يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆتۈرۈپ قويۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بىلۋالغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى باسقۇچلارغا ئاساسەن بوۋىقىنى كۆتۈرسە بولىدۇ. ئېگىلىپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ باش-بوينى بىلەن دۈمبە-كاسىسىنى تىرىۋېلىش كېرەك. ئاساسلىق ئۇسۇللىرىئاستا-ئاستا بەلنى ئېگىپ يان تەرەپ ياكى ئۇدۇلدىن بوۋاققا يېقىنلىشىپ، بىر قولنى ئۇنىڭ بوينىنىڭ تېگىگە كىرگۈزۈپ بوۋاقنىڭ بېشىنى تىرىۋالىمىز. يەنە بىر قولنى دۈمبە-كاسا ئارىسىغا قويۇپ بوۋاقنىڭ تۆۋەندىكى يېرىم بەدىنىنى تىرىۋالىمىز. ئاندىن يۇمشاق يەڭگىل ھالدا كۆتۈرۈىمىز. بۇ خىل ئۇسۇلدا بوۋاقنىڭ بارلىق ئېغىرلىقى قولغا ئالغىلى ئاندىن بىر تەرەپتىن بەدىنىنى كۆتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بالىنى كۆتۈرۈپ مەيدىسىگە ئالغىلى بولىدۇ. بوۋاق گەرچە يىغلاۋاتقان بولسىمۇ ئاتا-ئانىلار ئۆزىنى بېسىۋېىلىپ، يۇمشاق سۆزلىرى بىلەن بوۋاقنى بەزلەش، بوۋاقنى ياتقۇزۇپ ياكى تىك ھالدا مەيدىسىگە چىقىرىپ كۆتۈرۈش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قۇيۇش جەريانىدىمۇ ئوخشاشلا بوۋاقنىڭ باش قىسىمنى تىرىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بولمىسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كەينىگە چۈشۈپ كېتىش، پۇت-قول تىتىرەپ، چۆچۈگەن ھالەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بوۋاقنى قويغاندا بىلەك بىلەن بوۋاقنىڭ بېشىنى تىرەپ ئاندىن ئاستا كارىۋات ئۈستىگە قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىللىق كۆز نۇرى بىلەن بوۋاققا قاراش ھەم گەپ-سۆزلەر بىلەن بالىنى بەزلەش كېرەك.
ئېھتىماللىقلارنى قوشۇش تېئورېمىس
بالىلار كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان بىر نەچچە خىل يېمەكلىك
بالىلار كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان بىر نەچچە خىل يېمەكلىك
بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغرىمۇ
ئاپتاپقا قاقلىنىپ بىرىڭ!
تۆرەلمىنىڭ يىتىلىش جەريانى
بوۋاقلارنىڭ ئۆيىگە گۈل قويماسلىق كېرەك
ئالتە ياشقا توشمىغان بالىلار ئاپتاپ كۆزئەينىكى تاقىسا بولمايدۇ
قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ چىشى ھەم پاكىز ھەم ساغلام بولىدۇ