• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • «كۈلۈۋالسۇن» دەپ يۇمۇر يوللىدىم

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-03-16
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    BzIئاقيول تور بىكىتى

    ئاچلىقتىن ئارانلا قالغان تۆت چىۋىن ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ، يەيدىغان نەرسە ئىزدەپتۇ.
      بىرىنچى چىۋىن بىر ئىستاكان سۈتكە قونۇپ، قانغۇچە ئىچىپتۇ. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشۈپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئۇ ئىچكەن سۈتكە نورمىدىن ئارتۇق مېلامىن قوشۇلغانىكەن.
      ئىككىنچى چىۋىن تاۋۇزغا قونۇپ، ھۇزۇرلىنىپ يەپ كېتىپ قاپتۇ. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئاشقازىنى قاتتىق ئاغرىپ، ئۇمۇ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئۇ يېگەن تاۋۇزدا كۆپ مىقداردا دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قالدۇقلىرى بار ئىكەن.
      ئۈچىنچى چىۋىن ئاق ھاراققا قونۇپ، ھاراقنى قانغۇچە ئىچىپتۇ. بىراق ھاراق ئىچىپ كۆنۈپ كەتكەن بۇ چىۋىن تېزلا مەست بولۇپ، بېشى قېيىپ، كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. چۈنكى ئۇ ئىچكەن ھاراق تەركىبىدە نورمىدىن ئارتۇق فورمالدېھىد بار ئىكەن.
      تۆتىنچى چىۋىن ئاغىنىلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە: ‹‹ھازىر نەرسىلەرنى ئالدىراپ يېگىلى بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئەنئەنىۋىي تائاملىرىمىزدىن يەي›› دەپ ئويلاپ، بىر دۆۋە پوقنىڭ يېنىغا كېلىپ قونۇپتۇ ھەم خاتىرجەم غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن ئارام ئالماقچى بولۇپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ ئۆلۈپتۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىككىلەمچى زەھەرلىنىشتىن بولغانىكەن.
    ‹‹تەڭرىتاغ تورى›› دىن ئېلىندى
    ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى
    بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن خوتەنلىك، قەشقەرلىك، ئاتۇشلۇق ئۈچ چىۋىن بىر يەرگە جەم بولۇپ قاپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە خوتەنلىك چىۋىن ئەڭ سىمىز، قەشقەرلىك چىۋىن سەل ئورۇقراق، ئاتۇشلۇق چىۋىن ئەڭ ئورۇق ئىكەن. قەشقەرلىك چىۋىن بىلەن ئاتۇشلۇق چىۋىن خوتەنلىك سىمىز چىۋىنگە ھەۋەس قىلىپ سوراپتۇ:
    - ئاداش، سەن نىمانچە سىمىز؟
    - مەن،- دەپتۇ خوتەنلىك چىۋىن بۇرۇتىنى بىر تولغىۋېتىپ، - مەن خوتەندە ئادەملەرنىڭ تامىقىغا چۈشۈپ قالسام، ئۇلار مېنى قاچىدىكى تاماق بىلەن تۆكۈۋېتىدۇ.
    بۇ گەپنى ئاڭلىغان قەشقەرلىك چىۋىن بىلەن ئاتۇشلۇق چىۋىن شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ، «توۋا» دېيىشىپ قاپتۇ. ھەمدە قەشقەرلىك چىۋىن ئۆزلۈكىدىنلا گەپ باشلاپتۇ:
    - سىلەرگە دېسەم، بىزنىڭ قەشقەردە مەن ئادەملەرنىڭ تاماق قاچىسىغا چۈشۈپ قالسام، ئۇلار مېنى قوشۇقتا ئېلىپلا تاشلىۋېتىدۇ، كۈنلىرىم تازا باياشات ئەمەس...
    بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاتۇشلۇق چىۋىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايلا تۆكۈلۈپتۇ:
    - سىلەر مېنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئورۇق ئىكەنلىكىمنى بىلمەيسىلەر، مەن ئەگەر ئاتۇشتا ئادەملەرنىڭ تاماق قاچىسىغا چۈشۈپ قالسام، ئۇلار مېنى شۈمۈپ تاشلىۋېتىدۇ...

    ئۇسۇرغاق موللام
    ئىسمايىل ئىسىملىك بىر مۇللام بىر كۈنى قەشقەردىكى ھېيتكادا ناماز ئوقۇۋېتىپ، جامائەت ئالدىدا بىر ئۇسۇرۇپ قويۇپ، خىجىلچىلىقتا، ئۆي ۋاقىسىنى ئېلىپ باشقا يۇرتقا كۆچۈپ كېتىپتۇ. ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، موللامنىڭ ئايالى:«سىلى بىر يۇرتقا بېرىپ قاراپ باقسىلا، بۇ ياقا-يۇرتتا تۇرۇۋەرمەيلى، ئەگەر يۇرتتىكىلەر سىزنىڭ ئەينى يىلىدىكى سەتچىلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، قايتىپ كېتىلى» دەپتۇ.
