تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
ئامېرىكا ‹‹ نيۇيورك كۈندىلىك خەۋىرى ›› نىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەلىك بىر ئەر 15 يىل بۇرۇن ھەربىيلىكتە تۇرغاندا، ھەمجىنىس سالاھىتى ئاشكارلىنىپ، پىراۋىسى تارتىۋېلىنغان.
بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن دانىلونىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەربىيلىكتە تۇرغىنىدا سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ھەربىي دوختۇرغا ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس سالاھىيىتىنى ئاشكارلىغان. نەچچە ئايدىن كېيىن ھەربىي دوختۇر ‹‹ ھەمجىنىسلار ئاپتوموبىل ھەيدەشكە مۇناسىپ كەلمەيدۇ ›› دېگەن باھانە بىلەن ئۇنىڭ پىراۋىسىنى تارتىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى 15 يىلدا دانىلو ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقى ۋە قاتناش مىنىستىرلىقىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، بۇ يىل 23 -يانۋار دەۋادا ئۇتۇپ، پىراۋىسىنى قايتۇرۇۋالغان ھەمدە 150 مىڭ دوللار ( تەخمىنەن 930 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) تۆلەمگە ئېرىشكەن.
دانىلونىڭ ئېيتىشىچە، بۇ غەلبە يالغۇز ئۆزىنىڭلا غەلبىسى بولماستىن بەلكى بارلىق ھەمجىنىسلارنىڭ غەلبىسى ئىكەن.
تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى