قەيسەر مۇھەممەد
ئۆي ئىجارىسىنى تاپشۇرالمىغان تۇل ئايال بېقىۋاتقان بەش مۈشۈكى بىلەن بىرلىكتە ئۆيدىن قوغلاندى. ئۆي ئىگىسى ئايال ئىككى ئايلىق ئۆي كىراسى ئۈچۈن پۇلغا يارىغۇدەك بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ قىلىشنىڭ كويىدا، بىرىنچى قەۋەتكە جايلاشقان، ئىشىكى كوچىغا قارايدىغان، ئادەتتە دۇكان ياكى ئامبار ئورنىدا كىراغا بېرىلىدىغان، نەچچە يىلدىن بېرى ھىچكىم كىرالىمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ تۇل ئايالغا تۆۋەن ئىجارە بىلەن بېرىلگەن، ئىچىدە بىرقانچە كونا ئۈستەل-ئورۇندۇق، كارىۋات ۋە كىچىك بىر گاز ئوچىقىدىن باشقا بىر نەرسە بولمىغان پەنجىرىسىز يالغۇز ئىشىكلىك بۇ ئۆينى تەكرار-تەكرار تەكشۈرۈپ چىقتى. قولىغا چىققۇدەك بىر نەرسە تاپالمىدى، شۇنداقتىمۇ «ئۆي كىراسىنى بەرمىسەڭ، نەرسىلىرىڭنى بەرمەيمەن» دەپ ئىشىكنى تاقىماقچى بولدى.
تۇل ئايال « ھەممە نەرسە قالسۇن، پەقەت چاي قاينىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كىچىك گاز ئوچىقىمنىلا ئېلىۋالاي.» دەپ يالۋۇردى. بىردىنلا جانلانغان ئۆي ئىگىسى ئايال ئۆي ئىچىدىن كونا ئەشيالارنىڭ ھەممىسىنى سىرىتقا ئېتىشقا باشلىدى. پەقەت شۇ كىچىك گاز ئوچاقىنىلا ئۆيدە قالدۇرۇپ قويدى. ناماز شام ۋاقتى ئىدى، نامىزىنى قازا قىلماسلىق ئۈچۈن ئىشىكنى قۇلۇپلاپ، ئالدىراپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيىگە چىقتى، كوچىدا قالغان ئايالنى ئۇنۇتتى.
تۇل ئايال بەش مۈشۈكى بىلەن كوچىدا قالدى. بىنانىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا مۈشۈكلىرىنى قۇچاقلىغان پىتى ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى. قاراڭغۇ چۈشتى، ھەركىم ئۆيلىرىگە بىكىندى، تۇل ئايال بەش مۈشۈكى بىلەن بىللە خوشنىلارنىڭ خىيالىدىن كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭ كېتىدىغان ھىچ يېرى يوقتى، نەگىلا كەتسە بەرىبىر ئىدى. ناتونۇش يەرلەرگە كېتىشتىن قورقتى. بۇ مەھەللىدە، ئۇ بىنانىڭ ئالدىدا، 4-5 ئايدىن بېرى ئولتۇرغان ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا مۈشۈكلىرى بىلەن ئۇخلىدى. يازنىڭ تەرلەتكۈچى نەم ئىسسىق ھاۋاسى تۇل ئايالنىڭ خىيالىدىن ئۇزاقتا ئىدى.
سەھەر ئەزان بىلەن تەڭ ھەركىم ئۆيلىرىدىن چىقىپ مەسچىتلەرگە قاراپ كېتىشىۋاتاتتى. ئايالنى كۆرگەنلەرنىڭ بەزىلىرى كۆرمەسكە سالدى، بەزىلىرى بىر نەرسىلەرنى غۇدۇڭشىغان پىتى ئالىيىپ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىشتى، بەزىلىرى ئوھ تارتقىنىچە يولىنى داۋاملاشتۇردى. ئۆي ئىگىسى ئايال بامدات نامىزىدىن كېيىن پەسكە چۈشتى، ئۇزۇن ئورۇندۇقتا مۈشۈكلىرىنى قۇچاقلىغان ھالدا ئۇيقۇغا كەتكەن تۇل ئايالغا قاراپ ۋارقىراپ كەتتى. چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتكەن ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇردى. مۈشۈكلىرىنى قۇچاقلىغان پىتى شۈمشىيىپ قالدى. ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئاجىز قالدى. ئۆي ئىگىسى ئايال چالۋاقىغىنىچە قولىدىكى سۈپۈركىنى شىلتىغىنىچە تۇل ئايالغا قاراپ يۈگرەپ كەلدى. تۇل ئايال ئورنىدىن چاچراپ تۇردى ۋە قېچىشقا ئۇرۇندى. مۈشۈكىدىن ئىككىسى قولىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مۈشۈكلەرمۇ تاتلىق ئۇيقۇسىدىن چۈچىتىپ ئويغىتىۋەتكەن ئۆي ئىگىسى ئايالغا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ قاراپ قالدى، ئايالنىڭ قورقۇنچلىق ھالىنى ۋە بېشىغا تېگەيلا دەپ قالغان سۈپۈركىدىن قورقۇپ قاچتى، تۇل ئايالنىڭ ئارقىسىغا ئۆتتى ۋە تۇل ئايالنىڭ پۇتلىرى ئارىسىدن بۇرۇتلىرىنى قىمىرلاتماستىن قورقۇنچ بىلەن ئۆي ئىگىسى ئايالغا تىكىلىپ قالدى.
تۇل ئايال چاي ئوچىقىنى ئېلىۋىلىش ئۈچۈن يالۋۇردى. ئۆي ئىگىسى ئايال پەرۋاسىزلىق بىلەن چالۋاقاشنى داۋاملاشتۇردى. چاي ئوچۇقىنى بەرمىگەنلىكىدىن غۇرۇرلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. نامازدىن يانغان كىشىلەر توپلاشتى، تۇل ئايال خىجىللىق بىلەن مۈشۈكلىرىنى قۇچاقلىغان پىتى يىغلىغىنىچە مەھەللىدىن كېتىپ قالدى.
كەچ كىردى، تۇل ئايال مۈشۈكلىرى بىلەن يەنە مەھەللىدە پەيدا بولدى. يەنە شۇ ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى. ئۆزىنى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندەك ھىس قىلدى. ئۆي ئىگىسى ئايال پەسكە چۈشتى، تۇل ئايالنى قوغلىدى، تۇل ئايال چاي ئوچۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىستىدى. بەرمىدى. ئۆمىدسىزلىك بىلەن مەھەللىدىن ئۇزاقلاشتى. ھالسىز كۆرۈنەتتى، قەدەملىرى ئېغىر ئىدى، ئەمما مۈشۈكلىرى ھىچنەرسىدىن خەۋەرسىز ئەركىلىگىنىچە ئايالنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېتىشىۋاتتاتتى.
ھەركىم ئۇيقۇغا كەتكەندە ئايال مەھەللىگە يەنە قايتىپ كەلدى، ئورۇندۇققا سوزۇلدى، مۈشۈكلىرى قوينىدا خاتىرجەم ياتاتتى.
بامداتقا ئەرزان چىقتى، ئايال چۈچۈپ ئويغاندى، مۈشۈكلىرىنى ئېلىپ مەھەللىدىن ئۇزاقلاشتى.
كۈن قىزىرىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆي ئىگىسى ئايال بىنانىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقنى ئىرىگە سۆكتۈردى ۋە بىنانىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ كەتتى. چۈشكە يېقىن ھەج-تاۋاپ ئۈچۈن يىللاردىن بېرى تەييارلىق قىلىپ ئاخىرى ئارزۇسىغا يەتكەن ئەر-ئايال چامىدانلىرىنى كۆتۈرگىنىچە خوشنىلار بىلەن خوشلىشىپ مەھەللىدىن ئايرىلدى.
قاراڭغۇ چۈشكەندە مەھەللىگە ھالسىز ئېغىر قەدەملىرى بىلەن مۈشۈكلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يېتىپ كەلگەن تۇل ئايال ئۇزۇن ئورۇندۇقنىڭ ئورنىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى، يوق ئىدى. سەھەردىن بېرى سىرىتلاردا ئايلىنىپ ھالىدىن كەتكەن تۇل ئايال ھالسىزلىقتىن تۇرغان ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى. ئورنىدىن تۇردى، 4-5 ئاي ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئىشىكىگە يۆلەنگىنىچە خىيالغا پىتىپ ئولتۇرۇپ قالدى. كۆزلىرى ئۇيغۇغا كەتتى. بامداتقا چىققان ئەزان بىلەن تەڭ چۈچۈپ ئويغاندى. مەھەللىدىن تىزلا ئايرىلدى.
كەچ كىردى، قاراڭغۇ چۈشتى. تۇل ئايال كەلمىدى. بامداتقا ئەزان چىققاندىمۇ تۇل ئايال يەنىلا كۆرۈنمىدى. ئەتىسى، ئۆگىنىمۇ تۇل ئايال مەھەللىگە ئاياق باسمىدى.
بىر ھەپتىدىن كېيىن، كەچقۇرۇن تۇل ئايالنىڭ بەش مۈشۈكى بىر – بىرىنى قوغلىشىپ، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆينىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۆينىڭ ئالدىدا ئوينىدى. ئەتىسىمۇ تۇل ئايال يوق، مۈشۈكلەر يەنىلا ئۆينىڭ ئەتراپىدا ئىدى. ئىلگىرى ئۆي ئىگىسى ئايالدىن قورقۇپ تۇل ئايالغا ياردەم قىلالمىغان خوشنىلاردىن بەزىلىرى مۈشۈكلەرگە ئاشقان-تاشقان يىمەكلىكلىرىنى تاشلاپ بەردى. مۈشۈكلەر ئەمدى ھىچبىر يەرگە كەتمەي بۇ يەردە ياشاشقا باشلىدى. تۇل ئايالدىن ھىچقانداق بىر خەۋەر يوق ئىدى. ھىچكىممۇ سۈرۈشتۈرپ باقمىدى. ھەتتا مۈشۈكلەرمۇ ئۆزلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان تۇل ئايالنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
مەنبە؛
مەرىپەت تورى
tughchi tughchi