خەلق تورىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئادىتىيا رومىئو دېيىۋ ھىندىستاندىكى ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن «كىچىك بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش ئەپەندىسى» ،« دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك پاپا» بولۇپ، تەقدىر ۋە كېسەل بىلەن 23 يىل تىركەشكەندىن كېيىن، ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا تۇيۇقسىز قازا قېلىپ، كىشىلەرگە ئۆزى كىچىك بولسىمۇ، زور غەيرەت بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىنى ۋە مەڭگۈ سوقۇپ تۇرىدىغان قەيسەر يۈرەكنى قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى، ئۇنىڭ بوي ئىگىزلىكى ئارانلا 84 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 9 كىلوگرام بولۇپ، پاپىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئەمما ئۇ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. پاپىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بۇ ھىندىستانلىق بالىنىڭ نىشانى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، چېنىقىش ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ئىدى. ئۇ چېنىقىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەزرائىل يەنىلا ئۇنى ئېلىپ كەتتى، شۇ يەر ۋاقتى 13-سېنتەبىر ئۇ مېڭە ئارتېرىيە ئۆسمىسى يېرىلىپ كېتىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، ھىندىستاندىكى پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى سالىيام دوختۇرخانىسىدا قازا قىلدى. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» قاتارلىق ئەنگىلىيەدىكى تاراتقۇلار بۇ ئىشنى خەۋەر قىلدى، ھەمدە بۇ قەيسەر ياشقا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ، بۇ كىچىك گىگانت ئادەمنى دۇنياغا مېيىپ تېنى بىلەن كەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما قەتئىيلىك بىلەن تىركەشتى، ياشلا قازا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەيسەر، ئۈمىدۋار ئوبرازى كىشلەرنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالدى - دېدى.