ئايال پادىشاھلارمۇ قېرىپ يۈزلىرى دۇنيا خەرىتىسىدەك بولۇپ كەتكىننى كۆرۈپ تۇرىمىز، قېرىمايدىغان، ئاجىزلىمايدىغان، گۈزەللىكىدىن قالمايدىغان ئىش بولسا شۇلار بىر ئۆمۈر قېرىمىسا بولاتتى. لىكىن رىئاللىق رەھىمسىزدۇر. تۇغۇلماق، قىرانلىق، ئاجىزلىشىش، ئۆلۈم يارالمىش قانۇنىيەتلەردىندۇر. چوقۇم مەڭگۈ قېرىماي ياش تۇرسام بولىتتى دەپ تۇرۇۋالسىلا، تۆۋەندىكى تەكلىپنى بىرىمەن:

" /> دىئالوگ-مەڭگۈلۈك گۈزەللىك ئىستىگۈچىلەر كىرگەي! - 80 خالتا بلوگى

دىئالوگ-مەڭگۈلۈك گۈزەللىك ئىستىگۈچىلەر كىرگەي!


سالام، ئۆزلىرىدىن تېببى مەسلەھەت ئالاي دېگەن ئىدىم. ۋاقىتلىرى يەتسە پاراڭلاشقان بولساق. چېچىمغا بەك كۆپ ئاق كېرىپ كەتكىلى تۇردى. ئەينەككە قارىساملا ئىچىم پۇشۇپ بىئارام بولۇپ كېتىمەن. قېرىلىق شۇنچە تېز يېتىپ كىلەرمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن. گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىغان ئايال كىشى بولمىسا كېرەك، شۇڭا مەنمۇ بىر ئۆمۈر قېرىمىسام، گۈزەللىكىم جۇلالىنىپ تۇرسىكەن دەيمەن. شۇنچە ئەنسىرىگەنچە تېزلا قېرىلىق يېتىۋاتقاندەك قۇرقۇنۇچ ئىچىدە قالدىم. ئاسان چارچايمەن، ئۇيقۇم كىلىپلا تۇردۇ. ئەزەلدىن ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان بولغاچقا ئائىلىدە، خىزمەت ئورنۇمدا بوشاڭلىق قىلمايتتىم.مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقىغان بولغاچقا ھەممىلا ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشنى ئويلاپ مۇكەممەللىك قوغلىشاتتىم. ئۆي ئازىراقلا رەتسىز بولسا، ئىش ئۈستىلىمدىكى ماتېرياللار يېغىلىپ قالسىلا نېرۋام ئۆرلەپ قالىدۇ. ئاسان چېچىلىپ قالىمەن.  ھەممە ئىشلارنى ئالدىمغا سىلىۋالسامكەنمەن، ھەر قانداق ئېشىمدىن مەسىلە چىقمىسىكەن دەپ بار كۈچۈم بىلەن تىرىشاتتىم. قىز بالا ۋاقتىمدا ئۇيقۇغا ئامراق بولغاچقا دەم ئىلىش كۈنلىرى ھورۇن ئۇيقۇسىنى كۆپ ئۇخلايتتىم. ئائىلە قۇرغاندىن كىيىن ئۇيقۇم كىلىپ تۇرسىمۇ ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ كۈندۈزلىرى ئۇخلاپ باقمىدىم. يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بىرى دادامنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن دوختۇرخانا، چوڭ ئۆي، ئۆزۈمنىڭ ئۆيى، ئىدارە  ئارلىقىدا چېپىپ يۈرۈپ، يولدۇشۇم، باللىرىمغا كۈندە 3 ۋاق تاماق ئېتىپ، كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ دېگەندەك ئالدىراشلا ئۆتىمەن. قېرىق ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا قېرىپ كېتەرمەنمۇ دەپ ئەندىشە قىلىپلا يۈرۈيمەن. چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كەتسە ئادەم ھارغىن، كېسەلچان، قېرى چىراي كۆرۈنۈپ قالىدىكەن. چاچنى بويىتاي دېسەم تېرىگە بەك زىيانلىقمىش، راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ ئاڭلاپ يالتىيىپ قالدىم. داڭلىق ماركىلىق گېرىم بويۇملىرى، قىممەت باھالىق  ياشلىق باھارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورۇقلۇق، قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئىچىپ تۇرىمەن. سىلىدىن ھەسەل، گۈلقەنت ئەكەلدۈرۈپ ئىچكەندىن كىيىن سەل پەرقى بولغاندەك تۇرىدۇ. شۇنچە قىلىپ تۇرمىغان بولسام نېمە بولۇپ قالاتتىمكىن دەيمەن.

 

سالام، چاچ ئاقىرىشقا باشلىغان بولسا چوڭ مەسىلە يوق، كەيپىياتلىرىنى تەڭشەپ كۆز ئالدىمىزدىكى، بىز قوينىدا ياشاۋاتقان دەل ھازىرقى ھاياتتىن ھوزۇرلىنىشنى، زوقلىنىشنى ئۈگۈنىۋالسىلا، بۇ ھاياتتا تۇغۇلۇش، قىرانغا يېتىش، ئاجىزلىشىش، قېرىلىق، ئۆلۈم دېگەندەك مەڭگۈ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان  رىئاللىقلارنى قوبۇل قىلىشنى ئۈگۈنىۋالغۇلۇق. جىددىيلىك، يوقىلاڭ ئىشلارغا چېچىلىش، بۇرۇقتۇرما بولۇش، زىيادە مۇكەممەللىك قوغلىشىش قاننى كۆيدۈرۈپ سەپرانى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇ ئاياللىق نازاكەت، گۈزەللىكنى خازان قىلىدىغان ئىشلاردىندۇر. ئەڭ موھىمى پانىي ئالەمدە ئادەمنىڭ ھامان قېرىيدىغانلىقى، گۈزەللىكنىڭ ھامان سولىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت رىئاللىقنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشتۇر. بىزنىڭ ئىرادىمىزگە بىقىنمايدىغان، كۈچىمىز يەتمەيدىغان - مەڭگۈلۈك گۈزەل بولۇشنىڭ غېمىنى قانچە كۆپ قىلىپ، ھەر بىر ئەينەككە قارىغاندا ئىچىمىز پۇشۇپ، ئاھ ئۇرۇپ يۈرسەك تېخىمۇ تېز قېرىپ كېتىشىمىزدە گەپ يوق.


بۇ ھەقتىكى گەپلەر كىتابلاردا كۆپ سۆزلىنىدىكەن. زامانىۋى جەمئىيەتتە ئاياللارغا ئائىلە ،خىزمەت، جەمىيەت دەپ كۆپ ئەندىشىلەر بولىدىكەن. كەيپىياتنى تەڭشەيمەن دەپمۇ تەڭشەپ بولغىلى بولمايدىكەن. بەزى ئىشلارنى ئويلىماي دېسىمۇ كاللىغا كىرىۋىلىپ ئاراملىق بەرمەيدىكەن. شۇڭا ماڭا ئەمەلىي ئەسقاتىدىغان، نەق گەپ بىلەن مەسلەھەت بەرسىلە، تېبابەت دورىسى ياكى ئوزۇقلۇق-يېمەكلەردىن نېمىلەرنى يەپ بەرسەم بولىدۇ؟

 

