• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىدى

    مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-10 21:06:54
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

        2xLئاقيول تور بىكىتى

        [ئىسپانىيە ‹‹ئاۋانگارت گېزىتى››نىڭ 23-فېۋرال خەۋىرى] ‹‹Bugatti Veyron›› ماركىلىق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلار ئەمدى مۇرادىغا يېتەلمەيدىغان بولدى. ‹‹ئاممىباب گۇرۇھى قارىمىقىدىكى فىرانسىيە Bugatti ئاپتوموبىل شىركىتى ‹‹Bugatti Veyron›› ماركىلىق 450 ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرىنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن، بۇ خىل ئاپتوموبىلنى ئىشلەپچىقىرىشنى رەسمىي توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.2xLئاقيول تور بىكىتى

        ‹‹Bugatti Veyron›› ماركىلىق ئاپتوموبىل دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئاپتوموبىل بولۇپ، ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى 2 مىليون 300 مىڭ ياۋرو. 1200 ئات كۈچىگە ئىگە بولغان ‹‹Bugatti Veyron›› ماركىلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ ياخشى نۇسخىسى بولغان ‹‹Grand Sport Vitesse›› كېلەر ھەپتە باشلىنىدىغان 2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمىگە قويۇلىدۇ.2xLئاقيول تور بىكىتى

        ‹‹ئاممىباب›› گۇرۇھى 1998-يىلى ‹‹Bugatti›› ئاپتوموبىل شىركىتىنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئىتالىيەلىك ئاپتوموبىل لايىھىلىگۈچى ئېتولىي بۇگاتتى بۇ ئېسىل ماركىغا قايتىدىن يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. Bugatti ئاپتوموبىل شىركىتى سائەتلىك سۈرئىتى 400 كىلومېتىرىدىن ئاشىدىغان، ئازادە ھەيدىگىلى بولىدىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئاپتوموبىلنى بازارغا سالماقچى بولغان. ئۇلار ئەمدى بۇ نىشانغا يەتتى. ‹‹Bugatti Veyron›› ماركىلىق ئاپتوموبىل 2005-يىلى تۇنجى قېتىم سېتىلغاندىن بۇيان، ‹‹ئاممىباب›› گۇرۇھى بۇ تېز سۈرئەتلىك مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدىكى رىقابەتتە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.2xLئاقيول تور بىكىتى

        ‹‹Bugatti›› ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ لىدېرى ۋولفگاڭ دىخېمو بايانات ئېلان قىلىپ: ئاپتوموبىل ياساش تارىخىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. ‹‹Bugatti Veyron›› ماركىلىق تۇنجى ئاپتوموبىل بازاردا سېتىلىشقا باشلىغان ئون يىلدا ھەر قايسى جەھەتلەردە ئىزچىل ئۆزگىچە ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ، دېدى.2xLئاقيول تور بىكىتى

        ‹‹ئاممىباب›› گۇرۇھى ‹‹Bugatti Veyron›› ماركىلىق ئاپتوموبىلىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى ياساۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك موتور ياساشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يېڭى نۇسخىسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن كېلەر يىلنىڭ باشلىرىغىچە بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.2xLئاقيول تور بىكىتى

    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى جاھان يىڭىلىقلىرى