ بىركىچە ھەمرا بۇلسام 150 يۇەن .دىدى
مەن ئۇز قۇلاقلىرىمغا ئشەنمەيلا قالغان ئىدىم.سەل ۋاقىتتىن كىيىن ئۇزەمگە كەلدىم .
بۇقىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى .
قېنى ئولتۇرۇڭ سىڭلىم .ئۇسۇزلۇق ئىچىڭ.
مىنى كەچۇرۇڭ سىڭلىم ،مەن بۇ يۇلدىكى ئادەم ئەمەس.مىنىڭ ئاللا بەرگەن بىر قىزىم ۋە ئايالىم بار .ئارلىقىمز يىرىق بۇلسىمۇ، مەن ئۇلارنىڭ مىنىڭ ئۇستۇمدىكى ھەقلىرىنى ئۇنتىغىنىم يۇق.مەن بۇگۇن مۇشۇ ئازىراق ھايۋانى ھېسىياتىمنى دەپ مۇشۇ خاتا بۇلغان كۇچىغا كىرسەم .قىزىمدىن ،ئايالىمدىن ،يىنىپ قىلىشىدىن قۇرقىمەن .يەنەبىرسى مەن پۇتۇن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ،ئۇزەمدىن چۇڭلىرىنى ئاچام ئاپامدەك،كىچىكلەنى سىڭلىم قىزىمدەك كۇرىمەن . سىزنى سىڭلىم دەي .بۇ خاتا يۇلدىن قايتىڭ .سىزنىڭ قانداق قېلىپ بۇ يۇلغا كىرىپ قالغىنىڭىزنى سۇرىماي.بۇ يۇلدىن ھازىر قايتسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز .پۇل كېرەك بۇلسا ھالال ئىشلەڭ ئۇزىڭىزنى قەدىرلەڭ .ئۇزىڭىزنى ئاسىراڭ. شۇندىلا سىز .بۇ ھاياتنىڭ نەقەدەر گۇزەللىكىنى ھېس قىلىسىز.
بۇ گەپلەرنى قىلغىنىمدا ئۇ قىزنىڭ خىجىل بۇلغىنىنى سەزدىم .
تەلەپپۇزىڭىزدىن سىزنىڭ بۇ شەھەردىن ئەمەسلىكىڭىز بىلىنىپ تۇرىدۇ .باغىدەك يېرىڭىزمۇ يۇق بۇگۇن مىنىڭ قىشىمغا ئۇسۇپلا كىردىڭىزغۇ دەيمەن .بۇگۇن مۇشۇ يەردە قۇنۇپ قىلىڭ .بايا بىر كىچىلىكىڭىزنى 150يۇەن ،دىدىڭىز .بۇلدى مەن سىزگە 500 يۇەن بېرەي .بۇگۇن سىز مىنىڭ بۇلدىڭىز .مىنىڭ بۇلغاندىكىن مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايىز؟. ئۇ قىز ئۈندىمەي ئولتۇراتتى .سىز مىنىڭ كارۋىتىمدا يېتىڭ مەن مۇشۇ ئۇرۇندۇقتا ئۇخلاي .
مەڭ بۇ پۇلنى ئېلىڭ .ئۇ بۇ پۇلنى ئالماي بېشىنى سەڭگىلتىپ ئۇلتىراتتى .
كەچۇرۇڭ ئاكا مەن بۇ پۇلنى ئالالمايمەن .بۇگۇن پۇتۇن دۇنيانى ئالغاندەك بۇلدۇم .ياق سىڭلىم سىز بۇ پۇلنى ئېلىڭ.بۇ پۇل سىزنىڭ ھەققىڭىز .بىزىنى كەچۇرىڭىزلە سىىڭلىم .بىز ئۇغۇللا سىزلەرگە ئىگە بۇلغان بۇلساق.سىزلەرنى قەدىرلىگەن بۇلساق سىزمۇ بۇيۇلغا ماڭمىغان بۇلاتتىڭىز .بۇنچىلىك قىلىش ھەربىر ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ،قەرزى ھەم پەرزى.قىزنىڭ بۇلاقتەك كۇزلىرىدىن ياش ئاقماقتا ..................................
مەن بۇ يەردە قىز بىلەن بۇلغان سۇھپەتنىڭ ئاز بىر قىسمىنىلا سۇزلىدىم .دوسلا ئۇلانى كەمسىتمەينى ،ئۇلارغا تۇغرا بۇلغان مۇئامىلە قىلايلى.ئۇلارنى مۇشۇ خاتا يۇلدىن قايتۇرامىساقمۇ ،پۇشايمان بۇلسىمۇ قىلساق بۇ بىزئۇچۇن غەلبە دەپ ئۇيلايمەن .
 
tughchi
تورداشلار باھاسى(0) باھا ئېلان قىلىمەن

ئەزا ئىسمى : يېڭى ئەزا?

powered by IlgharCMS 2.85 www.ilghar.cn