قېرىلىقتىن قورققان ئادەم ئىمكان بار دورىغا تايىنىۋېلىشتىن يېراق يۈرۈشى كېرەك ئىدى. ساغلاملىق ئۈچۈن روھىي ئامىل، تۇرمۇش ئادىتى، مىزاجغا قاراپ ئوزۇقلىنىش دېگەنلەر ئىنتايىن موھىمدۇر. مۇشۇ ئۈچىدىن مەسىلە چىققاندا ئاندىن بەدەن تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ بەزى كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. نېرىپ-توقۇلمىلاردا قىرىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.
چاچلىرىنىڭ ئاقىرىشىغا چوقۇم دورا ياكى يېمەكلىكتىن بىرەر نەرسە دەپ بەرسىلە دەپ تۇرۇۋالسىلىرى تۆۋەندىكىلەر چاچ بالدۇر ئاقىرىشقا پايدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەردۇر:
 يۈزىگە تولدۇرۇپ سىيادان سېپىپ نان ياقتۇرۇپ ئەتتىگىنى ناشتىدا يەپ بېرىش، چاچنى سىيادان مېيىدا مايلاپ بىرىش كېرەك. ھېلىلە مۇرابباسى يەپ بىرىش كېرەك. تاماقلارغا زەيتۇن مېيى ئىشلىتىپ بەرگەننىڭمۇ پايدىسى كۆپ.
بۇلار بالدۇر چاچ ئاقىرىشقا قارشى نىسبەتەن ياردەمچىلىك رولنى ئۆتەيدۇ. قېرىلىقتىن، ئىرسىيەتتىن بولغان چاچ ئاقىرىشقا مەنپەئەت قىلمايدۇ.
تېبابەت دورىسى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال مىزاجنى ئايرىپ خىلىتلارنى تەڭشەپ سېستىمىلىق داۋالاش ئىلىپ بېرىلسا بولىدۇ. بۇمۇ ئوخشاشلا قېرىلىقتىن، ئېرسىيەتتىن بولغان چاچ ئاقىرىشقا نىسبەتەن يەنىلا ئۈنۈمسىزدۇر.

 

ئىشقا كىلىپ ماغدۇرسىزلانغاندەك بولۇپ ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىۋەتسەم سەل جانلىنىپ قالىمەن. شۇنىڭ كۈچى بىلەن خىلى ئىشلەيمەن. لىكىن بالدۇرلا ئىشتىن قاچىدىغان بولىۋالدىم. ئەسلى سىلى شۇنداق ئوبدان نەرسىلەرنى ئەۋەتىپ بىرىۋاتقاندىكىن ياخشى بولۇپ كەتسەم، گۈزەللىك ئىستىكىمگە ئورتاقلىشىپ چىرايىم نۇرلىنىپ ساغلام بولۇپ كەتسەم، بىر ئۆمۈر قېرىمىسام دەپ ئويلايتتىم. ھەييي، قېرىپ، سەتلىشىپ كېتىشنى ئويلىساملا بەك قورقۇنۇچ ھېس قىلىمەن. بىر ئۆمۈر گۈزەل، نازۇك، تېتىك ياشىسام بولىتتى.

 

ئەمىسە سىلى جەننەتكە كېرسىلە بولغۇدەك، پەقەت جەننەتتىلا مەڭگۈ قېرىش، گۈزەللىكىنى يوقۇتۇپ قويۇش يوق. خىزمەت بېسىمى، تۈگىمەس ئەندىشە، غەم-قايغۇلار يوق. كۆڭۈللىرى نېمىنى خالىسىلا شۇ تەييار. لىكىن بۇ پانى ئالەمدە ئۇنداق ئىش يوق. ئايال پادىشاھلارمۇ قېرىپ يۈزلىرى دۇنيا خەرىتىسىدەك بولۇپ كەتكىننى كۆرۈپ تۇرىمىز، قېرىمايدىغان، ئاجىزلىمايدىغان، گۈزەللىكىدىن قالمايدىغان ئىش بولسا شۇلار بىر ئۆمۈر قېرىمىسا بولاتتى. لىكىن رىئاللىق رەھىمسىزدۇر. تۇغۇلماق، قىرانلىق، ئاجىزلىشىش، ئۆلۈم يارالمىش قانۇنىيەتلەردىندۇر. ئاللاھ ئىنساننى بويسۇنسۇن دەپ ياراتقان ئىكەن. شۇڭا بىزنىڭ بۇ قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنماسلىق ئىلاجىمىز يوق. بىزنىڭ پەقەت تېز-تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى خۇشاللىق بىلەن قىلىۋىلىش، ئۆلۈمگە دادىل يۈزلىنىشتىن باشقا تاللىشىمىز يوق. لىكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى قولىدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتماي ھاياتىنىڭ ئاخىرىنى پۇشايمان بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆلۈمگە نىسبەتەن ھېچقانداق تەييارلىقى بولمايدۇ. گۈزەللىك ھەققىدە كاللامغا تېزلا بىر پىكىر كىلىپ قالدى-بۇ ئالەمدىكى گۈزەللىك قەلىبتە، ئاخىرەتتىكى گۈزەللىك جەننەتتە. ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك گۈزەللىككە ئىرىشىش ئۈچۈن بۇ ئالەمدە قەلب پاكىز، گۈزەل بولىشى كېرەك ئىكەن. دېمەك مەڭگۈلۈك گۈزەللىكنىڭ تەييارلىقى بۇ ئالەمدە ئىكەن.

