• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن قايسى خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھازىرلاش كېرەك؟

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-05-20
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

      ئادەتتىكى ئەھېالدا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھازىرلاش كېرەك:

    1.   كىيىم-كېچەك تۈرىدىكى بۇيۇملاردىن بەدەنگە چىپ كېلىدىغان ئىچ كىيىم، تاش كىيىم، پاختىلىق كىيىم، پاختىلىق جىلىتكە، پايپاق، پەلەي ھەمدە پىندىك( قورساق ئاسىرىغۇچ) قاتارلىقلارنى، يۇتقان-كۆرپە قاتارلىق بۇيۇملاردىن بوۋاق كارىۋىتى، يوتقان، بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان يوتقان، كىرلىك، بوۋاقلار ئەدىيىلى ھەم گرېلكا قاتارلىقلار.

    2.   يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىدىن بوۋاقلارنى يۇيۇش ۋاننىسى، سۇ تېرمومېتىرى، بەدەن تېرمومېتىرى، سوپۇن ياكى بوۋاقلارنى يۇيۇش سوپۇنى، داكا، لۆڭگە، ئۇپا، تىرناق ئالغۇچ ۋە پاختا پەلكۈچى قاتارلىقلار.

    3.   تازلىق بۇيۇملىرىدىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكىلىق كۇسىرى، داكا زاكا، ھۆللۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان زاكا تەگلىكى قاتارلىقلارنى ھازىرلاش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرىت ئېھتىياجىقا ئاساسەن، تارازا، بوينى ئۆلچىگۈچ، بوۋاقلارنىڭ ھارۋىسى قاتارلىقلارنىمۇ بىللە تەييارلىسا بولىدۇ.

    قانداق قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى مۇۋاپىق يۆگىگىلى بولىدۇ؟

      يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى بەك چىڭ يۆگىۋەتمەسلىك، بوۋاقنىڭ پۇت-قولى تەبئىي فىزىئولوگىيىلىك ھالىتىدە تۇرۇشى كېرەك. بوۋاقلارنى مۇۋاپىق يۆگەشىنىڭ ئۇسۇللىرى:

    1.   ئاۋۋال نېپىز يۇڭ ئەدىيالنى يېرىم قاتلاپ ئۈچ بۈرجەك شەكىلگە كەلتۈرۈپ، باش تەرىپىنى ئۈستىگگ قىلىپ كارىۋات ئۈستىگە تەكشى يايىمىز.

    2.   بوۋاقنى ئەدىيالنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ بوينىنى ئەدىيالنىڭ بېشى تەرىپىگە ئۇدۇللايمىز ھەم زاكىسىنى ياخشى ئورىۋالىمىز. كىندىكىنى يېپىۋالماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك.

    3.    بىر تەرىپىنى يېرىم قاتلاپ بوۋاق بەدىنىنى ئورايمىز، ئارتۇق قىسىمىنى تەكشى قىلىپ بوۋاقنىڭ تېگى تەرىپىگە كىرگۈزىمىز.

    4.   ئۇنىڭدىن كېيىن قارشى تەرىپىنى ياخشى قاتلاپ كىرگۈزىمىز.

    5.   ئەڭ ئاخىرىدا، يانا بىر قەۋەت يېيىلىپ تۇرىدىغان كىچىك يوتقاننى يېپىپ، يوتقان بۈرجىكىنى ئەدىيالنىڭ تېگىگە كىرگۈرۋېتىمىز.

     

    يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۆگەپ« o تىپلىق پۇت» نىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟

      ئەمدىلا يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقنىڭ پۇت-قولى ئەگمە ھالەتتە بولۇپ، بەزى بوۋاقلارنىڭ پۇتى ياسىمان ئېگىلگەن، پۇت ئۇچى ئىچىگە قارىلغانلىقتىن بىر قاراشقا« o تىپلىق پۇت» قا ئوخشاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ بۇ ئەھۋال تەبئىي ھالدا ئۆزگىرىدۇ. لېكىن بەزى ئاتا-ئانىلار چۈشەنمەي بالىنى چىڭ ئوراپ ھەتتا يىپ بىلەن باغلاپ ئاتالمىش « شامسىمان ئوراش» نى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل ئوراش ئۇسۇلى بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    1.   بوۋاقنىڭ ھەرىكەت بوشلۇقىنى چەكلەپ، ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە پايدىسىز.

    2.   بوۋاقنىڭ نەپەسلىنىشى، يۈرەك ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا پايدىسىز.

    3.   ئاسانلا يانپاش بوغۇمى چىقىپ كېتىش، كاسىسى قىزىرىپ قېلىش، كىندىك ياللۇغى ھەتتا تېرىسى شەلۋەرەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

    4.   بوۋاق چوڭ مېڭىسىنىڭ ھەم ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇنداق مەھكەم ئوراش ئۇسۇلىنى قەتئىي قوللىنىشقا بولمايدۇ.

     

    يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆتۈرۈپ قويۇشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

      يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ياش ئاتا-ئانىلار نېمە قىلىشنى تازا بىلەلمەي قالغاندەك قانداق كۆتۈرۈشنى بىلەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدىن مۇستەھكەم بولۇپ، دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى بىلىۋالغاندىلا ئىنتايىن تەبىئىي ھالدا كۆنۈپ كېتىدۇ. بوۋاقنى كۆتۈرۈپ قويۇشتا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك؛  ئالدى بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بوينى تېخى قاتمىغاچقا، بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنى قوغداشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. تۇغۇلۇپ تۆت ھەپتە ئىچىدە بوۋاقلار ئۆزىنىڭ چوڭ مېڭىسىنى كونتىرول قىلالمايدۇ، شۇڭا تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆتۈرۈپ قويۇشتا چوقۇم ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى تىرىۋېلىشقا دىققەت قىلىش لازىم . ئۇنىڭدىن كىيىن بوۋاقنى كۆتۈرۈپ قويۇش جەريانىدا ھەرىكەت چوقۇم يەڭگىل ھەم رېتىملىق بولۇش ، تۇيۇقسىز ھەرىكەت

    قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم . يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆتۈرۈپ قويۇش جەريانىدا  ، ئاتا ئانىلار مىھىرلىك كۆز نۇرى ياكى ئىللىق گەپ سۆزلىرى ئارقىلىق كىچىك ئومىقى بىلەن تېخىمۇ مۇھەببەتلىك ئالاقە قىلالايدۇ.

    ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    يىڭىلانغان بالىلار بىلىملىرى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت
    ئەڭ يىڭى بوۋاقلار بىلىملىرى