• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئايال بايۋەتچىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھەلەنگەن پاراخوت

    مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-10 21:07:09
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
     
        ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، داڭلىق ماركا لايىھەلىگۈچى لىدىئا بېرسانى ئايال بايۋەتچىلەر ئۈچۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ھەشەمەتلىك پاراخوت لايىھەلەپ بەرگەن، بۇ پاراخوت خىرىستال، ھېقىق، ھەرخىل گۈل ۋە نوركا قاتارلىق ئاياللار ياخشى كۆرىدىغان ئامىللار بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، كاتتا ئوردىغىلا ئوخشايدىكەن. ئالتۇن رەڭ بىلەن ئاق رەڭ ئارلاش ھەل بېرىلگەن بۇ‹‹ ساھىبجامال ›› پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلىقى 80 مېتىر بولۇپ، ئالتە ھەشەمەتلىك ھۇجرىسى بار، باش ھۇجرىسىغا ھەدىدىن زىيادە چوڭ يۇمىلاق شەكىلدىكى كارىۋات قويۇلغان. لىدىئانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پاراخوت مېھمانلار ئۈچۈن ئازادە، يورۇق، ئېسل ۋە رومانتىك تۇيغۇ بېرىدىكەن.
        پاراخوتقا قەھۋەخانا، كومپيۇتېرخانا، تاماقخانا ، كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش رايونى تەسىس قىلىنغاندىن سىرت يەنە ئالاھىدە سۇ بىلەن داۋالىنىش رايونىمۇ تەسىس قىلىنغان. مېھمانلار بۇ يەردە ھورداق ۋە ئارشاڭغا چۈشىدىكەن. پاراخوتنىڭ ئۈستىدە يەنە تىك ئۇچار قونىدىغان مەيدانمۇ بار ئىكەن.
     
     
     
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى جاھان يىڭىلىقلىرى