 

جەننەتكە كىرىش بەك تەس، تۇرغان-پۈتكىنىزمىنىڭ ھەممىسى گۇناھتەك بىلىنىدۇ. ئويلىسىلا ئادەم قورقىدۇ.

 

ئۇنداق ئەمەستەكقۇ، تۇرغان-پۈتكىنىمىزدە شۇنچە كەڭرى پۇرسەتلەر تۇرۇپتۇ. باشتا دەپ ئۆتكەندەك قولىمىزدا يوقىغا تولا ئاھ ئۇرۇپ، ۋايىم يېمەي نەق ئالدىمىزدىكى ھايات پۇرسىتىدىن، كەڭرى نىئمەتلەردىن ھوزۇرلىنىش، زوقلىنىش ھاياتىمىزنى تېخىمۇ بېيىتىدۇ. قانائەتجان بولۇش، شۈكۈر قىلىش، ئاجىزلارنىڭ ھالىغا يېتىش، مەزلۇملارنىڭ بېشىنى سىلاش بىزنى ئاخىرەت قورقۇنچىسىدىن ئازات قىلىدۇ. 

 ئەسكەرتىش: بۇ مۇنداقلا بىر چ چ پارىڭىنى رەتلەپ ، تەييارلاپ قويغان ئاددىيغىنە تېما بولۇپ ئانچە-مۇنچە دەبدەبىلىك گەپلەر بولۇپ قالغان بىلەن تورداشلارغا ئاز-تولا مەنىۋى زوق ئاتا قىلالىشى مومكىن. باشقىلارمۇ ئۆز پىكىرلىرىنى دادىل بايان قىلغاي!

 




