• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ‹‹ ياۋايى ھايۋانلار مىھمانخانىسى ››

    مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-10 21:06:59
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
     
        ئامېرىكا ‹‹ نيۇيورك كۈندىلىك گېزىتى ›› نىڭ 11-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋستىرالىيەدىكى جامالا ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى باغچا ئىچىدە ‹‹ ياۋايى ھايۋانلار مېھمانخانىسى ›› تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ مېھمانخانىدا ساياھەتچىلەرنى بىر ئەينەك تام ئارقىلىق ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھەشەممەتلىك ھۇجردىن 18 ى بار ئىكەن.
        ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۆيلەرنىڭ بىر كېچىلىك باھاسى تەخمىنەن 300 دوللاردىن 1500 دوللار ( تەخمىنەن 1800 يۈەندىن 9400 يۈەن خەلق پۇلى ) غىچە بولۇپ، ھەر بىر ئۆينىڭ ياسىلىشى ۋە ئىقتىدارى ئۆزگىچە ئىكەن. دېڭىز ئۆيدە لەھەڭلەر ئۈزۈپ يۈرسە، ئورمان ئۆيدە مايمۇنلار شاختىن-شاخقا سەكرەپ يۈرىدىكەن. دەرەخ ئۆيدە ساياھەتچىلەر بالكوندا تۇرۇپ زىراپىگە يەم بېرەلەيدىكەن، بۇنىڭدىن سىرت، تەۋەككۈل قىلىشقا ئامراق ساياھەتچىلەر يەنە تېخى جاڭگال ئۆينى تاللاپ شىر، يولۋاس ۋە ئېيىقلارنىڭ ‹‹ ھەمراھلىقىدا ›› غىزالىنىپ ، ئۇخلاپ ، يۇيۇنىدىكەن.
     
     
     
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى جاھان يىڭىلىقلىرى