گېمىروينى داۋالاشتىكى ئىشەنچلىك رېتسىپ-مەجۈنى بوۋاسىر ھەققىدە
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-05-26
بوۋاسىر (گېمىروي) كېسەللىكى مەيلى ئوپراتسىيە قىلىنسۇن ياكى دورا بىلەن ساقايسۇن ، يېلتىزىدىن قۇرىمىغاچقا بىر نەچچە يىلدىن كىيىن بولسىمۇ قايتا قوزغىلىدۇ.
مەرھۇم ئۆمەرجان ئىسمايىلنىڭ << جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش >> ناملىق كىتابىدا بوۋاسىرنىڭ يېلتىزىدىن قۇرتىدۇ دەپ ئۆزى سىناقتىن ئۆتكۈزگەن بىر رېتسىپنى بايان قىلغان ئىكەن. مەنمۇ ئۇزۇندىن بىرى مۇشۇ رېتسىپ ئاساسىدا تەييارلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن. پەرھىزلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىۋاتىدۇ.
بوۋاسىر (گېمىروي)نىڭ دەردىدە قىينىلىۋاتقانلار تەييارلاپ ئىشلىتىپ باقسا بولىدۇ. دورا خۇرۇچلارنى ئىشەنچلىك دورا دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش كېرەك. مەسىلەن : ئاق يەر يېلىنى ھەقىقى ئەسلىسى بولۇشى، سىماپ، زەمچە قاتارلىقلار زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن بولىشى لازىم.
بوۋاسىر مەجۈنى:
ئۇچقۇر پاقا، ئاق يەر يىلان، يانتاق چېچىگى ھەر بىرى 50 گىرامدىن؛
ئاقمۇچ، قارمۇچ، كاۋاۋىچىن ھەر بىرى 30 گىرامدىن؛
قاقىلە، شاقاقۇل، موزا، زەرچىۋە، بوزۇغا، يەر باغرى ئوت، يالپۇز، ئاقىرقەرھا، ئادراسمان ئۇرۇقى، ئەمەن، كات ھېندى، بىخ مارجان، بۇغا مۈڭگۈزى كۈشتىسى، زەمچە كۈشتىسى قاتارلىقلار ھەر بىرى 20 گىرامدىن؛
ئۈچ خىل ھېلىلە ئېتى 40 گىرامدىن؛
ئۆلتۈرۈلگەن سىماپ 7 گىرام. ھەسەل جەۋھىرىدىن يىتەرلىك مىقداردا
ئىستىمال مىقدارى: چوڭلار ئەتتىگەن - كەچتە قايناقسۇ بىلەن چىلاندەكتىن يەيدۇ.
كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە قاراپ بىرەر ئايغىچە دەسلەپتە كۈنىگە ئىككى قېتىم يەپ كېسەللىك ساقىيىپ ئاساسەن مۇقىملاشقاندىن كىيىن ئىككى ئايغىچە ھەپتىدە يەنە چىلاندەك چوڭلۇقتا ئىككى قېتىم يەپ داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.
خۇسۇسىيتى: بەدەندىكى ھەر خىل يەل، ئىششىق، يارا، بوۋاسىرنى يوقىتىش، زەخىم ئورنىنى قۇرۇتۇش، مىكروپلارنى ئۆلتۈرۈش، قان تازىلاش، جاراھەتلەرنى ئۈنۈملۈك ساقايتىش رولى بار.
پەرھىزلەر:
بۇ دورىنى يەپ تۈگەتكۈچە سوغۇق سۇنى قەتئىي ئىچمەسلىك، لازا، سامساق، ئاچچىقسۇلاردىن، كالا، قوتاز، تۆگە گۆشىدىن ھەزەر ئەيلەش، سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇنماسلىق، ئىسلىغان يېمەكلىك، قورۇغان تاماقلارنى يېمەسللىك لازىم.
ئۇندىن باشقا ئۆزۈمنىڭ تەجىربەمدىن ئۆتكۈزگىنىم ئىچىدىن يەلگە قارىتا يۇقۇرقىدەك دورا يېيىش بىلەن بىرگە تاپالىسا سېرتىدىن ئاق يەر يىلىنى يېغىدا مايلاپ بەرسە ئۈنۈمى بەك ياخشى بولغان، ھەتتا بەزىلەر ئاق يەر يىلىنى يېغىدا ياغلاپ بىرىش ئارقىلىقمۇ بۇ كېسەلدىن قۇتۇلغان.
تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات

[Birzat بۇنى 2011-03-04 06:44 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:

ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
قايتۇرمازەپەر[2013-10-16 06:14 PM | ]
سۈگەلنى داۋالشنىڭ ياخشى رېتسىپى بارمۇ؟
پۈتۈن بەدىنىم مۇزدەك سوغوق تەرلەيدۇ پۇ قۇلۇمدا پەقەت ماغۇرۇم يوق .
يېشى كىچىك ئوغۇللارنىڭ ياكى ئۆزىنىڭ سۈيدۈكىدە يەرلىك ئورۇننى چايقاپ بەرسە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، دېگەن گەپنى تولا ئاڭلىدىم. بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بارمۇ ياكى ھېكىم؟!
مېنىڭ بۇرۇن ياللۇغغۇمغا ياخشى دورا بارمۇدۇ؟
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم.بىرزات ئەپەندىم،سىلىدىن،ئۇتۇنىدىغىنىم.بولسا مۇرەككەپ،رىستىپلارنى،كۆپرەك،يازغان،بولسىلا،پايدىلىنىش قىمىمىتى يۇقىرى،بولغان،رىستىپلار،كۆپرەك،بولسا،سىلىگە،كوپ،رەخمەت
Birzat نىڭ
دە قالدۇرغان جاۋابىۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بولىدۇ. بۇندىن كىيىن پۇرسەت بولسىلا شۇنداق قىلىمىز!

ئىنكاس يوللاش