[Birzat بۇنى 2012-10-09 12:48 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 7 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماarifa007[2013-06-02 06:20 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىرزات ئەپەندى سىزدىن كېسەللىك ئەھۋالىم تۇغۇرلۇق مەسلەت ئالاي دىگەن،مەن تۇي قىلغىلى 6 ئاي بۇلدى.ھازىر ھامىلدار ھامىلە5 ئايلىق بۇلدى،مەندە پۇت قۇل مۇزلاش.جىنسى مۇناسىۋەتتىن كىيىن ئالدىم چىڭقىلىپ ئاغرىش،ئاخخۇن كۆپ بۇلۇش ،دۇۋسۇنۇم ئىششىش ئالامەتلىرى پەيدا بۇپ قالدى.يەنە كۈك سۇمدىن بۇينۇمغىچە بۇغان ئارلىغتا رەڭگى قېنىق ،كۈك رەڭدە تۇمۇرلار ئاينىپ كەتتى.بۇ ئېغىر كېسەللىكمۇ؟ يۇل كۈسەتسىڭىز.ئاللا رەخمەت قلسۇن
回复قايتۇرمامېھىربان[2013-05-14 09:24 PM | del]
سىز تەۋسىيە قىلغان قولتۇق تەرلەشكە ئىشلىتىدىغان يەرلىك  رىتسىپلارنى قانچىلىك ۋاقىت ئىشلەتسە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ مەسلەن شاپتۇل يوپۇرمىقىنى سوقوپ قولتۇققا قويۇش، تۇخۇم شاكلنى كۆيدۇرۇپ، ئۇپا ھالەتكە كەلتۇرۇپ قولتۇققا سېپىش قاتارلىق يەرلىك رىتسىپلارنى قانچىلىك ۋاقىت ئىشلەتسە ئۈنۈمى بولدۇ؟ ئاخرىغىچە مەسلھەت بەرگەن بولسىلا، مەن بۇ قولتۇق تەرلاش ئازابىدىن قۇتۇلغان بولسام بەك خۇشال بولغان بولار ئىدىم. باشقىلار ئوپراتسىيە قىلدۇرمىسا بولمايدۇ دەيدۇ. ئەمما مىنىڭ ساق بەدەنگە پىچاق تەككۈزگۈم كەلمىدى. تىغ تەككۈزمەي تۇرۇپ، قولتۇق تەرلەشنى ساقايتقىلىمۇ بولارمۇ؟  ياردەملىرنى ئاخرغىچە قىلغان بولسىلا......
回复قايتۇرماnurimangul[2013-05-13 01:47 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مېنىڭ سورىغان سوئالىمغا جاۋاپ بېرىپ ،مەسلىھەت بەرگەنلىرىگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت، ئاللاھ سىلىگە رەھمەت ئاتا قىلسۇن، ماڭا جاۋاپ خەت يازغان قوللىرىغا دەرت بەرمىسۇن. سىلىنىڭ جاۋاپلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپ كەتتى. ئادەمنى ئۈمىد ياشنىتىدۇ،غەم قاخشىتىدۇ  دېگەندەك،ئۈمىدسىزلەنسە،بارغانسېرى چۈشكۈنلىشىپ كېتىدىكەن ،مەن ئائىلەم بالىلىرىم ئۈچۈن چوقۇم سىلىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە داۋالىنىپ ساقىيىشقا تىرىشىمەن.بەلكىم بۇمۇ ئاللاھنىڭ ماڭا بولغان بىر سىنىقى بولىشى مۇمكىن.مەن كېرىيەدىن،ماڭا ئۆزلىرى ياسىغان بۆرەك ئۇرۇقلاش،بۆرەككە سۇچۈشۈش،بۆرەك قۇۋەتلەشكە پايدىلىق بولغان دورىلارنى ئەۋەتىپ بېرىشكە ئمكان بولارمۇ؟ ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن.
回复قايتۇرماnurimangvl[2013-05-11 01:19 AM | del]
مەن سول بېقىنىم ئاغرىپ تەكشۈرتسەم ،ئوڭ بۆرىكىمدە سۇ بار ئىكەن،سول بۆرىكىم بەك كىچىك ئىكەن،بەلكىم ئوڭ بۆرىكىم يىگىلەپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن ئىكەن.بۇ ماڭا بەك چوڭ روھى بېسىم بولدى ،ئاللاھ ئۆزلىرىگە رەھمەت قىلسۇن، ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا.
回复قايتۇرمائارمان[2013-03-29 00:38 AM | del]
ەن بۇ يىل 20 ھاراق تاماكا دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن خۇشۇم يوق  نىمە ئۇچۇنكى بىرە يىلچە بولۇپ قالدى  بېشىم گۇرۇلدەيدىغان  بىر قۇلۇگۇممۇ  غۇڭۇلدايدىغان باشقىلار  گەپ قىلسا  ئاڭلىساممۇ نىمە دىگەنلىگىنى ئاڭقىرالمايدىغان زېھنىم  ئۇچۇق ئەمەس بولۇپ قالدىم.يەنە كوزۇم تورلىشىدۇ.كوزۇمنىڭ  كورۇش قۇۋىتىمۇ ئا جىزلاپ كەتتى  ئاگزىمدا سۇيۇگلۇق كوپۇيۋالدى تۇرۇپ تۇرۇپ  ئاگزىم دىن  سۇيۇگلۇق ئېقىپ قالىدىغان  بولۇپ قالدى.قوسۇغۇمغا شۇنداق يىسەممۇ ھىچ بىرقۇۋۋەت قىلغاننى بىلمەيمەن.ھورمەتلىك شاپائەتچى  ئاللا سىلىگە رەھمەت قىلسۇن  بۇ كىسەلگەقارتا بىرمەسلىھەت بەرگەن بولسى
回复قايتۇرماahmatjanabdurazak[2013-03-25 08:35 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؛بىرزات ئەپەندىم  بىلوگىڭىزنى ئۇزۇندىن بۇيان زېيارەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن ...بەك ياخشى رېىتسىپلار باركەن  ...ئاللا ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن  ..مەن دادامنىڭ كسلى توغىرسىدا مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم ...دادام بۇ يىل 50 كە كېردى . بىشى بەك ئاغرېيدۇ ..كېچېلېرى ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ  .ئەستە تۇتۇش قانىليتى تۆۋەنلەپ كەتتى.بىر يەردە تۇرالمايدىغان  .يەنە ھەرخىل يامان خىياللارنى قىلىدىغان بوپ  قالدى  ...دۇختۇرىانىدا تەكشۇرۈتكەن ..مىڭە قان تومۇر كىسەللىكى دەپ دىئاگنوز قويدى  ..شۇ سەۋەپتىن دادم كىسىلىنى تولا ئويلاپ تىخمۇ چۇشكۇنلىشىپ كەتتى ...دۇختۇرخانىدا  بىر ئېككى باسقۇچ  ئوكۇل سالدۇرۇپ داۋالانغان .. خىلى ئۈنۈمى بولغاندەك قىلغان ئېدى ...ھازىر مەكتەپتە دەرىسى بەك ئالدىراش داۋالانغىلى ۋاقىت چىقىرالمىدى ...مىللى تىبابەتنىڭ تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلسام   دادامدىكى كىسەللىك ئالامەتلىرى  سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا ئوخشاپ كىتىدىكەن   ...شۇڭا سىلىدىن مەسلىھەت سوراي دىۋىدىم  .يول كۆرسەتكەن بولسىلا  ......
回复قايتۇرما火心[2013-03-18 11:24 AM | del]
مەن بۇ يىل  45ياشتا  ھاراق تاماكا دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن خۇشۇم يوق  نىمە ئۇچۇنكى بىرە يىلچە بولۇپ قالدى  بېشىم گۇرۇلدەيدىغان  بىر قۇلۇگۇممۇ  غۇڭۇلدايدىغان باشقىلار  گەپ قىلسا  ئاڭلىساممۇ نىمە دىگەنلىگىنى ئاڭقىرالمايدىغان زېھنىم  ئۇچۇق ئەمەس بولۇپ قالدىم.يەنە كوزۇم تورلىشىدۇ.كوزۇمنىڭ  كورۇش قۇۋىتىمۇ ئا جىزلاپ كەتتى  ئاگزىمدا سۇيۇگلۇق كوپۇيۋالدى تۇرۇپ تۇرۇپ  ئاگزىم دىن  سۇيۇگلۇق ئېقىپ قالىدىغان  بولۇپ قالدى.قوسۇغۇمغا شۇنداق يىسەممۇ ھىچ بىر قۇۋۋەت قىلغاننى بىلمەيمەن.ھورمەتلىك شاپائەتچى  ئاللا سىلىگە رەھمەت قىلسۇن  بۇ كىسەلگەقارتا بىرمەسلىھەت بەرگەن بولسىلا
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.