    شۇنىڭ بىلەن موللام يۇرتىغا قاراپ ئاتلىنىپتۇ. قەشقەرگە كېلەي دېگەندە ئۇنىڭ ئالدىغا بىر كىچىك بالا يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ، موللام ئۇنىڭغا ئامراقلىق قىلىپ، تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سوراپتۇ:
    ئۇ بالا: بىزنىڭ يۇرتتا ئىسمايىل دېگەن بىر ئۇسۇرغاق موللام بارئىكەنتۇق، شۇ يۇرتتىن كېتىپ 3 يىلدىن كېيىن تۇغۇلۇپتىكەنمەن دەپتۇ.
    بۇنى ئاڭلاپ، موللام سەل كۆڭلىگە كېلىپ، ھە بالام 7 ياش كىرىپسەن دەپتۇ.
    موللام يەنە ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، يەنە بىر بالا يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ، موللام ئۇنىمۇ تۇتۇۋېلىپ قانچە ياشقا كىرگەنلىكنى سوراپتۇ.
    ئۇ بالا: بىزنىڭ يۇرتتا ئىسمايىل دېگەن بىر ئۇسۇرغاق موللام بارئىكەنتۇق، شۇ يۇرتتىن كېتىپ 6 يىلدىن كېيىن تۇغۇلۇپتىكەنمەن دەپتۇ.
    بۇنى ئاڭلاپ، موللام قاتتىق كۆڭلىگە كېلىپ، ھە بالام 4 ياش كىرىپسەن دەپتۇ.
    شۇنىڭ بىلەن مۇللام يۇرتقا قايتىش نىيىدىن ۋاز كېچىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ.
    ئۇ ئۆيىگە كىرىشىگە، ئايالى يۈگۈرۈپ چىقىپ: قانداق بولدى، كەتسەك بولامدىكەن دەپ سوراپتۇ.
    بۇنىڭ بىلەن موللام خوتۇنىغا: ۋاي گەپ قىلما خوتۇن، يۇرتتىكىلەر مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشىمنى ئۇنتۇپ قېلىش تۈگۈل، ھازىر ئۇنى  كالىندار قىلىپ  ئىشلەتكىلى تۇرۇپتۇ دەپتۇ.

    -------
    بۇرگە  پىتتىن  سوراپتۇ
    ـــ ئىلگىرى پات-پات كۆرۇشۇپ قالاتتۇق يىقىنقى يىللاردىن بۇيان دىدارلىشالمىدۇق نەلەردە يۇرۇيسەن ئۇكىجان.
    پىت مۇنداق جاۋاپ بىرىپ دەپتۇ:
    ئىلگىرى  يوتقان-كۆرپە، ئىشتان-كۆينەكلەرنىڭ ئەستىرىنى ماكان قىلغان چاغلىرىمىزدا پات-پات دىدار كۆرۇشۇپ تۇرغىنىمز راست، ئەمما يىقىنىقى يىللاردىن بۇيان بىزمۇ ئادەملەرگە ئەگىشىپ مىسىلىسىز تەرەققىي قىلىپ ماكان ئالماشتۇردۇق. يەنى ئادەملەرنىڭ تېنىدىن روھىغا كۆچتۇق. بۇنىڭ بىلەن ھە دېسىلا تۇتۇلۇپ-ئۆلتۇرۇش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ خىلى خاتىرجەم بولۇپ قالدۇق.
    -------
    بىر پاشا پاشىلارنىڭ ئاقساقلىدىن سوراپتۇ:
    ـــ ئادەملەر يازغان بىر ماتىريالغا قارىسام، «پاشا دۇنيادىكى  بىرىنچى  قاتىل» دىيىلىپتۇ، بۇ راستىمۇ؟.
    پاشلارنىڭ ئاقساقلى مۇنداق جاۋاپ بىرپتۇ:
    ئادەملەر بىز تارقاتقان بەزگەك كېسىلىدە ئۆلگەنلەرنى ھېسابلاپ شۇنداق دېگىنى بىلەن، ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ئۇرۇش، خىرۇئىن، ئەيدىز دېگەندەك ئاپەتلەردە ئۆلگەنلەرنى ھېسابلاپ باقسا، دۇنيادىكى بىرىنچى قاتىلنىڭ «ئادەمنىڭ دەل ئۆزى» ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى.
    -------
    بىر چىۋىن ئىككىنچى چىۋىنگە مۇنداق دەپتۇ:
    ئادەملەر بىزنى شەھەردىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن ئۆزلىرى چىۋىنگە ئايلىنىپ رېستوران، ئاشخانا، ماگىزىن، كوچا-كويلاردا مىژىلداپ يۈرگىدەك. بىز بارساقمۇ قۇنغۇدەك جاي تاپالمىغۇدەكمىز بۇرادەر.
    -------
    چايان بالىسى ئانىسىدىن سوراپتۇ:
    ئادەملەردىن قۇرقۇپ ئۇۋىمىزدىن چىقالمىغىنىمىزغا خېلى يىللار بولۇپ قالدى ئانا. قاچانمۇ ئۇۋىمىزدىن چىقىپ تاشىقى دۇنيانى كۆرەرمىز؟.
