تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاندىكى بىر كالا دۇنيا جىنىس رىكورتىنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ پاكا كالا دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئىنەكنىڭ ئېگىزلىكى پەقەت 61.5 سانتىمېتىر بولۇپ، ئىلگىرى رىكورت ياراتقان 69.07 سانتىمېتىرلىق كالىدىن 8 سانتىمېتىر پاكار ئىكەن. بۇ ئىنەكنىڭ ئىگىسى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ ئىنەكنىڭ بەكمۇ ئەقىللىق ھەم ئوماق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن رەسىم چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۈشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ تولىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى