• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئەنگلىيەلىك ئەر 12 مىنۇت ئىچىدە ‹‹تەڭداشسىز ناشتا›› نى يەپ تۈگىتىپ يېڭى رېكورد ياراتتى

    مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-10 21:07:14
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
     
        ئەنگلىيە ‹‹ئەينەك گېزىتى›› نىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى 28 ياشلىق ‹‹كەسپىي ئاشپاقا›› راندى سانتېل يېقىندا ‹‹چوڭ كۆلەمدىكى ئالۋاستى ناشتىغا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى›› گە قاتنىشىپ، 12 مىنۇت ئىچىدە ‹‹تەڭداشسىز ناشتا›› نى يەپ تۈگىتىپ، يېڭى رېكورد ياراتقان.
        خەۋەر قىلىنىشىچە، راندى 12 مىنۇت ئىچىدە ئالتە سۈرلەنگەن گۆش، ئالتە قېزا، ئالتە تۇخۇم، ئالتە ياغدا پىشۇرۇلغان بەرەنگە نېنى، ئالتە بولكا ۋە ئالتە ھورناننى يەپ تۈگەتكەن، ئەنگلىيەلىك جونسى ياراتقان رېكوردتىن سەككىز مىنۇت بۇرۇن مۇسابىقىنى تاماملىغان. 300 دىن ئارتۇق تاماشىبىن نەق مەيداندا يېڭى رېكوردنىڭ بارلىققا كېلىشىگە شاھىد بولغان. راندى مۇسابىقىدىن كېيىن: ‹‹بۇ تائاملار بەكمۇ مەززىلىك ئىكەن، كىشىلەرمۇ بەك قىزغىن بولدى، يېڭى رېكورد ياراتقاندىكى ھېسسىيات بەك ياخشى بولىدىكەن›› دېدى.
        ئىگىلىنىشىچە، ‹‹چوڭ كۆلەمدىكى ئالۋاستى ناشتىغا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى›› نى ئەنگلىيەدىكى بىر قەھۋەخانا ئەڭ ئاۋۋال باشلىغان.
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى جاھان يىڭىلىقلىرى