ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| خەلقئارا خەۋەرلەر | قىزىق نۇقتا | ئۇنۋىرسال | سۈرئەتلىك خەۋەرلەر | غەلىتە ئشلار | تەنتەربىيە | IT -تىخنىكا | مەملىكەت خەۋەرلەر | ئىقتىسادى | شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تاماشا
ئورنىڭىز:خەۋەر >> غەلىتە ئشلار >>
ھەقىقى ئېچىنىشلىق ۋەقە-ئادەم گۆشى يەپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:1642  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ئايرۇپىلان ھادىسىسىدىكى يۈرەكنى ئېزىدىغان  ھەقىقى ۋەقە-ئادەم گۆشى يەپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش

 

 


      


getimage.jpg

 

ھادىسىگە ئۇچراشتىن ئىلگىرىكى سۈرەت


دوستىنىڭ جەسىتىنى خام يەپ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش

         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتى ئادەمنىڭ يۇرىكىنى ئېزىدىغان مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى خەۋەر قىلىغان. 1972-يىلى،45 نەپەر زەيتۇن توپ تەنھەركەتچىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئولتۇرغان ئايرىپىلان ،جەنۇبى ئامرىكىنىڭ ئاندېس تاغ تىزمىلىرى ئۇستىدە پاچاقلىنىپ كەتكەن. ئىنسۇجىن يوق قارلىق تاغدا 16نەپەر ساق  قالغۇچى ھاياتلىق ئۇچۇن ،قازاغا ئۇچرىغان دوستلىرىنىڭ جەسىتىنى خام يەپ ،72كۈن بولغاندا ئاندىن قۇتقۇزىۋىلىنغان.40يىل ئوتۇپ كەتتى،ئايرىپىلان ھادىسىدە ھايات قالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان فىرنەندو پىرادوكىس «ئاندىس موجىزىسى» ناملىق ئەسلىمىسىنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرۇپ،  ئايرىپىلان ھادىسىسى يۇز بەرگەن چاغدىكى ھالاكەت گىردابىدىكى «قورقۇنچلۇق كېلىشىم»نى تۇنجى قىتىم دۇنياغا ئاشكارىلىدى.

ئۆتمۇشتىكى قورقۇنچلۇق ئىشنى ئەسلەش


        1972-يىلى10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئوروگۋايدىن چىلىغا قاراپ ئۇچقان 45 كىشى ئولتۇرغان بىر ئايرىپىلان بوران-چاپقۇنغا ئۇچراپ ،دېڭىز يۇزدىن 4000مىتىر ئىگىزلىكتىكى ئاندىس تاغ تىزمىسى ئۇستىدە پاچاقلىنىپ كېتىدۇ.ئايرىپىلان چۇشۇپ كەتكەن ئورۇن بىلەن ئەڭ يېقىن ئارلىقتىكى تاشيولمۇ 400كىلومىتىر كېلەتتى. ئايرىپىلاندىكى 45 يولۇچى بولسا ،ئوروگۋاينىڭ زەيتۇن توپ ماھىرلىرى،ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە يىقىن دوستلىرى ئىدى.ئايرىپىلان پاچاقلىنىپ كەتكەندە دەسلەپتە 29كىشى ھايات قالغان بولۇپ،قاتتىق سوغۇق ۋە ئاچلىق سەۋەبىدىن ،ئەڭ ئاخىرىدا 16ئادەم ھايات قالغان.ھايات قالغۇچىلار قار-مۇز بىلەن قاپلانغان قاباھەتلىك مۇھىتتا، قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ جەسەت گۆشى بىلەن قوساق تويغۇزۇپ، ھاياتىنى ساقلاشقا مەجبۇر بولغان.

        ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپەر ھايات قالغۇچى فىرنەندو پىرادوكىس بىلەن روبىرت كاننىسا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۈچلۇك ئىرادە بىلەن ئارگىنتىنا چوققىسىدىن يامىشىپ ئوتۇپ،چىلى چىگراسىغا بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. بۇ كىشىنىڭ يۇرىكىنى ئېزىدىغان ھەسرەتلىك ھىكايە  «قۇتقۇزۇش»،1993-يىلى ھوللىۋۇدتا كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن.


«سۇ تىجەش»ئۇچۇن يىغلاشقىمۇ جۇرئەت قىلالماسلىق


        فىرنەندونىڭ دىيىشىچە،ئايرىپىلان پاچاقلىنىپ كەتكەندە،ئۇ 22ياشتا ئىكەن، ئايرىپىلاندا يەنە ئۇنىڭ ئانىسى ۋە سىڭلىسى بولۇپ، ئايرىپىلان چۇشۇپ كەتكەندە،ئۇنىڭ بېشى ئېغىر زەخمىلەنگەن بولۇپ، قارلىق تاغدا ئۇچ كۈندە ئاندىن ھوشىغا كەلگەن.«مەن ھۇشۇمغا كەلگەندە، خۇددى بىرسى بېشىمدىن بۇرغا بىلەن مېڭەمگە توشۇك ئېچىۋاتقاندەك قاتتىق ئاغرىۋاتقان بولۇپ، كۆزۇمنى ئاچسام ئەتراپىمدا چورىدەپ تۇرغانلار توختىماي(فىرنەندو ئايرىپىلان چۇشۇپ كەتتى، ئايرىپىلان پاچاقلىنىپ كەتتى.)دىيىشىۋاتاتتى.بېشىمنى كۆتىرىپ ئايرىپىلان قالدۇقلىرىنى كۆردۇم، پەنچىتار، ئاپام ،سىڭلىم نەدە؟دەپ سورىدىم. ئەتراپىمدىكىلەر،(ئاپاڭ قازا قىلدى،سىڭلىڭ ئېغىر يارىلاندى،ئايرىپىلاننىڭ ئالدى بولىمىگە ياتقۇزۇپ قويدۇق.پەنچىتار ،ئالىكىسلارمۇ قازا قىلدى....دىدى. شۇ چاغدا كاللامدا،(ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلۇپتۇ،زادى نىمە ئىش يۇز بەردى) تازا بىر يىغلىغىم كەلدى، ئەمما دەرھال ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم،بىر تامچە ياشنىمۇ ئېقىتىشقا بولمايدۇ.دەقىقە ئىچىدە مەن باشقا بىر ئادەمگە ئايلانغان ئىدىم. »

        فىرنەندونىڭ سىڭلىسى ئىككى كۈندىن كىيىن فىرنەندونىڭ قوچىغىدا جان ئۇزدى.كېچىسى تىمپىراتورا نولدىن توۋەن℃30 بۇلۇپ،ئايرىپىلان بولمىسىنىڭ ئىچىمۇ، نولدىن توۋەن ℃25 ئىدى.فىرنەندو ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:«بىز ئايرىپىلان ئورۇندۇقلىرىنىڭ سىلىنچىلىرىنى سوكۇپ ئېلىپ،بەدىنىمىزگە يوگىدۇق، تېنىقلىرىمىزدىن چىققان ئىسسىق ھاۋا ئىقىمىنىڭ بىر-بىرىمىزنىڭ يۇزىگە ئۇرۇلۇپ تۇرۇشى ئۇچۇن ،ئاخشىمى بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ياتاتتۇق، ھەر ئاخشىمى ئاللادىن ئەتە قوياش چىقىشىنى تىلەپ دۇئا قىلاتتۇق.»


تۇنجى بولۇپ ئۇچقۇچىنىڭ جەسىتىنى يىيىش


        ئۇسسۇزلۇق ئاچلىقتىنمۇ ئوتە يامان بۇلۇپ، قار-مۇزلارنى ئىرىتىشكەئامال يوق ئىدى.فىرنەندو:« قار-مۇزلارنى يىدۇق. ئۇسسۇزلۇقتىن بىزنىڭ كالپۇكلىرىمىز يېرىلىپ قاناپ كەتتى.» دەسلەپتە ھەممەيلەن يەنە نەچچە كۇن چىدىساق چوقۇم قۇتۇلۇپ كېتىمىز دەپ ئويلىدۇق،ئەمما 10-كۈنىگە كەلگەندە،كۆپچىلىك رادىئودىن قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئىزدەشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئاڭلاپ،كۆپچىلىكنىڭ قۇتۇلۇپ قىلىش ئارزۇلىرى پۇتۇنلەي بەربات بولدى. ھايات قىلىش ئۇچۇن ،ساق قالغانلار قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ جەسەت گۆشىنى يەپ ھاياتىمىزنى ساقلاپ قالماقچى بولدۇق.