    ئانا چايان مۇنداق جاۋاپ بىرىپتۇ:
    ئىلگىرى ئادەملەر «چايان زەھەرلىك» دەپ بىزدىن قۇرقاتتى، بالام. مانا ئەمدى ئادەملەرنىڭ تىلى شىكەر بولغىنى بىلەن دىلى زەھەر ئامبىرىغا ئايلاندى. ھازىر بىز ئادەملەرنى چېقىۋالساقمۇ ئۇلاردىكى زەھەر بىزنىڭكىدىن كۈچلۈك بولغاچقا، يەنىلا بىز ئۆلۈپ قالىمىز، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇۋىمىزدىن چىقمىغىنىمىز تۇزۇك.
    -------
    باچكا  ئانا كەپتەردىن سوراپتۇ:
    ئادەملەر نېمە ئۈچۈن بىزنى «تېنچلىق سىمۋۇلى» قىلىپ تاللايدۇ ئانا؟.
    ئانا كەپتەر مۇنداق جاۋاپ بىرىپتۇ:
    چۈنكى بىز ئۆزىمىزدىن كۈچلۈك بولغان لاچىن، قارلىغاچلارغا يەم بولساقمۇ، ئۆزىمىزدىن ئاجىز بولغان قۇشقاچ، تورغايلانى ئەسلا بوزەك قىلمايمىز بالام.
    بىر ئايال كەچلىك سىمېنىدىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىۋېتىپ كەينىگە بىر ئەرنىڭ چۈشۈۋالغانلىقىنى سېزىپ قاپتۇ. ئۇ ئايال قورقۇپ «ئەمدى قانداق قۇتۇلارمەن» دەپ ئويلاپ بىر قەبرىستانلىقنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتۇ ۋە كاللىسىغا شۇ زامات بىر ئەقىل كېلىپ، بىر قەبرىگە قاراپ «دادا، مەن قايتىپ كەلدىم، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپتىكەن، كەينىدىكى ئەر قورققىنىدىن ئالدى-كەينىگە قارىماي بەدەر تىكىۋېتىپتۇ. ئايالنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ ئەمدى كېتەي دەپ تۇرسا قەبرە ئىچىدىن «قىزىم، يەنە ئاچقۇچنى ئالماپسەندە؟» دىگەن بۇغۇق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، ئايالمۇ قورققىنىدىن يۈگۈرگەن پېتى قېچىپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا قەبرە ئىچىدىن بىر قەبرە ئوغرىسى چىقىپ «ئادەمنى خىزمەت قىلغىلى قويماي، مۇشۇنداق قورقۇتۇپ جېنىڭنى ئالىمەن تازا» دەپ تۇرۇشىغا، يېنىدا بىر بوۋاينىڭ قەبرە تېشىغا خەت ئويۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قىزىقىپ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى سوراپتىكەن، بوۋاي ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ «قارىمامسەن بۇ ۋاپاسىزلار مېنىڭ ئىسمىمنىمۇ خاتا ئويۇپ قويۇپتۇ…..» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قەبرە ئوغرىسى ئاللا-كاللا دەپ توۋلىغان پېتى قېچىپ كېتىپتۇ. بوۋاي كۈلۈپ «تېخى مەن بىلەن سودا تالاشقىدەك بولدۇڭما؟ ئۇنىڭغا تېخى بالدۇرلۇق قىلامدىكى….» دەپ سۆزلەۋېتىپ قولىدىكى خەت ئويۇدىغان نەرسىسى يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ، بوۋاي ئېڭىشىپ «ئالاي» دەپ قارىسا ئوت-چۆپنىڭ ئارىسىدا بىر قول ئۇ نەرسىنى تۇتۇپ تۇرغىدەك، بوۋاي ئەجەبلىنىپ تۇرسا چۆپلۈكنىڭ ئارىسىدىن «ئۆلگۈڭ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟ نىمە مېنىڭ قەبرە تېشىمنى قالايمىقان چوقۇيسەن؟» دىگەن ئاۋاز كېلىپتىكەن، بوۋاي قورققىنىچە دۆڭدىن دومىلاپ دىگەندەك چۈشۈپ قېچىپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا بىر ئەخلەت تەرگۈچى ئوت-چۆپنىڭ ئارىسىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ «ۋۇ ئاناڭنى، بىر تال ئەسكى تۆمۈرنى ئېلىۋېلىش ھەجەپمۇ تەسكە چۈشتا» دىگۈدەك.BzIئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى يۇمۇرلار
    • يىغلاپ تۇغۇلغان، كۈلۈپ ياشايمىز !
    • يىغلاپ تۇغۇلغان، كۈلۈپ ياشايمىز !
    • ‍‍1. ئوقۇتقۇچى : مەمەتجان قېنى دەپ باقە، كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە ئەڭ ئاسانلا قالىدىغان ئىنگلىزچە سۆزلۈك قايسى؟مەمەتجان : wifi2. -مۇئەللىم ! مۇئەللىم ! بۇ مەسىلىنى قانداق يېشىدۇ؟-يوقال !-لېكىن مۇئەللىم مېنىڭ ھازىرلا بىلگۈم باتى !-