مانا تاماشا !!!
مانا تاماشا
مەزكۇز ئەسەر يازغۇچى ئەخمەت ئىمىن ئاكىمىزنىڭ ئەسىرى
مەن ئىشرەت بەزمىسىدە ئولتۇرۇۋاتىمەن ............................
ئەي ، دۇنيا كەل ! بىلللە ئىچىشەيلى ! كۆتۈرەلىسەڭ ماڭا ئوخشاش ئاقنى ئىچ . يېنىڭ توم بولسا ئىلى چەمبىرەكنى ئىچ . يېلىڭداپ قالغان بولساڭ شاگاڭ داچۈ نى ئىچ . ئىستاكانغا لىق تولدۇراي ، قوۋزۇڭنى تولدۇرۇپ - تولدۇرۇپ ئىچ . « يۈرۈگۈم چىلاشسۇن » دېسەڭ بوتولكىسى بىلەن ئىچ . ساندۇقلاپ ئىچ . ھە ! ..... ئەنە شۇ چاغدا ماڭا ئۈلپەت بولالايسەن . شۇ چاغدا « ئەكەل قولۇڭنى ! » دەيمەن . بىز دوست بولىمىز . « مەس بولۇپ قالىمەن » دەمسەن ؟ قورقما ! مۇزدەك پىۋا ئىچىمىز . كەيپىڭمۇ كۆپۈكتەك يوقاپ كېتىدۇ . لېكىن كەيپنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشى ياخشى ئىش ئەمەس . خاتىرجەم بول ! مەن كەيپنىڭ ئەھلى . مۇسەللەسلىرىمىز بار ، مەيزاتلىرىمىز بار . پاتېنت ھوقوقى بىزنىڭ ، ئۇنىڭدا بىزنىڭ مىللىي روھىمىز قىزىرىپ تۇرىدۇ . خۇددى خورازنىڭ تاجىسىدەك ، خۇددى ھۆسن تۈزەش دۇكانلىرىدىكى يالاڭ پاچاق خېنىملارنىڭ لەۋ سۇرۇقىدەك . ھا ھا ھا ھا ھا ....... ئۇ چاغدا كۆر مەستلىك دېگەننى . مېڭىشلىرىڭ غالداڭ - غۇلدۇڭ ، يېتىشلىرىڭ ئىرماش - چىرماش . ئاڭلاشلىرىڭ ئاھ ! ، ۋاھ ! . ئەتىسى قوپساڭ يانچۇقلىرىڭ تەتۈر ئۆرۈلگەن . خوجايىننىڭ قاپىقى تۈرۈلگەن ، كىملىكىڭنى گۆرۆگە قويۇپ ، پۇل ئەكىلىشكە ئۆيگە يۈگۈرگەن . مانا كەيپچىلىك ، مانا تاماشا !!!!!
كەل دۇنيا ، كەل ! ئىشرەت بەزمەمگە كەل ! كەيپنىڭ ھوزورىنى بىللە سۈرەيلى ! بىر تالدىن چېكىشىۋالامدۇق ؟ سىگارتىڭنى قوي ، ئېغىزنى بەتتام قىلىدىغان . شىياڭيەننى كۆتەر ، مەيدىنى چىڭىتىدىغان . بىر بىنەڭ ئوراپ بېرەي ، بەلغەمنى ھەيدەيدۇ . مېغىزدەك سېلىپ بېرەي ، پەيزىڭنى قوزغايدۇ . ئاسمانغا چىقىپ ئەرشنى كۆرىسەن ، يەرگە چۈشۈپ كەشىڭنى كۆرىسەن . جىسمىڭ قايناڭ بازارلاردا ، روھىڭ مىسكىن مازارلاردا . يۈرەك ھالدى بولۇپ كېتىدىكەنمەن دەپ قورقىۋاتامسەن ؟ ئەمىسە ، يۈرەكنى قاپتەك قىلىۋېتىدىغىنىدىن بىر چىمدىم سېلىپ بېرەي . ناسىۋال قاپاقنى قېقىپ بېرەمدىكىن دەپ قالما . بىزمۇ زامانىۋىلىشىپ كەتتۇق . ئىچىشىمىز ئاق ، چېكىشىمىزمۇ ئاق . كۈمۈش قەغەزگە ئاقنى قويىۋېلىپ ، سەرەڭگىگە ئوتنى يېقىۋېلىپ ، يۈز سوملۇقنى كاناي قىلىۋېلىپ ئاق يىلاندەك مەستخۇش تۈتۈننى ئەجدىھادەك ھاپلا يۇتىمىز . ئاقنىڭ كەيپى نازىنىڭ قىزىدەك ۋۇجۇدىمىزنى قىلغاندا ئەسىر ، قولىمىز بوشاپ ، پۇتىمىز بوشاپ ، شامدەك يۇمشاپ ، لايدەك ياتىمىز . بۇ جەھەتتە ياۋروپادىن ئۆتۈپ كەتسەك كېتىمىزكى ھەرگىز كەينىدە قالمايمىز . ئاۋال ئىشلەپ تاپقان پۇلىمىزغا چېكىمىز ئاندىن ئاتا - ئانىمىزنىڭ پۇلىغا چېكىمىز كېيىن كۆزىمىزنى