        « بۇ ئىشنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، بەلكىم سىلەرنىڭ ئەقلىڭلارغا سىغماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئاشۇ شارائىتتا ئاۋۋال چوقۇم ئاچلىقتىن قۇتۇلۇش كېرەك.مەن 30سىكۇنت ئىچىدە ھايات قىلىش ئۇچۇن چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەكلىكىگە ئىقرار بولدۇم. »

        فىرنەندو ئەڭ دەسلەپ ئۇچقۇچىنىڭ جەسىتىنى يىيىشنى ئوتتورىغا قويغان،چۇنكى كوپ ساندىكى تالاپەتكە ئۇچرىغانلار تونۇش-بىلىشلەر ئىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە«ئەڭ دەسلەپ ئۇچقۇچىنىڭ جەسىتىنى يىسەك بىر ئاز ياخشى دەپ ئويلىدۇق، چۇنكى بىز ئۇچقۇچىنى تونىمايتتۇق»


«مەن ئولسەم ،مىنى يىسەڭلار بولىدۇ»


        فىرنەندونىڭ دىيىشىچە ئادەم گۆشىنى يىيىشنى قارار قىلىش ، ۋەقە يۇز بېرىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا پەيدا بولغان.چۇنكى ئايرىپىلان پاچاقلىنىپ كەتكەندە ،قورقۇش،غەم،قاتتىق سوغۇق،ساق قالغۇچىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى سەزمەس قىلىپ قويغان بولۇپ،بىر ھەپتىدىن كىيىن،ئاندىن ئۇلار قوساقلىرىنىڭ ئاچقانلىرىنى ھىس قىلغان. دەسلەپ ئۇلار كالا تېرىسىدىن تىكىلگەن چامىدان،ئورۇندۇق سېلىنچىلىرىنىڭ ئىچىگە توشقۇزۇلغان شال پاخىلى قاتارلىقلارنى غاجاپ يەپ قوساق تويغۇزۇشقا ئۇرۇنغان.يىگىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەپ بولغاندىن كىيىن،فىرنەندونىڭ كۆزى  بىر كىچىك بالىنىڭ بەدىنىدىكى  زەخمىلەنگەن ئورۇنغا چۇشۇپ قالىدۇ،ئۇ شۇ چاغدا ، ھايات قىلىش ئۇچۇن بۇنىڭدىن كىيىن پەقەت ئادەم گۆشى يىيىشتىن باشقا ئامالىنىڭ قالمىغانلىغىنى ھىس قىلغان.

        فىرنەندو تۇنجى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ھايات قالغۇچىلار تۇزگەن «قورقۇنچلۇق كېلىشىم»نى ئاشكارا قىلغان .فىرنەندو:«شۇ ۋاقىتتا ،قارلىق تاغ ئۇستىدە، قائىدە- پىرىنسىپنى رەھىمسىز تەبىئەت بىكەتكەن ئىدى. ئىنسانلار جەمىيىتىدىكى قائىدە-تۇزۇم بىزگە مەنسۇپ ئەمەس بۇلۇپ،بىز ھايات قىلىش ئۇچۇن رەھىمسىز تەبىئەتكە  ماسلىشىمىز كېرەك ئىدى.دەسلەپتە بىز  29كىشى ھايات قالغان ئىدۇق،بىز شۇ چاغدا قولىمىزنى تۇتىشىپ ،چورىدەپ ئولتۇرۇپ،بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ:«ئەگەر مەن ئۆلسەم، مىنى يىسەڭ بولىدۇ .»دەپ كىلىشتۇق.گەرچە 29كىشى ھايات قالغان بولسىمۇ ، ئەمما قۇتقۇزۇپ قىلىنغىنى ئاران 16 كىشى ئىدى.

1111787_0.jpg

 

        «ئادەم گۆشىنى سەپەر ئۇزۇقى قىلىپ»قارلىق تاغدىن ئۆتۇپ،ياردەم سوراشقا مېڭىش

        گەرچە 29كىشى ئايرىپىلان ھادىسىسىدە ھايات قالغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇزلۇكسىز داۋاملىشىۋاتقان ئاچلىق ، قاتتىق سوغاق،ئېغىر زەخمىلىنىش تۇپەيلى ھايات قالغۇچىلارمۇ بىر-بىرلەپ ئۇلۇشكە باشلىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 8كىشى بىر قىتىملىق قار كۆچكۇنىدە قازا قىلىدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا  ھايات قالغان 16كىشى ، قارلىق تاغدا ئۆلگۇچىلەرنىڭ گۆشىنى يەپ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ.ئىككى ئايدىن كىيىن ،فىرنەندو ئاخىرى سەپدىشى روبىرىتنى قايىل قىلىپ،«ئۆزىنى ئۇلۇمگە تۇتۇپ» قارلىق تاغ تىزمىسىدىن ھالقىپ ئوتۇپ، قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلماقچى بولغان.«بىز ئۆلەر ھالەتكە چۇشۇپ قالغان ئىدۇق،مەن ئۇ يەردە قىلىپ ئاخىرقى بىر ئادەم قالغۇچە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ  ئولۇپ كېتىشگە قاراپ تۇرۇشقا چىدىيالمىدىم.»فىرنەندو ئەسلەپ شۇنداق دەيدۇ.


        ئۇلار ھىچقانداق يول باشلاش ئۇسكۇنىسى،تاغقا يامىشىش سايمانلىرى يوق .ئۇيقۇسىز، ئېغىر سۇسىزلانغان ،ھىچ بىر ھالى قالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، فىرنەندو بىلەن روبىرىت ئىككىسى يىتەرلىك«ئادەم گۆشى سەپەر ئۇزۇقى »نى ئېلىپ،چىلى چىگراسى تەرەپكە قاراپ يولغا چىققان. ئۇلار مۇشەققەت بىلەن 10كۈن،توپتوغرا 100چاقىرىم يول بېسىپ ،ئاخىرى بىر چارۋىچىنىڭ ئۆيىگە كەلگەن.ئۇ چارۋىچى ئۇلارغا ۋاكالىتەن ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ.فىرنەندو گەرچە ھالسىزلىنىپ ،ماغدۇرىدىن كەتكەن بولسىمۇ ،يەنىلا چىلى ھەربى قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ تىك ئۇچار ئايرىپىلانىغا ئولتۇرۇپ،ئايرىپىلان چۇشۇپ كەتكەن يەرگە قايتىپ ،باشقا ھايات قالغۇچىلارنى قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىدۇ.گەرچە شۇ قىتىملىق قۇتقۇزۇش ھەركىتى ئوڭۇشلۇق بولغان بولسىمۇ،ئەمما فىرنەندو ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايرىپىلان يەنە بىرقىتىم  ھادىسىگە ئۇچرىغىلى تاس قالىدۇ.

ئايروپىلان چۇشۇپ كەتكەن ئورۇنغا 11قېتىم بېرىپ-كەلگەن


        فىرنەندو مۇنداق دەيدۇ:«مىنىڭ قارلىق تاغدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئىستىكىمنىڭ شۇنچىلىك كۇچلۈك بولىشى، ئەڭ ئاخىرقى بىر قىتىم بولسىمۇ ،دادام سەيلېرنى بىر كۆرىۋىلىش. مېنىڭ ھايات قىلىشىمدىكى بىردىنبىر كۈچ دادام ئىدى.ئاپام بىلەن سىڭلىم ئولۇپ كەتتى،قىز دوستۇممۇ يوق،شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدىم بولسا،قايتىپ كەتسەم دادامنى بىر كۆرسەم ،دادامنىڭ ئىسسىق باغرىغا ئۆزەمنى ئاتسام . دەپ ئۆيلايتتىم ».


        شۇ قېتىمقى ۋەھىمىلىك ئىشتىن كىيىن، فىرنەندو ھىچقانداق پىسخىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بارمىغان،قورقۇنچلۇق چۇشمۇ كۆرمىگەن.ھازىر ئۇ 27يىللىق ئايالى ۋىرونا نىك ۋە ئىككى قىزى بىلەن ياشاپ كەلمەكتە .فىرنەندو كىيىن ئاندىس تاغ تېزمىسىدىكى ئايرىپىلان چۇشۇپ كەتكەن ئورۇنغا 11قىتىم  بېرىپ كەلگەن، ئانىسى ،سىڭلىسى ۋە دوستلىرىنىڭ قەبرىسىگە گۈللەر قويغان. ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى،شۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئامان قالغانلار بىر قېتىم يىغىلىشپ ، شۇ ۋەقەنى خاتىرلىگەن.--< كارۋان تورى >


        فىرنەندو 88 ياشلىق دادىسىنىڭ تۇرتكىسىدە،«ئاندىس تاغ تېزمىسىدىكى موجىزە»ناملىق ئەسلىمە كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان. فىرنەندو مۇنداق دەيدۇ:«كىشىلەر مەندىن نىمە ئۇچۇن 34يىلدىن كىيىن ئاندىن بۇ سەرگۇزەشتى يېزىپ چىققانلىقىمنى سورىشىدۇ. مەنمۇ سەۋەبىنى بىلمەيمەن. ئەمما دادام ئۇچۇن ئازراق بىر نەرسە يېزىشنى ئۆيلىدىم. دادام بۇ كىتابىمنى ئوقۇپ: (رەھمەت ساڭا) دەپ مىنى باغرىغا باستى،ماڭا كېرىكى دەل دادامنىڭ ئاشۇ ئىللىق باغرى ئىدى. ئاندىس تاغ تىزمىسىدا ھالاكەتكە ئۇچرىغاندا ،مەن ئەڭ تەشنا بولغان ئىش ،دادامنىڭ مىنى ئىللىق باغرىغا يەنە بىر قىتىم بېسىشى ئىدى. »


بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كەتتى ،بۇ توغرۇلۇق ھەر خىل قاراشلار غۇلغۇلا ۋە پىكىرلەر بولدى،بۇلارنىڭ قىلغىنى توغرىمۇ ياكى قانداق.؟ناۋادا ، سىز شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولۇپ قالسىڭىز قاندق قىلاتتىڭىز؟...دىگەندەك ھەر خىل قاراشلارمۇ بولدى ئەلۋەتتە...


ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
مەن تاڭسىڭ ئەمەس
ئايال رازۋېتچىك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
قورىقماس رەقىپل...
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /article/hawar_3394.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
ئابدۇغىنى خال ئاقيول تورىدا زىيارەتتە!
ئاقيول تورىنىڭ يانفۇن تور بىكىتى ئىچىۋىتىلدى!
خوش-خەۋەر ئاقيول ئۈندىدار (微信) سالۇنى قۇرۇلدى
ئۈرۈمچى شەھىرى 23يۈرۈش«كۆچمە كىنوخانا»كىرگۈزد...
ئىراقنىڭ ئايال ساقچىلىرى 91 يىللىق بايرىمىنى ت...
شىزاڭدا 3.2 بال يەر تەۋرىدى
چاڭشادا قۇراللىق ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بەردى
سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم غەلىتە ئىشلار
بۇلار پراۋىنى قانداق ئالغان بولغىيتى؟
يۈننەندىكى سىرلىق كۆل
پەلەستىن نامىنى رەسمىي ھالدا «پەلەستىن دۆلىتى...
بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونىنىڭ قىشلىق مەنزىرىسى
ئۈرۈمچىدىكى ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ بۇلاڭ...
چېڭ لوڭ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى تەرتىپسىز تۇرمۇشىنى...
نەنسەن چوڭ جىلغىسىنىڭ قىشتىكى مەنزىرىسى
ئىلگىركى ‹دۇنيادىكى ئەڭ سىمىز ئادەم ›ئورۇقلاپ...
20 ياشلىق ئامېرىكىلىق ئايال ئۆزىنىڭ 6 ئايلىق ئو...
ئالياسكىدا 7.8 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن 4.7 بال قا...
نوجىيانىڭ زىيىنى 3 مىليارد ياۋرۇپا پۇلىغا يەتت...
نوجىيا Lumia PLAY Xbox WP8 ئۇقۇمى يانفۇنى ئاشكارلاندى!...
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئىت چىشلىۋالغان بالىنىڭ يارىسىنى 1000يىپ تىكتى.
ھىندىستاندا قىزلارنىڭ يانفۇن ئىشلىتىشى چەكلە...
تۇتاش مېڭىلىك ئاچا-سىڭىل دوختۇرلارنى ھەيران ق...
ئامېرىكىلىق ئەر شىر بىلەن بىللە تۇرىۋاتىدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە رەسىملەر.
كىچىك بالىلارنىڭ ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشى.
ئەڭ كۈلكىلىك تويلۇق رەسىملەر.
ماھىر فوتوگىرافلار مۇشۇنداق رەسىمگە تارتىدۇ.
30پارچە ئەپچېلىك بىلەن تارتىلغان رەسىم.
تۇرمۇشىمىزدىكى ھەرخىل ماشىنا ھادىسىلىرى.
ئۇلار ئىنتايىن ئۇماق.
دۇنيادىكى ئەڭ قاپ يۈرەكلىك ئادەم.
دۇنيادىكى قىزىقارلىق تاسادىبىلقلار.
دۇنيادىكى ئادەمنىڭ ئەقلى ىسىغمايدىغان ئاجايى...
بېلىق تۇتۇپ يەيدىغان شەپەرەڭ.
بۇنداق ياستۇقلاردا سىز ئۇخلىيالامسىز؟
جوڭگونىڭ قەدىمكى تەڭگەپۇلى ئەسلى مۇنداق.
سىز ئۆزىڭىزنى بەك چوڭ ھىساپلامسىسز،ئەمىلىيەت...
ئەڭ چىرايلىق ھايۋانىڭ جەسىتى.
مايمۇنلار زىياپىتى
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号