• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قانداق ۋاقىتتا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملىندۇ؟

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىنسانلار سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مۇھىم يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، جۇڭگودىكى B تپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ياكى ئۆسمۈر مەزگىلىدە يۇقۇملانغۇچىلاردۇر. شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مۇداپىئەسى ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا نىسپەتەن ئىممۇنىتېت كۈچى كەمچىل، ئەگەر بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپلا قالسا، بۇ ۋىرۇسنى يوقاتماق ئىنتايىن تەس بولغانلىقىدىن، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بولۇپ قالىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى  ۋىرۇسى بىلەن ئەملەنگەندە، بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ۋىرۇس يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى ۋە ۋىرۇس تارقىلىش يوللىرىنى چەكلىگلى بولىدۇ. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەيدىغان ئورۇن يۇقىرى بىلەك ئۈچبۈرجەك مۇسكۇل. بارلىق ئەملەش جەريانى ئۈچ ئوكۇل ئورۇشقا موھتاج؛ بىرىنچى ئوكۇل بوۋاق يېڭى تۇغۇلۇپ بىر ئايلىق بولغاندا ئۇرۇلىدۇ؛ ئۈچىنچى ئوكۇل تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە ئۇرۇلىدۇ؛ ئىككىنچى ئوكۇل تۇغۇلۇپ بىر ئايلىق بولغاندا ئۇرۇلىدۇ؛ ئۈچىنچى ئوكۇل تۇغۇلۇپ ئالتە ئايلىق بولغاندا ئۇرۇلىدۇ ھەمدە داۋالاش كۇرىسى تۈگىگەندىن كېيىن ئۈنۈملۈك دەرىجىسى% 90 ~% 95 كە يېتىدۇ. ئىممۇنىتېت مەزگىلى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، ۋاقىت توغقاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم كۈچەيتىپ ئۇرۇش كېرەك. ئانا تەرەپ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى يۈزەكى ئانتېگنى E ئانتېگىنى قۇش مۇسبەت خاراكتېرلىك دەپ قارالغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئەڭ ياخشىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىممۇنىتېلىق گلوبۇلىنى بىلەن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلتىش كېرەك. ئاساسلىق ئۇسۇلى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئىككى قېتىم يۇقىرى ئۈنۈملۈك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى  ئىممۇنىتېتلىق گلۇبۇلنى ( تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ۋى تۇغۇلۇپ بىر ئايلىقتا بىر قېتىمدا بىر تالدىن ئۇرۇلىدۇ. ھەر دانىسى 200 خەلقئارالىق بىرلىك) بىلەن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ( ھەر قېتىمدا 10 مىكروگرامدىن، تۇغۇلۇپ ئىككى، ئۈچ بەش ئايلىقتا ھەر ئايدا بىر قېتىم) ئۇرۇلىدۇ يەنە تۇغۇلۇشى ھامان بىر دانە يۇقىرى ئۈنۈملۈك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىممۇنىتېتلىق گىلوبۇلىنى ھەم ئۈچ قېتىم B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى( ھەر قېتىمدا 15 مىكروگرام، تۇغۇلغان ھامان ھەم بىر ئايلىقتا، ئالتە ئايلىقتا بىر قېتىمدىن) ئۇرسىمۇ بولىدۇ. ئىككى خىل ئۇسۇل ساقلاپ قالىدىغان مۇۋەپپەقىيەت ئۈنۈمى % 90 تىن يۇقىرى.

    ئادىرسىمىز
    • مىھمان سالاھىتىدە يوللايمەن

    ئاقيول كىنو قانىلى
    يىڭىلانغان بالىلار بىلىملىرى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت
    ئەڭ يىڭى بوۋاقلار بىلىملىرى