خەقنىڭ يانچۇقىغا تىكىمىز . ياكى ئالداپ ئالىمىز ياكى بۇلاپ ئالىمىز ياكى تىلەپ ئالىمىز ياكى چەيلەپ ئالىمىز ....... ئىشقىلىپ ئالىمىز ، چېكىمىز . ئاق چېكىش ئۈچۈن بەزىدە خەقنىڭ بوينى باغلانغان ئىتىغا ئايلىنىمىز . « ئال كۈچۈكۈم ! » دېسە ، ئاتا - ئانىمىزغىمۇ « ھاۋ » دەپ ئېتىلىمىز . ئاشۇ ئاق ئۈچۈن بەزىدە مادا ئېشەككىمۇ ئايلىنىمىز . ئىپپەت - نومۇستىن ، غوروردىنمۇ بىراقلا ئايرىلىمىز . ئاشۇ ئاق ئۈچۈن بەزىدە ئوقى بار مىشەككىمۇ ئايلىنىمىز . چاچراپ چىقىپ گۇناھسىزنىڭ يۇرىكىگە سانجىلىمىز . ئاشۇ ئاق ئۈچۈن ئوت بولۇپ يانىمىز . ئاشۇ ئاق ئۈچۈن ئىس بولۇپ ئۇچىمىز . ئاشۇ ئاق ئۈچۈن كۈل بولۇپ ئۆچىمىز .
كەل دۇنيا كەل ! سەنمۇ چەك ، ئۇچايلى بىز بىللە سامادا . مانا كەيپ ! مانا تاماشا !!!
مەن ئىشرەت بەزمىسىدە ئويناۋاتىمەن . كەل دۇنيا كەل ! بىللە ئوينايلى ! بىزدە ھەممە ئويۇن بار . خالىساڭ باشلىرىمىزنى ئىككى يانغا تاشلاپ ساما ئوينايمىز . خالىساڭ بېلىمىزنى تولغاپ تۇرۇپ دېسكو ئوينايمىز . كەل دۇنيا كەل ! سەن ئايال بول ، مەن ئەركەك بولاي . سەن بوينۇمغا گىرە سال ، مەن بېلىڭدىن قۇچاقلاي . چاپلىشىپ تۇرۇپ ، چىرمىشىپ تۇرۇپ ئەڭ زامانىۋى تانسا ئوينايمىز ! ئاجايىپ نوچى بايلىرىمىز بار . قوللىرىنى يۈز سوملۇق پۇلدا سۇرتىدىغان . بېشىمىزدىن شاراق - شۇرۇق دوللار ئۆرۈيدىغان . يەنە ئاجايىپ ئاياللىرىمىز بار . ئۇسۇل ئويناپ بەرسەك خۇددى شەھەر ئېلىپ بەرگەندەك بوينىمىزغا شايىلار ئارتىپ ، بېلىمىزگە نەچچە كىيىملىك بەقەسەملەردىن بەلباغ باغلايدىغان . قارا دۇنيا قارا ! ئۇياقتىمۇ توي ، بۇياقتىمۇ توي . ئۆز زامانىسىدا پادىشاھلىرىمىز ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ تويىغىلا پۈتۈن ئەلگە ئاش تارتىدىكەن . بىز بۈشۈك تويلىرىمىزغىمۇ ، سۈننەت تويلىرىمىزغىمۇ ، چوكان تويلىرىمىزغىمۇ پۇتۇن شەھەرگە ئاش تارتىمىز . ھەتتا شەھەردىن شەھەرگە يۆتكىلىپ يۈرۈپمۇ ئاش تارتىمىز . شەھەردىن شەھەرگە چاقىرىپ يۈرۈپمۇ ئاش تارتىمىز . بىز كىتاپ ساتمايمىز ، باغاق ساتىمىز . كىتاپ ئالمايمىز باغاق ئالىمىز . بىز ھەمكارلىشىپ كارخانا قۇرمايمىز بەلكى ھەمكارلىشىپ سورۇن قۇرىمىز . بۈگۈن ھەممىڭلار بىرلىشىپ ماڭا بېرىسىلەر ، ئەتە ھەممىمىز بىرلىشىپ ساڭا بېرىمىز . مەنمۇ ھەممىنى رېستۇرانغا تۆكىمەن ، سەنمۇ ھەممىنى رېستۇرانغا تۆكىسەن . سورۇندا ھەممىمىز ئوقۇرى ئېگىز باي بالىسىدەك ئولتۇرىمىز . ئۆيگە قايتقاندا قۇرۇق ناننى غاجىلاپ ، بېشىمىزنى قاشلاپ غەمگە چۆكىمىز . ئۆيلىرىمىزگە خۇدانىڭ رەھمىتى ياغمايدۇ باغاق ياغىدۇ . كۆڭلىمىزدە باغاقلارغا ئالقىش ياغمايدۇ قاغىش ياغىدۇ . لېكىن چاندۇرمايمىز ، سورۇنلاردا چىرايىمىزدىن راست كۈلكە ئەمەس ھىجاق ياغىدۇ . ئېغىزىمىزدىن راست گەپ ئەمەس