تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى 26 ياشلىق قىز خاننانىڭ ئوغۇل دوستى دەننىي جىنسىنى ئۆزگەرتىپ ئايال كىشىگە ئۆزگەرمەكچى بولغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، خاننا ئۇنىڭ بۇ قارارىنى قوللىغان ھەمدە دەننىي ئايال كىشىگە ئۆزگىرىپ قالسىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، خاننا بىلەن دەننىي 2010-يىلى توردا تونۇشۇپ، تېزدىنلا مۇھەببەت قاينىمىغا چۆمگەن. ئىككەيلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىدا، دەننىي ئۆزىنىڭ ئايال كىشىگە ئۆزگىرىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان، خاننا دەسلىپىدە بۇنى دەننىينىڭ ئايرىلىپ كېتىش ئۈچۈن تاپقان باناسى دەپ ئويلىغان بولسا، كېيىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئايال كىشى بولۇش ئىستىكىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان.
دەننىينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ سەككىز ياش چاغلىرىدىلا ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، گەرچە ئۇ ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئەرلەرگە خاس يۈرۈش-تۈرۈش قىلسىمۇ، ئەمما ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، قىزلارچە ياسىنىدىكەن.
كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى، دەننىي ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئويىنى خەنناغا ئېيتقاندىن كېيىن، خەننا ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كېتىش يوق يەنە تېخى ئۇنىڭغا تۈك چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ۋە ئاياللىق جىنسىي ھورمۇن ئۇكۇلى ئۇرۇشقا بېرىشىپ بەرگەن، بىللە بازار ئايلىنىپ، بىرگە گىرىم قىلغان. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى كۈندىن-كۈنگە چوڭقۇرلاشقان. ھازىر ئۇلار دەننىينىڭ كۆكرەك چوڭايتىش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن پۇل توپلاۋاتىدۇ.
تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى