<<  مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ، سىز نىمە دىمەكچى ؟! | باش بەت | قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ ! ( مۇقەددىمە )  >>
  • قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ ! (داۋامى)

    2009-04-06

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37542840.html

     

    تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى مۇستاپا كامال.ئۇ پەقەت تۈرك مىللەتلىرىنىڭلا قەھرىمانى،چۈنكى بۇ ئەزىمەت ئۆز مىللىتىنىڭ جانى-جان مەنپەئەتىنى يوقۇتۇشقا ئاتلانغان بارلىق دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلالىغان.ھەتتاكى تۈركلەرگە قارشى غازات توۋلاپ جەڭگاھقا چۈشكەن دىنداشلىرىنىمۇ ئاياپ ئولتۇرمىغان.

    ئۇ بۇ نۇقتىدا ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇيرىقىغا بوي سۇنماي قۇرئان كۆتۈرگەن دۈشمەندىن قېچىپ ئەلىنى ھەسرەتتە قويغان ساھابىلەردىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلدى. ئەسلىدىكى خەلىپىلىك تۈزۈلمىگە مىللەتچىلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ قارشى چىققان ئەرەپ ئۆكتىچىلىرى ياۋروپا خىرىستىيانلىرىنى ئۆزلىرىگە تىرەك قىلغان بولسا ،مۇستاپا كامال تۈرك مىللىتىنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن ياۋروپانىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن كۈرەش قىلدى.ئۇرۇشتىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر غەرپنىڭ ھەربى قوغدىنىش كۈنلىكىنىگە مۇراجەت قىلغان بولسا ،مۇستاپا كامال دۆلەت مەنپەئەتىنى قولىدا تۇتۇپ ،ياۋروپانىڭ ئىلغار قانۇن-تۈزۈلمىلىرىدىن پايدىلىنىشنى يولغا قويدى.بىرى شەكلى ئۆزگەرگەن مۇستەملىكىگە چۈشۈشنى خالىدى.يەنە بىرى بولسا مەڭگۈ مۇنقەرز بولمايدىغان تۈرك دۇنياسىغا ئاشقۇن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىلا ئېلىپ كەلدى خالاس.بۇ قەھرىمانمۇ ئۇرۇشتىن كېلىپ چىققان باشقا داھىلارغا ئوخشاشلا تەرەقىيات مۇساپىسىدا قىسمەن ئاشقۇن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ.بىراق ئىسلامىيەتنىڭ بارلىق جاۋاپكارلىقلىرىنى يۈكلەپ قويغۇسى كېلىدىغان بىر قىسىم نەزىرى تار تارىخشۇناسلار ئېيتقاندەك ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇناپىقى دەرىجىسىگە بېرىپ قالغىنى يوق.

    ئۆسمانىيلاردىن مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىپ مۇستەقىل بولۇپ باققان ئاتالمىش سەئىد جەمەتلىرى،فاتىمىيە ئەۋلادلىرى ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ھەقىقى ۋارىسلىرى...... قولىغا دۆلەت ھوقۇقىنى ئالغىلى نەچچە ئون يىللار بولدى.بىراق ھېلىقى ئاتالمىش تارىخشۇناسلار ئېيتقان خەلىپىلىك تۈزۈلمىنى ھەممىسىلا ئۇنتۇپ كەتتىمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ ئۆز ھالىنىمۇ ئوڭشىيالمايدىغان دەرىجىدىن قۇتۇلالمىدى.ئۇلار پەقەت ناماز ۋاقتىنىلا قولىدا تۇتۇپ تۇرالىدى،ئەمما باشقا بەلگىلىمىلىرىنى يەنىلا غەرپ تۈزۈپ بەردى.

    مۇستاپا كامال ھەقىقەتەن سەۋەنلىكلەردىن خالى ئەمەس .بىراق بىز ئۇنىڭ ئەينى دەۋىردىكى قەھرىمان تۈرك خەلقى بىلەن بىرلىكتە مۆجىزىلىك جەڭلەرنى قىلىپ تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغىنىنى ساقلاپ قالالىغانلىقىنى بىلىمىز.ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسىنى ھىچقانداق بىر مۇسۇلمان باشچىسى ئورۇنلاپ باقمىدى.ئۇنىڭ قارشى تۇرغان دۈشمىنىگە ھەتتاكى غازاتمۇ ئېلان قىلالمىدى.

    ئۇلۇغ خۇدا ! قېنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ فاتىمىيە،سەئىد ئەۋلادلىرى ئىسلامىيەتنىڭ ئاتا تۈركتىنمۇ ئارتۇق جەڭگىۋار پەرزەنتلىرى ؟

    قېنى شۇ تەقۋادارلىق تالىشىپ ياقىلىشىۋاتقاندىكى ھەقىقى باھادىرلىق....؟!

     

    ئۇلۇغ تۈرك ئالىمىمىز مەھمۇت كاشغەرى ئۆزىنىڭ بىباھا كىتاۋىنى ئەرەپ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىنى بىر قاتارغا چىقىرىش مەقسىتىدە يېزىپ چىققان.ماھىيەتتىن  ئېيتقاندا بۇ ئىسلام ئورتاقلىقىغا نېسبەتەن ئېنىقلا رەت قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىسىمۇ ئەمما يەنىلا مىللى مۇھەببەتنىڭ ئۆرنىكى بولالايدۇ.

    ناپولېئون ئوتتۇرا شەرققە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ئىستىلاچىلىق قەدىمىنىڭ ئاسان ھەم تېز بولىشى ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى جاكالاپ سەللە يۆگەپ مەسچىتتىن چىقماي ئىبادەت قىلاتتى .ئۇ بەلكىم بۇنى ئۇرۇش زۆرۆرىيىتى ئۈچۈن قىلغان بولىشى مۇقەرەر.ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى ياۋروپا قەھرىمانلىرىنىڭ گۈل تاجىلىق ئورنىغا قىلچىلىك دەخلى قىلمىغان .

    جېففىرسونمۇ ئامرىكا جەمىيىتىنى دىنسىزلاشتۇرۇشتەك بىر قىسما تەكلىپ بېرىپ قويغانلىقى  سەۋەبىدىن مەشھۇر زوڭتۇڭلار قاتارىدىن چۈشۈپ قالغىنى يوق.قەھرىمان ناھايىتى ئاز ساندىكىلەرلا چۈشىنىدىغان قەلب ئازابلىرىنى ھەركەتكە ئايلاندۇرۇش بىلەن ئارام تاپىدۇ.ئۇ خاتالىقلاردىن خالى بولالمايدۇ.پەقەت ھاياتىي دۇنيادا مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ ياشايدىغان نامەرت ئادەملەرلا خاتالىشىش تەغدىرىگە ئۇچرىمايدۇ،ئۇلار دانالارچە ياشايدىغان ئالىجاناپ  مىتە-قۇرتلاردۇر.

    زىدىيەت پەقەت مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىلا يۈز بېرىدۇ.زىدىيەتنىڭ بولىشى قورقۇنۇچلۇق ئەمەس.قورقۇنۇچلىغى قۇرۇپ كېتىشتىن قورقۇپ توختام سۇدەك تاشماستىن دانالارچە ياشاش.

    لىنكولىن ئامىرىكا ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇشىۋاتقان ئىككىلا تەرپنى ۋەتەنپەرۋەرلەر دەپ باھالىغانتى.چۈنكى ئىككى تەرەپ ئۆز تەشەببۇسلىرىنىڭ ئامىرىكا جەمىيىتىنى بەختكە ئېرىشتۈردىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇرۇش قىلغان. مانا بۇ يەلكىسىگە ۋەتەن مەسئۇلىيىتىنى يۈكلىيەلەيدىغان باھادىرلارغا بېرىلگەن ھەققانى باھا.

    پەيغەمبىرىمىز مەككىنى فەتھى قىلىش ئالدىدا ،يول مېڭىپ چارچاپ كەتكەن قوشۇننى ئېغىز ئېچىشقا بۇيرۇيدۇ.بىراق كۆپ قىسىم ساھابىلەر ئېغىز ئاچقان بىلەن يەنە بىر قىسىم ساھەبىلەر ئۆزىنىڭ چىدامچانلىقىنى بىلدۈرۈش مەخسىتىدە ئېغىز ئاچمايدۇ.

    پەيغەمبىرىمىز قوشۇن ئارىسىدا بىر خەۋپنىڭ باش كۆتۈردىغانلىقىنى بايقايدۇ.ئاددى بىر ئىبادەت سەۋەبىدىن  ئېغىز ئاچقانلار بىلەن ئېغىز ئاچمىغانلارنىڭ ئۆز-ئارا زىدىيەتلىشىش ئۇرۇقىنىڭ تېرىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆز بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلارغا لەنەت ئوقۇيدۇ.دىمەك ئىتىپاقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتالمىش تەقۋادارلىق قىلغانلارغىمۇ رەھىم قىلمايدۇ.ساھابىلەردىن بىرسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەلۇم مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشىنى سورىغاندا ھەزرىتى ئۆمەر «پەيغەمبىرىمىزدىن سوراپ باقمىدىڭمۇ »دەيدۇ.ئۇ ساھابە «سورىدىم،ئەمما سېنىڭمۇ پىكرىڭنى بىلىپ باقاي دىگەنتىم ؟» دىگەندە ھەزرىتى ئۆمەر «يولباشچىمىز رەسۇلىللادىن باشقا بىراۋدىن ھۆكۈم سورىغۇچىنىڭ ھۆكمى ئۆلۈم »دەپ ئۇ ساھەبىنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدىكى  فىقھى ئىلمى ۋە تۆت مەزھەپنىڭ شەكىللىنىشى يۇقۇرىدىكى ۋەقەدىنمۇ ئاددى بولغان كۆز قاراشلاردىن شەكىللەنگەن بولسىمۇ ،ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاساسى پىكىر ئېقىمىنىڭ تارماقلارغا بۆلىنىشىگە كۆرسەتكەن زىيانلىق تەسىرى مىسلىسىزدۇر.

    قانۇن يەككىلىك ۋە مۇقىملىققا ئىگە.ئۇ ھەرگىزمۇ ئىنسانىيەتنىڭ باشقا ئىجادىيەتلىرى بولغان..پەلسەپە ،ئەدەبىيات-سەنئەت،..لەردەك كۆپ مەزمۇنلۇق ۋە كۆپ قاتلاملىق تۈرلىنىشكە مۇھتاج ئەمەس.قانۇنغا نېسبەتەن ئاددى چۈشەنچىلا ئەڭ مۇۋاپىق .ئىسلام قانۇنى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ سوفى-مەۋلەۋىلەرنىڭ ئۆخشىمىغان تەپەككۈر ۋە پەرقلىق ھېسيات بىلەن قىلغان تەتقىقاتلىرى قۇرئاننىڭ ئەسلىدىكى بىر خىل ماھىيىتىنى كۆپ خىل شەرھىيلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى.قۇرئان ئاۋام چۈشىنەلمەيدىغان مۇرەككەپ سۆز ئويۇنى ئەمەس.ئۇنى ئادەتتىكى ساۋاتسىزمۇ ئوچۇق مەنىسى بىلەن چۈشىنىدىغان قىلىپ نازىل قىلىنغان. ئۇ بىر چۈشىلىك يارىتىلغان قانۇن ! ھەرگىزمۇ بەزىلەر سۈپەتلىگەندەك ئۇنۋېرسال مەناغا ئىگە شېئىر ئەمەس.

    ئوچۇق مەناغا يەنە باشقىچە مەنا ئېيتىشقا تىرىشىش شائىرلارنىڭ ئىشى .ئىنساننىڭ رەڭدار تەپەككۈرى رەڭدار نەتىجە ھاسىل قىلىدۇ.شېئىر-مەسنەۋىلەر چەكسىز مەنالارغا ئىگە بولۇشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ.بىراق قانۇن بۇ رەڭدارلىقنى خالىمايدۇ.ئوخشىمىغان پىكىرلەردىكى دېمكىراتىك مەسنەۋى-غەزەللەر پەقەت ئىسلام تارىخىدىكى ئەدەبىيات ھادىسسىدۇر.قانۇن ئۇ مەيلى توغرا ياكى خاتا بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۆز ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ئورتاق ھەم رەڭسىز ھالەتتە مەۋجۇت بولىشى زۆرۈر.

    مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە خاتا سانالغان غەرپنىڭ قانۇنلىرى ،غەرپلىكلەرگە نېسبەتەن مۇقىم ۋە بىر خىلىققا ئىگە بولغاچقا ئۇلارغا سائادەت كەلتۈرگەن.

    ئەمما قۇرئاندەك مۇتلەق توغرا بولغان قانۇن ئىسلام دۇنياسىدا رەڭدار شەرھىيلەنگەچكە مۇسۇلمانلارنى بىر نۇقتىغا يىغالمىغان.مانا بۇ ئىسلام فىقھىشۇناسلىقىنىڭ قانۇن ساھەسىدە گۈللىنىشىنىڭ ئاقىۋىتى.

    نېمىس پەلسەپەسىنى مۇتەپەككۈرلىرىمىز دۇنيا پەلسەپە مۇنبىرىنىڭ  چوققىسى دەپ باھالايدۇ.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇشۇ پەلسەپەگە ئىگە بولغان بەخىتلىك نېمىسلار يەھۇدىلارغا قارشى قىرغىن قىلىپ ئۆزىنى ئالى ئىرىق ساناپ پەس ئىرىقلارنى قۇتۇلدۇرۋېلىشقا ئاتلانغان ئىدى.تارىختىكى بۇ ئىشلارنى بىر ئادەمگىلا يۈكلەپ قويۇش ئادالەت بولمىسا كېرەك.

    ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە گېرمانىيىلىك بىرانت ۋە مېچىل بارلىق نېمىسلارغا ۋاكالەتەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەھۇدىلار قەبرىستانلىقىدا يۈكۈندى،ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىرىنى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلدى.ئەمما ياپونلار تا بۈگۈنگە قەدەر ئۆزلىرىنىڭ تارىختا قىلغان جىنايەتلىرىگە تۆۋۋە قىلغىنى يوق.ھەممىمىز بىلىمىز ياپون مىللىتى بىلەن نېمىس مىللىتىنىڭ پەلسەپە بايلىقىنى سېلىشتۇرۇش مۈمكىن ئەمەس.ئەمما نىمىشقا پەلسەپە مىللىتى سانالغان نېمىسلار ئەللىك يىلدىن كېيىنلا ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىرىغا تۆۋۋە قىلىدۇ؟! ياپون مىللىتى بولسا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى كۆز قارىشىنى ھازىرغا قەدەر ئۆزگەرتمەيدۇ؟!

    پەلسەپەگە تويۇنغان مىللەت بىر قانچە يۈز يىللىق كەلگۈسىنى ئالدىن بىلەلەيتتىغۇ؟!

    مانا بۇ بىز غايىۋىلاشتۇرىۋالغان پەلسەپەنىڭ بىچارە ھالى.شۇنداقلا قەھرىمانسىز قالغان كونا جەڭ ھارۋىسى!

    بىز ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدىغان مۇھىم تەرىپى بۇ ئىككى مىللەت ئوخشىمىغان يولدا كېتىۋاتسىمۇ ،ئەمما ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسىدىكى بىرىنىڭ ئۆزگەرمەس ئوخشاشلىقى يەنە بىرىنىڭ بولسا ماسلىشىشچانلىقى.

    تارىختىكى ياپونلار يولباشچىلىرىغا قانداق ئەگەشكەن بولسا بۈگۈنكى ياپونلارنىڭمۇ يەنىلا گۇمانلانماي ئەگىشىۋاتقانلىقى ،نېمىسلارمۇ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن ئىدىيىسىنى ۋە يېڭى چاقىرىقىنى ئەينى ۋاقىتتىكى گېتلېر گېرمانىيىسىنى قوللىغاندەكلا قوللاۋاتقانلىقىدۇر.

    مانا بۇ ۋەتەن-مىللەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان مۇنەۋۋەر خەلقنىڭ پوزىتسىيىسى.

    دىمەك قەھرىمان بىر مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش نۇقتىسى .بۇ نۇقتا پەرىشتىنى ئەمەس ئادەمنى مەركەز قىلغاچقا كەمچىلىكتىن خالى بولالمايدۇ. خەلق پەقەت ماھىيەتتىكى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى بولغان قەھرىمانىغا كەڭ قوساقلارچە مۇئامىلە قىلالىغاندىلا ئاندىن پۈتۈن خەلق ئىتىپاقلىشىدىغان مەركىزى نۇقتىغا ئېرىشەلەيدۇ .

    بۇ ئىتىپاقلىق بۇ خەلقنى تاغدەك ئېغىر كۈن، قىيامەتنىڭ دەھشىتىدەك تەغدىردىنمۇ قۇتقۇزۇپ چىقالايدۇ....         

    ۋاقىت نۇرغۇن رىۋايەت-ئەپسانىلەرنى يوقاتقان بولسىمۇ قەھرىمانلار توغرىسىدىكى ئەپسانە-بايانلار ئەسىرلەر بويى يوقالماي ئېيتىلىپ-يادلىنىپ كەلمەكتە ئۇلارنىڭ غايىسى ،ئېتىقادى ھەر قېتىملىق تاڭ قۇياشى ۋە يېڭىدىن تەۋەللۈت بولغان بوۋاق ھەم يېڭىدىن كۆكلىگەن گىيا بىلەن قايتا-قايتا تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ........

    قەھرىمانلارنىڭ مەخسەت-نىشانى ئوخشاش بولسىمۇ ئۆز پائالىيىتىنىڭ مۇساپە پەرقى تۈپەيلىدىن ،تارىخنىڭ ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان باھالىرىغا نائىل بولىدۇ.بىراق كېرەك يوق ،ئۇلار باشقىلارنىڭ باھاسى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قەلبىنىڭ ئارامى ئۈچۈن ياشايدىغانلار ۋە شۇ چاقىرىق ئۈچۈنلا كۈرەش قىلىدىغانلار .

    تارىخ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان نۇرغۇن ئاشكارە قەھرىمانلارنى روياپقا چىقاردى ،ئۇلار ئۆزىنىڭ ياراتقان تۆھپىسى ۋە بېسىپ ئۆتكەن شانلىق ھايات مۇساپىسىنىڭ بەدىلىگە كېيىنكىلەر تەرىپىدىن تولۇق مۇكاپاتلاندى ۋە مەدھىيەلەر ئوقۇلدى .

    بىراق يەنە نۇرغۇن نامسىز،ئىزسىز ئۆلۈپ كەتكەن قەھرىمانلار ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ئۆمۈر خاتىرىسىنى پەقەت ئۆزى بىلەنلا ئېلىپ كەتكەن بولىدۇ .بۇنداق قەھرىماننىڭ ھەيۋەتلىك مەقبەرىلىرى ۋە ياكى ھەيكەللىرى بولمايدۇ. بۇ زاماننىڭ باشقىلاردىن پەرلىق ھالدا ئۇلارغا قىلغان يەنە بىر ئۆزگىچە ئىلتىپاتى.

     ئۇلار بىر بولسا نام-نىشانسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ . ياكى ئۆلتۈرۈلدۇ.