يالغان ياغىدۇ . بەزىدە زارلىنىپ ، غۇتۇلدىشىپمۇ قويىمىز . بەزمە - بالاسى توغرىلىق پىكرىمىز بىر يەردىن چىقىدۇ . پىكرىمىزنىڭ بىر يەردىن چىققانلىقى ئۈچۈن ، بىر - بىرىمىزنىڭ ھالىغا يەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ، بىر - بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن ، كۆڭلىمىز ئۈچۈن ، يەنە شۇ كۆڭلىمىز ئۈچۈن ، ئەقىلنى تەرك قىلغان ، ئەتىنى ئويلىمايدىغان ئەشۇ ئاپئاق كۆڭلىمىز ئۈچۈن ، ئۆزىنى ئۇنتىغان ئۆزگىنىنى ئويلايدىغان ، ئاشۇ ئۆزگىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىنى ئۇنتۇيدىغان ئاشۇ كۆڭۈلچەك كۆڭلىمىز ئۈچۈن قەدەھ سوقۇشتۇرۇپ ئەتىسى يەنە يېڭى مەنىدىكى بەزمە قۇرۇش ئۈچۈن ۋەدىلىشىمز . « ئىچمەيمەن » دىگەن كۆڭلىمىز ئۈچۈن ئىچىمىز . چەكمەيمەن دىگەن كۆڭلىمىز ئۈچۈن چېكىمىز . قىلمايمەن دىگەن كۆڭلىمىز ئۈچۈن قىلىمىز . بارمايمەن دىگەن كۆڭلىمىز ئۈچۈنمۇ بارىمىز . ئىچمەيمەن دېيىشمۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىز . بىر قېتىمدىن كېيىن ئاخىرقى قېتىم ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئاخىرقى قېتىم ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى توختىماس رېتىم .
مانا ! بىزنىڭ توختىمايدىغان تۇرمۇش رېتىمىمىز . مانا ! بىزنىڭ ناغرا - سۇناي تەڭكەش قىلىنغان ھايات رېتىمىمىز .
كەل دۇنيا كەل ! ناخشىمىزغا جۆر بول . ئۇسۇلىمىزغا تەڭ سەكرە . ساما سال ، دېسكو ئوينا . تولغان ، تولغان . ئاتا - ئانىلىرى رېستۇراندا يۈرگەن شەنبە - يەكشەنبە ئىسسىق تاماقسىز ، قۇرۇق ناننى غاجىلاپ يۈرگەن كىتاپقا « پۇل » دىسە دەشنامنى ئىششىتىپ ، يېلىنىپ - يىغلاپ قاپاق ئىششىتىپ ، بۇلۇڭ - بۇلۇڭدا شۈمشۈيۈپ يۈرگەن سەبىي بالىدەك دەرت بىلەن تولغان .
كەل دۇنيا كەل ! زامان بىزنىڭ . دەۋر بىزنىڭ . سېنىڭ دەۋرىڭ ئۇچۇر دەۋرى بولسا بىزنىڭ دەۋرىمىزمۇ ئۇچۇر دەۋرى . سەن ئۆز - ئارا ئىلىم - بىلىمنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزسەڭ بىز ئۆز - ئارا توي - بەزمىنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزىمىز . سەن پەن - تېخنىكا ئىجاد قىلساڭ ، بىز توي - بەزمە ئىجاد قىلىمىز . كەل دۇنيا كەل ! ئىشرەت بەزمىسىگە كەل . قىرانلار بەزمىسىگە كەل . چوكانلار بەزمىسىگە كەل . بالىلار بەزمىسىگە كەل . ئەپەندىلەر بەزمىسىگە كەل . ھاجىملار بەزمىسىگە كەل . تۇغۇلغانلار شەرىپىنىڭ بەزمىسىگە كەل . ئۆلگەنلەرنىڭ بەزمىسىگە كەل ................. كەل ! كەل ! كېلىۋەر ! ئەمما قورسىقىڭنى توقلاپ كەل ، يانچۇقىڭنى لىقلاپ كەل . رېستۇرانلار ئارا پۇلىڭنى چاچ ! بايۋەتچىلىك بىلەن كۆڭلۈڭنى ئاچ ! بولىسەن شۇندا سەنمۇ باي -
پادىشاھ ! مانا تاماشا ! مانا تاماشا !!!!!!
tughchi