بوۋاق يېڭى تۇغۇلۇپ 24~48 سائەت ئىچىدە كالمېت-گۋېرىن ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەنسە بولىدۇ. ئەگەر تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتسە، تۇبېركۇلىن ( (OTتەجىربىسى ئېلىپ بېرىپ، تەجىرىبە نەتىجىسى مەنپىي چىققانلارغا ئەملىسە بولىدۇ. كالمېت-گۋېرىن ۋاكسىنىسى سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەن بولۇپ، زەھەر كۈچىنى ئاجىزلاتقانلىقتىن كېسەللەندۈرۈش ئىقتىدارى بولمىغان، كالا تىپلىق تۇبېركۇليوز باكتېرىيىسىدىن ياسالغان ۋاقىتتا، تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق كالمېت-گۋېرىن ۋاكسىنىسى ئەملەيدىغا ئورۇن سول يۇقىرى بىلەپ ئۈچ بۇرجەك مۇسكۇلىنىڭ سىرتقى قىرى بولىدۇ. نورمال يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا قىزىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ناچار ئالامەتلەر كۆرۈلمىسە، بۇ ۋاكسىنا بىلەن ئەملەنسە بولىدۇ. ئەملەنگەندە بىر ئاى سۇلۇق قاپارتقۇ پەيدا بولۇپ، 10~20 مىنۇتتىن كېيىن يېنىپ كېتىدۇ، ئۈچ-تۆت ھەپتىدىن كېيىن ئەملەنگەن ئورۇندا سېرىق پۇرچاقنىڭ چوڭلۇقىدىن ئېشىپ كەتمىگۈدەك چوڭلۇقتىكى تۈگۈن پەيدا بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كالمېت-گۋېرىن ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەنگەندىن كېيىن ئادەتتە قىزىش قاتارلىق بىنورمال رىئاكسىيلەر يۈز بەرمەيدۇ. ئەملەنگەندىن كېيىن ئىككى ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگەچە ئەملەنگەن ئورۇندا قىزىرىپ ئىشىشش كۆرۈلىدۇ ھەمدە بارا-بارا يىرىڭ قېپى شەكىللەندۈرۈرۈپ ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. بەزى يىرىڭ قېپى تېشىلگەندىن كېيىن قاقاچ تۇتىدۇ، قاقاچ تۆكۈلگەندىن كېيىن بىر مەڭگۈلۈك تاتۇق ئىزى قالىدۇ. ئادەتتە ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولۇپ 8~14 ھەپتىدە توبېركۇلىن ( (OTتەجىرىبىسى ئىشلىنىپ، مۇسبەت چىققانلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، ئىممۇنىتىت مەزگىلى5~10 يىل، تەخمىنەن ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە يەنە بىر قېتىم OT تەجىرىبىسى ئىشلەپ، ئەگەر مەنپىي چىقسا يەنە بىر قېتىم ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك.
ئېھتىماللىقلارنى قوشۇش تېئورېمىس
بالىلار كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان بىر نەچچە خىل يېمەكلىك
بالىلار كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان بىر نەچچە خىل يېمەكلىك
بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغرىمۇ
ئاپتاپقا قاقلىنىپ بىرىڭ!
تۆرەلمىنىڭ يىتىلىش جەريانى
بوۋاقلارنىڭ ئۆيىگە گۈل قويماسلىق كېرەك
ئالتە ياشقا توشمىغان بالىلار ئاپتاپ كۆزئەينىكى تاقىسا بولمايدۇ
قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ چىشى ھەم پاكىز ھەم ساغلام بولىدۇ