كۆپىلىگەن بوۋاقلار ئانىنىڭ قۇچاقلاپ ئاستا تەۋرىتىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ياش ئاتا-ئانىلار بوۋاق توختىماي يىغلىغاندا ياكى ئۇخلىيالمىغاندا بالىنى تەۋرىتىدۇ، قانچە قاتتىق يىغلىسا شۇنچە تەۋرىتىدۇ، ئۇلار بۇنداق قىلغاندا بوۋاقنى تىنچلاندۇرغىلى ياكى ئوخلاتقىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش بوۋاققا ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ھەتتا« تەۋرىتىش ئومۇمىي كېسەللىكى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ باش سۆڭىكى يوغان، ئېغىرراق، بوينى ھەم يۇمشاق بولغانلىقتىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىق مەزگىلىدە، بوۋاقلار ئۆزلۈكىدىن بېشىنى قوغدىيالمايدۇ، شۇڭا قاتتىق تەۋرىتىش بالىنىڭ مېڭىسىدە قاتتىق سوقۇلۇش پەيدا كۈچى پەيدا قىلىپ، مېڭە توقۇلمىلىرى بىلەن باش سۆڭىكى ھەم مېڭە توقۇلمىلىرى ئارىسىدا سوقۇلۇش پەيدا بولۇپ، باش سۆڭىكى ھەم مېڭە سىلكىنىش، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلارنى، ئېغىر بولغاندا پۇت-قول پالىچى، مېڭىگە سۇ يىغىلىش ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ لېكىن ئادەتتە روشەن ئىپادىسى يوق. شوڭا ئاسانلىقچە ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققتىنى تارتالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئامالىنىڭ بارىچە قاتتىق تەۋرىنىشتىن ساقلاپ، بوۋاقنى كۆتۈرگەن ۋە تەۋرەتكەندە خاتالىق سادىر قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.