ئېيىغا توشۇش بوۋاقلارنىڭ 28 كۈنلۈك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىق مەزگىلىنى تۈگىتىپ، بوۋاقلىق دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئېيىغا توشۇش بوۋاقلارغا نىسپەتەن بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى، بۇ ۋاقىتتا ئەڭ قىلشقا تېگشلىكى بوۋاقلارغا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، سەۋەبى: ئالدى بىلەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاقلار تېنىنىڭ يېتىلىشىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈرگىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئېيىغا توشقان بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقى يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتدىكىدىن بىر كىلوگرام ئەتراپىدا ئېغىرلايدۇ، ئېگىزلىكى ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئارتىدۇ. ئەگەر بوۋاق تېنىنىڭ ياخشى يېتىلمىگەنلكىنى سەزگەندە، چوقۇم سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش لازىم. بېقىش تاپماسلىق بوۋاق تېنىنىڭ ياخشى يېتىلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇنىڭدىن قالسا سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاق ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلشىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاندىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەزىبىر تۇغما غەيرىيلىك يەنى قىيسىق بويۇن، تۇغما يۈرەك كېسىلى، سوڭى چىقىپ قېلىش قاتارلىقلارنى بالدۇر بايقىلغىلى بولىدۇ.
ئېھتىماللىقلارنى قوشۇش تېئورېمىس
بالىلار كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان بىر نەچچە خىل يېمەكلىك
بالىلار كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان بىر نەچچە خىل يېمەكلىك
بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغرىمۇ
ئاپتاپقا قاقلىنىپ بىرىڭ!
تۆرەلمىنىڭ يىتىلىش جەريانى
بوۋاقلارنىڭ ئۆيىگە گۈل قويماسلىق كېرەك
ئالتە ياشقا توشمىغان بالىلار ئاپتاپ كۆزئەينىكى تاقىسا بولمايدۇ
قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ چىشى ھەم پاكىز ھەم ساغلام بولىدۇ