ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە باش بەت > ماقالا قانىلى > ساغلاملىق بىلىملىرى > مەزمۇنى

ئەرلەر بۆرىكى ئاجىزلاشنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرى


4/15/2010 5:28:21 AM
    "بۆرەك ئاجىزلاش ئالامىتى" مۇ ناھايىتى كەڭ بولغان بىر ئۇقۇم بولۇپ ، ئۇ سۈيدۈك سېستىمىسى ، روھى ساغلاملىق ھەم ھەزىم قىلىش ، قان ، نەپەس ئېلىش قاتارلىق سېستىمىلارغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللك . شۇڭلاشقا ، بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ، ئومۇمەن تۆۋەندىكىچە :

               بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ مېڭە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:

               ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش .

               مېڭە ئاجىزلىشىش ،دېققىتىنى مەركەزلۈشتۈرەلمەسىلىك ، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش



               بۆرەك ئاجىزلىشىشنىڭ كەيپىيات جەھەتتىكى ئىپادىسى:

               كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش

               كەيپىياتنىڭ باشقۇرۇش تەسكە چۈشۈش ، باش قېيىش ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ، جاھىل بولۇپ قېلىش ، خامۇش بولۇپ قېلىش



               بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئىشەنچ - ئىرادە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:

               ئىشەنچسىز بولۇش كېرەك .

               ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك بولۇپ قېلىش ، خىزمەت قىزغىنلىقى بولماسلىق ، تۇرمۇشتا قىزغىنلىق بولماسىلىق ، ياشاش نىشانى بولماسىلىق



               بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:

               جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش

               ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلەش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، جنسىي ئەزايى تۇرماسلىق ، ياكى تۇرسىمۇ قاتتىق بولالماسلىق ، مەنى(ئىسپىرما) تۇتالماسلىق ، بالدۇر چىقىپ كېتىش ، مىكروسكوپتا ئىسپىرمىنى كۆزەتكەندە ، ئىسپىرمىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەش ، ئىسپىرما ھۆجەيرلىرى ئازلاش ، بالىلىق بولالماسلىق .


               ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى نورمال يېتىلمەسلىك ، ھەيز قالايمقانلىشىش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، بالىلىق بولالماسىلىق .



               بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ سۈيدۈك سېستىمىسىدىكى ئالامەتلىرى:

               كىچىك تەرەت سانى كۆپىيىش ، كىچىك تەرەت قىستاش ، كىچىك تەرەت  رەڭگى سۇسلىشىش .



               بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ يەنە باشقا ئالامەتلىرى:

               بالدۇر ئاجىزلىشىش

               ئۇنتۇغاق ، ئۇيقۇسىزلىنىش ، ئىشتىھاسىتۇتۇلۇش  ، سۆڭەك ، بوغۇملار ئاغرىش ، بەل ، تىزلار سىرقىراپ ئاغرىش ، كۈچسىزلىنىش ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش ، ئاڭلاش سېزىمى ئاجىزلىشىش . چاچ چۈشۈش ، چاچ بالدۇر ئاقىرىش . چىش بوشاپ كېتىش .

               چىرايى سۇلغۇنلىشىش ، قارا چەمبىرەك چوڭقۇرلاش ، تېرە رەڭگى نۇرسىزلىنىش ، تېرە يىرىكلىشىش ،قۇرغاقلىشىش ، بالدۇرلا قورۇق كۆرۈنۈش ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىكى تۆۋەنلەش . ئاياللارنىڭ كۆكسى ساڭگىلاش ، بەل ، قورساقتا مايلار يىغىلىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەن ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ .
tughchi
تورداشلار باھاسى(0) باھا ئېلان قىلىمەن

ئەزا ئىسمى : يېڭى ئەزا?

powered by IlgharCMS 2.85 www.ilghar.cn