ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە بىرمىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتى ئاستروفىزىكا فاكۇلتېتىدىكى 24 ياشلىق ئايال دوكتور، جۇڭگو مۇھاجىر ئەۋلادى ليۇ مېيجى ‹‹ مارس 1-نومۇر ›› مۇستەملىكە پىلانى نامزاتلىقىغا سايلانغان، ئۇ مۇشۇ پىلانغا سايلانغان نامزاتلار بىلەن بىللە مارسقا چىقىپ بالا تۇغۇپ، ‹‹ مارس ئانىسى ›› بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ‹‹ مارس 1-نومۇر ›› مۇستەملىكە پىلانى بويىچە، مارسقا 2018-يىلى ئادەمسىز پىكاپ ئەۋەتىلىدىكەن، 2024-يىلى تۆت نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى تۇنجى بولۇپ مارسقا ئەۋەتىلىپ، 2025-يىلىدىن باشلاپ مارس مەڭگۈلۈك مۇستەملىكە قۇرۇلۇشى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر ئىككى يىلدا تۆت نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى مارسقا ئەۋەتىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 40 ئادەمنى مارستا ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.
ليۇ مېيجى بۇ پىلانغا تاللانغان 600 نەپەر نامزاتنىڭ بىرى بولۇپ، كېلەركى ئايدا مارسقا چىققۇچى 40 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى رەسىمىي بېكىتىلىدىكەن. مارستا ئولتۇراقلىشىپ، بالىلىق بولۇش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ئەگەر ليۇ مېيجى بۇ پىلانغا ھەققىي تۈردە تاللانسا، كېيىكى ئون يىلدا داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ئېلېكتىرون، دېھقانچىلىق ۋە تۇرۇبا ئادالاش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگىنىدىكەن. مارسقا چىققاندىن كېيىن ئۆزى بىلەن بىرگە چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن ئائىلە قۇرۇپ، ‹‹ مارس بوۋاق ›› لىق بولىدىكەن.
كانادالىق بىر ئەر مۈشۈكلەرئۈچۈن دۇبۇلغا ۋە ساۋۇت لايىھەلىدى
ئاۋستىرالىيەدە 1.5 كىلوگىراملىق غايەت زور ھامبۇرگ بولكىسى بازارغا سېلىندى
ھەمجىنىس سەۋەبىدىن پىراۋىسى تارتىۋېلىنغان ئەر
ياپونىيەلىك ساقچى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇش جەريانىدا چېقىلغان سائىتىنى تۆلەتمەكچى بولدى
پارپا قىز 1.8 مېتىر كېلىدىغان سېرژانت بىلەن مۇھەببەتلەشتى
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توك ھەرە قازاقىستاندا مەيدان كەلدى
دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق مېھمانخانا
قاربوۋاي ياساشتا رېكورد يارىتىلدى
ئەنگلىيەلىك ئەر 12 مىنۇت ئىچىدە ‹‹تەڭداشسىز ناشتا›› نى يەپ تۈگىتىپ يېڭى رېكورد ياراتتى