جۇڭگو ئاخبارات تورى 3- فېۋرال تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 1-فېۋرال ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋالىس ئىشتاتىنىڭ شىمالىدا ئۆتكۈزۈلگەن كاۋا يېتىشتۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئولىف ئىسىملىك بىر دېھقان يېتىشتۈرگەن كاۋىنىڭ ئېغىرلىقى 743 كىلوگىرام كەلگەن بولۇپ، مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان ھەمدە ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەڭ ئېغىر كاۋا رېكورتىنى بۇزغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئولىف يېتىشتۈرگەن 669 كىلوگىراملىق يەنە بىر كاۋا 2-لىككە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: بۇ يىل باھاردىكى ھاۋارايى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، بىز بۇ كاۋىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپچىلىك بۇ يىللىق ھۆل-يېغىن ۋە قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىدىن بىخەۋەر، يىغىپ ئېيتقاندا بۇ يىل تازا كۆڭۈلدىكىدەك بىر يىل بولمىدى.
ئولىف يەنە ئۆزىنىڭ ئىنتايىن تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى، بىر يۈرۈش شامالدىن مۇداپىئەلىنىش تاكتىكىسى ۋە يېتەرلىك سۇ مەنبەسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ كاۋىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئەھۋالدا چېمپىيون بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: دەسلەپتە بۇ كاۋىنىڭ يېتىلىشى ئالدىنقى يىللاردىكى كاۋىلارنىڭكىدەك ئوڭۇشلۇق بولمىغانىدى، كاۋا سۇ ئىنتايىن يىتەرلىك بولغان شارائىتتا ئاندىن تېز چوڭىيالايدۇ، بۇ كاۋا ئويلىمىغان يەردىن پەقەت 80 كۈن ئەتراپىدىلا مۇشۇنداق چوڭ بولۇپ كەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر دۇنيا جېننىس رېكورتىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ ئېغىر كاۋا 1054 كىلوگرام كېلىدىغان بولۇپ، بۇ كاۋىنى شىۋېيتسارىيەلىك بىر دېھقان يېتىشتۈرگەن ئىكەن.
كانادالىق بىر ئەر مۈشۈكلەرئۈچۈن دۇبۇلغا ۋە ساۋۇت لايىھەلىدى
ئاۋستىرالىيەدە 1.5 كىلوگىراملىق غايەت زور ھامبۇرگ بولكىسى بازارغا سېلىندى
ھەمجىنىس سەۋەبىدىن پىراۋىسى تارتىۋېلىنغان ئەر
ياپونىيەلىك ساقچى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇش جەريانىدا چېقىلغان سائىتىنى تۆلەتمەكچى بولدى
پارپا قىز 1.8 مېتىر كېلىدىغان سېرژانت بىلەن مۇھەببەتلەشتى
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توك ھەرە قازاقىستاندا مەيدان كەلدى
دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق مېھمانخانا
قاربوۋاي ياساشتا رېكورد يارىتىلدى
ئەنگلىيەلىك ئەر 12 مىنۇت ئىچىدە ‹‹تەڭداشسىز ناشتا›› نى يەپ تۈگىتىپ يېڭى رېكورد ياراتتى