ئەنگلىيە پۇتبول باش جەمئىيىتى 7991 - يىلىدىن باشلاپ مەكتەپ ۋە مەھەللىلەر ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول مەشىقى قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق پۇتبول تېپىدىغانلارنى كۆپەيتتى ھەم مەكتەپتە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان كىچىك كۆلەمدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەشىق شارائىتىنى ياخشىلايدىغان ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنھەرىكەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش بەلگە پىلانىنى يولغا قويدى.
يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش ئۆلچىمى پىلانى ئارقىلىق ئەنگلىيە ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول مايسىلىرىنى يېتىشتۈرۈش پائالىيىتىنىڭ بوشلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭىيىپ، مەكتەپتىن مەھەللىلەرگىچە ئوڭۇشلۇق كېڭەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپىدا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش مەكتىپى −− ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش كۇلۇبى −− مەھەللە پۇتبول كۇلۇبى −− كەسپىي پۇتبول كۇلۇبىنى لىنىيە قىلغان تەرەققىيات يولى ۋە رامكىسى ئورنىتىلىپ، چىملىق پۇتبولى بىلەن كەسپىي پۇتبولچىلىق تېخىمۇ چوڭ دائىرىدە جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئەنگلىيە مەكتەپلىرى ۋە مەھەللە پۇتبولچىلىقى مالىيە، ماددىي كۈچ، ئادەم كۈچى جەھەتتە ئۆلچەملىشىشكە ۋە سىستېمىلىشىشقا يۈزلەندۈرۈلۈپ، ئەنگلىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سالدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنگلىيە مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى مەبلەغ جەھەتتىمۇ ھۆكۈمەت، پىدائىيلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلار ھەم شەخسلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەنگلىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى 3102 - يىلى 9 - ئايدا يېڭىدىن تۈزگەن تەنتەربىيە دەرسلىكىدە پۇتبول ۋە خوككېي توپى قاتارلىق رىقابەت خاراكتېرلىك تەنتەربىيە تۈرلىرىنى باشلانغۇچنىڭ 3 - يىللىقىدىن 6 - يىللىقىغىچە نۇقتىلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلىك قاتارىغا كىرگۈزدى. بۇ، ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش ئۆلچىمى پىلانىنىڭ مەكتەپ دائىرىسىدە ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
ھازىر ئەنگلىيەدىكى 23 مىڭ مەكتەپ )باشلانغۇچ 71 مىڭ( پۇتبول تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تىرېنېر 03 مىڭدىن، ئوغۇل ئوقۇغۇچى 004 مىڭدىن، قىز ئوقۇغۇچى 56 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. 1102 - يىلىغىچە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كىچىك كۆلەمدىكى پۇتبول كوماندىلىرى 52 مىڭ 239گە يەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا، ياشلار، ئۆسمۈرلەر قىز، ئوغۇل پۇتبول كوماندىلىرى ئايرىم - ئايرىم 63 مىڭ 047 ۋە 3615كە يەتتى، بەش ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان 2 مىليون 005 مىڭ بالا تېخنىكا تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى، پۈتكۈل ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمەن ياخشى بولدى. 3102 - يىلى ئەنگلىيەدە ھەرقايسى ياشتىكى پۇتبول تېپىدىغانلار 7 مىليونغا يەتتى ھەم 004 مىڭ پۇتبول پىدائىيسى، 003 مىڭ تىرېنېر ۋە 72 مىڭ رېپېر بارلىققا كەلدى.
لى شياۋپېڭ