• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • پارپا قىز 1.8 مېتىر كېلىدىغان سېرژانت بىلەن مۇھەببەتلەشتى

    مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-10 21:07:14
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
     
        ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگلىيەدىكى 26 ياشلىق پارپا قىز كەت بوي ئېگىزلىكى 1.8 مېتىر كېلىدىغان ئېيچ بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، توي قىلىشقا پۈتۈشكەن، بۇ خەۋەر ئاشكارلانغاندىن كېيىن كىشلەر ئارىسىدا غۇل-غۇلا پەيدا بولغان.
        ئىگىلىنىشىچە، بوي ئېگىزلىكى 1.2 مېتىر كېلىدىغان كەت يالاڭ ئۇسسۇلچى بولۇپ، ھەپتىسىگە 140 فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 13 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) تاپاۋەت قىلىدىكەن. 1.8 مېتىر كېلىدىغان ئېيچ سېرژانت ئىكەن، بۇلارغا ئوخشاش مەيلى بوي تۇرىقى ياكى خىزمىتى تۈپتىن ماس كەلمەيدىغان ئىككىيلەننىڭ مۇھەببەتلىشىشى كىشىلەرنى تازا ھەيران قالدۇرغان.
        ئېيچنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كەتنىڭ سۈرىتىنى توردا تۈنجى كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالغان، ئىككىيلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن تېزدىنلا مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككەن. گەرچە كەتنىڭ بوي ئېگىزلىكى بەزى بىر قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كەتكە بولغان مۇھەببىتىنى سۇسلاشتۇرالمىغان. كەت ھاياجانلانغان ھالدا: مەن كىچىكىمدىن نۇرغۇنلىغان كەمسىتىش ۋە مازاق قىلىشلارغا ئۇچرىغان، ئەمما ھازىر مەن ئۆزەمنى بەكمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن، دېگەن.
     
     
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى جاھان يىڭىلىقلىرى