    ئۇلارنىڭ ئۆلىمىگە پەقەت ئۇنى ئاتقان جاللات ياكى ئۇ سېسىپ ئۆلۈپ كەتكەن قاراڭغۇ كامىر ۋە ياكى ئۇ جەڭ قىلىپ يىقىلغان ئېدىر-سايلىقلار .....شاھىت بولۇپ قالىدۇ.

    يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ غايىسىنى قەلبىگە يوشۇرغان پېتى جاھاندىن ئارمان بىلەن كېتىدۇ .زاماننىڭ ئىمكانىيىتى ئۇلارغا نېسىپ بولمايدۇ .ئۆز ئەجرىگە يارىشا نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىك ئۇلارنى ئۆكۈندۈرسىمۇ بىراق ئۆز ئېتىقادى ۋە غايىسى يولىدا بوشاشماي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئارزۇسىدۇر.

                        

    تاڭنىڭ ئەسىرىمۇ يوق قاپ-قاراڭغۇ زۇلمەت كېچىلەردە پەقەت ھۇقۇشلا تۈننى قوغلاپ مەغرۇر سايرىيالايدۇ.،ئۇ بىراۋلارنىڭ ئالقىشىغا ياكى تۆھپە يېزىشىغا مۇھتاج ئەمەس.ئۇ پەقەتلا زۇلمەت كېچىنى قوغلاپ بولۇپ نەلەرگىدۇ كېتىدۇ ۋە ئۆمۈر بويى ھېچكىمنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولماي ئۈن-تىنسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ  .....

    ئەمما ئاستا-ئاستا يورۇۋاتقان تاڭنى كۆرۈۋالغان «قىپقىزىل»تاجىلىق چىرايلىققىنە  خوراز  پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ «تاڭ ئاتتى» دەپ سايرايدۇ.بۇنىڭ بىلەن نادان ئاۋام تەرىپىدىن «تاڭ ئەلچىسى»دەپ ئالقىشلىنىدۇ.

    مانا بۇ نامۇ-نىشانسىز ئۆلۈپ كېتىدىغان قەھرىمانلارنىڭ تىراگىدىيىسى بولۇپلا قالماي ماھىيەتنى كۆرەلمەيدىغان ئاۋامنىڭمۇ تىراگىدىيىسى.

    نامسىز قەھرىمانلار قەبرىسىنى كېيىنكىلەرنىڭ زىيارەت قىلىپ يوقلىشىنى كۈتمەيدۇ.ئۇلار كەڭ دالىنىڭ قايسىدۇ بىر يېرىدە ياكى بىرەر ئىگىز تاغنىڭ باغرىدا ۋەيا بىرەر تۈپ قارىغاينىڭ سايىسىدە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بولىدۇ.ئۇنىڭ غېرىپ قەبرىسىنى قەھرىتان قىشنىڭ جەسسۇر شىۋىرغانلىرى،تومۇز ئاپتىپىنىڭ مۇھەببەتلىك تەپتى ،چىرايلىق كۈزنىڭ تولغان ياپراقلىرى ،ئۈمۈتلۈك باھارنىڭ ئەگىز سۇلىرى يوقلاپ تۇرىدۇ.....

    ئۇلاردىن كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئەپسانە-رىۋايەتلەر نامۇ-نىشانە بولۇپ بولۇپ قالىدۇ.ئوغۇل-قىز ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن مىراس سۈپىتىدە باتۇرلۇق شەجەرىلىرى ۋە داستانلار قالىدۇ. بۇ داستانلار خۇددى ئۈزۈلمەس ئېقىنغا ئوخشاش ئالدىنقى ئەجداتنىڭ ھايات كەچمىشلىرىدىن كېيىنكى ئەۋلاتنىڭ  چۈشلىرىگىچە ئېقىپ كېلىۋېرىدۇ......

    قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ !

     

    قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت

    ئابدۇرېھىم ئابلەتخان

    abdurehim ablathan


    收藏到:Del.icio.us




Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى
سەبورى ئېلېكتىرونى سەبورى ئېلېكتىرونى