تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 15-فېۋرال ياپونىيەدىكى لىياما بازار ئاھالىسى بىر سائەتنىڭ ئىچىدە 1585 قار ئادەم ياساپ، يېڭى دۇنيا جىنىس رىكورتىنى ياراتقان.
لىياما قار-مۇز بايرىمى تەييارلىق ھەيئىتىنىڭ بىلدۇرۈشىچە، شىمالىي يول يېڭى غول لىنىيەسىنىڭ لىيامادا بېكەت تەسىس قىلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، بۇ بازاردىكى 500 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان قار ئادەم ياساش ئەترىتى بىر سائەتنىڭ ئىچىدە ئېگىزلىكى 90 سانتىمېتىر كېلىدىغان قار بوۋايدىن 1500 نى ياساشقا جەڭ ئېلان قىلغان. نەتىجىدە، بۇ ئەترەتتىكىلەر 1585 قار ئادەمنى ياساپ، يېڭى رىكورت ياراتقان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتكە جىنىس رىكورتى باھالىغۇچىسى جاستىن شاھىت بولغان، ئۇ بۇ قېتىمقى جەڭ ئېلان قىلىشنى 2011-يىلى ئامېرىكا يۇتا ئىشتاتىدىكى 1279 قار ئادەم رىكورتنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى جىنىس رىكورتى ياراتقان دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغان.
تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى