ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
ئەنگلىيە " كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى " 20- دىكابىر خەۋىرى . ئەنگلىيەدە 75 ياشلىق موماي قارىماققا ، 30 نەچچە ياشلىق ئايالدەك كۆرىنەتتى . قارىسام مەنمۇ بۇ ئايالنى موماي دىيىشتىن ئەيمىنىپ قالدىم .
بۇ ئايالنىڭ ئىسمى Miriam Stoppard بولۇپ ، دوختۇر ، بۇيىل 75 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، قارىماققا 30 نەچچە ياشلىق ئاياللاردەك كۆرىنەتتى . ئۇنىڭ چېچى پارقىراپ ، تېرىسى سېلىق ھەم نۇرلۇق كۆرىنەتتى .
Miriam Stoppard نىڭ ئاشكارلىشىچە ، ئۇ 54 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا كۆز ئەتراپىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرغان ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ باقمىغان . ئۇنىڭ دىيىشىچە ، ئۆزىنى ئاسراش مەخپىيەتلىكى ئىنتايىن ئاددى بولۇپ ،ساغلاملىققا دىققەت قىلىش ، يىمەكلىككە دىققەت قىلىش ، توختىماي بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەم 11 نەۋىرىسى بىلەن خوشال- خورام كۈن ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت .

