ئەنئەنىۋى قاراشتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى دائىم كۆتۈرۈۋالماسلىق، بۇنداق قىلغاندا بوۋاقلار كۆتۈرۈش خۇمارى يېتىلدۈرۈۋېلىپ، بوۋاق ھەم چوڭلارغا زىيانلىق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھېچقانداق ئىلمىيلىكى يوق. ئالدى بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بىر كۈن ئىچىدە كۆپىنچىسى ئۇخلىغاچقا، ھەرىكىتى ئاز بولىدۇ. ئويغاق ۋاقتىدا ئاتا-ئانىنىڭ كۆتۈرۈش. قۇچاقلاشلىرى بوۋاق ئۈچۈن بىر خىل ھەرىكەت بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتلىشى ھەم ئۇنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا ياتقۇزۇپ قۇيۇلغان بوۋاق پەقەت تورۇس قاتارلىق چەكلىك دائىرىنى كۆرەلەيدۇ. بۇنداق بىرلا خىل بوشلۇقتا بوۋاقلار پىسخكىسىنىڭ يېتىلىشدە چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك سەزگۈ غىدىقلاشلىرى كەم بولىدۇ، كۆتۈرۈپ تۇرغان بوۋاقلار بولسا تېخىمۇ كۆپ يېڭى شەيئىلەرنى كۆرۈپ، كۆپلىگەن مۇھىت ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلالايدۇ. بۇ بوۋاقلار پىسخكىسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق. ئانىدىن بوۋاقنى قۇچاقلاش جەريانىدا ئاتا-ئانىلار بىلەن بوۋاق ئوتتۇرىسىدا سۆزلىشىش، ناخشا ئېيتىش، ئۆز ئارا قارىشىش، بەدەن تېگىشىش پۇرسىتى كۆپ يارىتىلىدۇ. بۇ خىل بەدەن ۋە ھېسىيات ئالماشتۇرۇش
تۇرمۇشى ئانا بىلەن سەبىي بوۋاق ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. گەرچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى دائىم كۆتۈرۈش پايدىلىق بولسىمۇ شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۇخلاي دېگەندە ياكى ئۇخلاۋاتقاندا كۆتۈرمەسلىك ھەمدە يىشلىغان ھامان كۆتۈرۈۋالماسلىق كېرەك. ئەلۋەتتە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئويغاق ۋاقىتتا كەيپىياتى ياخشى بولسا كارىۋاتتا ئەركىن-ئازادە ئۇزۇنراق ياتقۇزۇشنىڭمۇ ئوخشاشلا پايدىسى بار.