• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • كەپسىز بالىلارنى باپلايدىغان تاز چاچ پاسونى

    مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-10 21:07:03
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
     

        كەپسىز بالىلارنىڭ ‹‹ ئەدىپىنى ›› زادى قانداق بېرىش كېرەك ؟ ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىدىكى 34 ياشلىق ساتىراش رۇسسېل كەپسىز بالىلارغا ئامالىسز قالغان ئات-ئانىلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر مۇلازىمەت تۈرىنى يولغا قويغان. O5yئاقيول تور بىكىتى

        ئىگىلىنىشىچە، رۇسسېل دەرستە ئارقىدا قالغان ئوغلىنى جازالاش ئۈچۈن ئۇنىڭ چېچىنى بوۋايلارنىڭكىدەك تاز پاسوندا ياساپ قويغان. خېجىلچىلىقتا قالغان ئوغلى تېزراق بۇ چاچتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، دەرسكە كۆڭۈل قويۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسسېل كەپسىز بالىلارنى ‹‹ باپلايدىغان ›› بۇ خىل مۇلازىمەتنى يولغا قويغان. O5yئاقيول تور بىكىتى

        يېقىندا رۇسسېل بىر ئانىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇنىڭ بالىسىنىڭ چېچىنىمۇ تاز پاسوندا كېسىپ قويغان. ئانىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بۇ كەپسىز بالىسى ھازىر خېلىلا يۇۋاشلاپ قالغان ئىكەن. رۇسسېلنىڭ بۇ مۇلازىمىتى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئاز ساندىكىلەر بۇنى بالىلارغا قىلىنغان ‹‹ روھىي خورلاش ›› دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپۈنچە كىشىلەر بۇ خىل ئامالىنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان.O5yئاقيول تور بىكىتى

    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى جاھان يىڭىلىقلىرى