بىر چاغدا ئېنگىلىزچە زۇۋاندا بىر قىز : - مەن قەشقەرنى بىلمەيتتىم، تۇنجى كىلىشىم ئىدى، دوستۇم سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ قويۇپتىكەن دەپ تېلفۇن قىپتۇ. سەن خاتىرجەم بول دەپ ماشىنا كىلىشىگە ئۈلگۈرۈپ بىكەتكە ئالدىغا چىقتىم. قاراسام قاراماتاقراق كەلگەن، بىر قارىسا ھىندىستان كىنو چولپانلىرىغا ئوخشايدىغان، يەنە بىر قارىسا ياۋرۇپالىق سېرىق چاچ قىزلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر قىزىم ئىكەن. ئالدىغا بىرىپ سالاملاشتىم، ۋاي بۇ قورۇنۇش دېگەن بىزنىڭ قىزلىرىمىزدىلا بارمۇ نېمە دەپ قالدىم، شۇنداق يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ، كونا دوستىدەك سالاملىشىپ ھال سوراپ كەتتى. (ماندا بىرەر مېتىر ئارىلىق ساقلاپ جۇما يانا ). ئالدىنقى كۈنى ئۇچۇر بەرگەن دوستۇم بۇ قىزنىڭ ۋاقتىنىڭ بەك قىسلىقىنى ئېيتقان ئىدى. شۇڭا بۇ قىزدىن ۋاقىتنى ....

" /> 80خالتا دۇكىنىدا يېزىلغان خاتىرىلەر(6) - 80 خالتا بلوگى

80خالتا دۇكىنىدا يېزىلغان خاتىرىلەر(6)


ئۈرۈمچى سەنئەت شۆيەندە ئوقۇيدىغان ئامىرىكىلىق بىر قىز كەلدى. (ئۇيغۇرچە بىلمىسىمۇ ئۈگىنىۋېرىدىغان چېغى ئۇسۇل دېگەننى ) ئالدىنقى كۈنى مۇشۇ ئىزدىنىشتىكى بىر بۇرادىرىم ئۇچۇر يوللاپ شۇ قىزنىڭ ئالدىغا چىقىپ قويساڭلا دېۋىدى. بىر چاغدا ئېنگىلىزچە زۇۋاندا بىر قىز : - مەن قەشقەرنى بىلمەيتتىم، تۇنجى كىلىشىم ئىدى، دوستۇم سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ قويۇپتىكەن دەپ تېلفۇن قىپتۇ. سەن خاتىرجەم بول دەپ ماشىنا كىلىشىگە ئۈلگۈرۈپ بىكەتكە ئالدىغا چىقتىم. قاراسام قاراماتاقراق كەلگەن، بىر قارىسا ھىندىستان كىنو چولپانلىرىغا ئوخشايدىغان، يەنە بىر قارىسا ياۋرۇپالىق سېرىق چاچ قىزلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر قىزىم ئىكەن. ئالدىغا بىرىپ سالاملاشتىم، ۋاي بۇ قورۇنۇش دېگەن بىزنىڭ قىزلىرىمىزدىلا بارمۇ نېمە دەپ قالدىم، شۇنداق يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ، كونا دوستىدەك سالاملىشىپ ھال سوراپ كەتتى. (ماندا بىرەر مېتىر ئارىلىق ساقلاپ جۇما يانا ). ئالدىنقى كۈنى ئۇچۇر بەرگەن دوستۇم بۇ قىزنىڭ ۋاقتىنىڭ بەك قىسلىقىنى ئېيتقان ئىدى. شۇڭا بۇ قىزدىن ۋاقىتنى سورىسام ئاران 2:30 سائەت ۋاقتى بار ئىكەن. مۇشۇ قىسقا ۋاقىتتا قەشقەرنى كۆرۈپ ئاندىن ئايروپىلانغا ئۈلگۈرىشى كېرەك ئىكەن. سەن بۇنداق ئالدىراپ تۇرساڭ ئىككى سائەتتە ھېيتكا بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى خاسلىققا ئىگە يېڭى بازار( يەكشەنبە كۈنىدە دىھقانلارنىڭ قايناق بازىرى بولىدىغان بولغاچقا ئېنگىلىزلار يەكشەنبە بازار دەپتۇ)نى ئاران كۆرەلەيسەن دېسەم، ئوكەي، شۇمۇ يېتەرلىك، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن توكلۇق ھارۋام ( رۇسلان كۆرگەن موتۇ شۇ ) نىڭ ئارقىسىغا دۈمبەمگە چاپلاپ سومكىسىنى ئارتىپ ئارقىغا ئۇ خىنىمنى مىندۈرۈپ ھېيتكاغا ئەكەلدىم. سەن كىرىپ كۆرۈپ چىققىن مەن دۇكانغا بىرىپ كىلەي دەپ ھېيتكانىڭ ئالدىدا ئۇ خىنىمنى قويۇپ دۇكانغا كەتتىم. سومكىسىنى ئالغاچ كەتسەك دەپ ھارۋامغا قويۇپ قويغانتى، دۇكانغا كىلىپ تۇرسام تېلفۇن قىپتۇ: سومكامدا ياغلىقىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، رەنجىمەي ئەكىلىپ بىرەلەرسىزمۇ دەپ ئارىلىق 100 مېتىرمۇ كەلمەيدىغان بولغاندىكىن سومكىسىنى كۆتۈرۈپلا ئاپاردىم، (بوخچىدەك سومكا ئىكەن، خىنىم سومكىسى ئەمەس) سەنكيۇ دېگەچ ئۆزى مالتىلاپ يۈرۈپ ياغلىقىنى تاپتى. ھېيتكا مەسچىتىگە كىرىشتىن بۇرۇن دەرۋازا ئالدىدا بىر چىرايلىق بىشىنى ئوراپ بولدىمۇ دەيدۇ، ھە دەپ قويدۇم.

ئۇ قىز ھېيتگاھ مەسچىتنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ھارۋامغا يەنە ھىلىقىدەك مىنگىشىپ شەھەر كوچىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ قەدىمكى كوچا-مەھەللىلەرنىمۇ بىرەر قۇردىن كۆرسەتكەن بولدۇم. ئۇندىن كىيىن يېڭى بازارنى كىسىپ ئۆتكەچ ئايدۇرۇمغا ماڭدۇق. ( بۇ 2-3 يىل ئاۋۋالقى گەپلەر ئىدى. ئادەم دېگەن 2-3 يىل ئارىلىقتىمۇ خىلى چوڭ بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئاشۇ قىزنى ھارۋامغا مىنگەشتۈرۈپ شەھەر كچىلىرىدا ئايلاندۇرۇپ يۈرگىنىمنى ئويلىسام بىر خىل خىجىل بولۇپ قالىمەن ھازىر) مەن ئامىرىلىكىق بىلەن بۇنداق ئۇزۇن پاراڭلىشىپ باقمىغان بولغاچقا بۇ قىز بىلەن توختىماي 2 سائەتتەك پاراڭلىشىشىمىز مەن ئۈچۈن خىلى ئەھمىيەتلىك مەشىق بولۇپ قالدى. مەن شۇنىڭدىن خۇشال ئىدىم. بۇ خىنىم مەندەك سۆزمەن يېگىتنىڭ ئۆز ئىشىنى تاشلاپ ھارۋىسىغا مىندۈرۈپ شەھەرنى ئايلاندۇرغانلىقىغا ھاياجانلىنىپ زادى ئېغىزىنى باسالماي قالدى. توختىماي پاراڭ قىلاتتى، گېپى تۈگەي دەپ قالسا مەن گەپ سوراپ، ئارقىدىن ئۇ گەپ سوراپ جىق پاراڭلارنى قىلىشىپ كەتتۇق. ئۇنىڭ ئانىسى ھىندى نەسەبلىك، دادىسى گىرمان نەسەپلىك ئامىرىكانلاردىن تۇغۇلغان ئامىرىكان ئىكەنلىكى، ئامىرىكىدىكى تۇرمۇش كارتىنىسى، ماشىنىلارنىڭ ئەرزانلىقى، ھەر خىل مىللەت، دۆلەتلەردىن دوستلىرىنىڭ بارلىقى دېگەندەك پاراڭلارنى سالدى. مۇسۇلمانلاردىن دوستلىرىڭ بارمۇ دەپ سورىشىمغا، شۇنداق بىر خىل ھاياجان ئىچىدە - مىسىرلىك فاتىمە ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچى ئايال بىلەن يېقىن دوستلاردىن ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئايالنىڭ سەمىمىيتى، ئەخلاقى دېگەنلەرگە ئاجايىپ ھەيران قالىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى ئوي-پىكىر، يېشەلمىگەن تۈگۈنلەرنىڭ شۇ ئايالنىڭ سۆھبىتىدە بولۇپ يېشىلگەنلىكى، كىيىن نۇرغۇن ئىككىلىنىشلەردىن كىيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ئىيمان ئېيتقانلىقىنى دەپ كىلىپ شاھادەت كەلىمىسىنى ۋە سۈرە فاتىھە، ئىخلاس دېگەندەك قىسقا قۇرئان سۈرىلىرىنى ئوقۇپ بەردى. ماشائاللاھ، ئىسلامغا پۈتۈن كىرگىلى نىسىپ قىلسۇن، ئىيماننىڭ نۇرىدا ئىككىلا دۇنيالىق بەختىڭنى تاپقايسەن ، دېدىم. ئۇنىڭغىچە ئايدۇرمغىمۇ كىلپ قاپتىمىز. خوشلىشىپ ئۇزۇتۇپ قويدۇم.

ئىزدىنىش مۇنبىرىدە جېكنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسى:

بىرزات ھەكىم ياردەم قىلىپ قويغان قىز ئامرىكىغا يېنىپ كەلگىلى خېلى بولدى. كىلىپ ئوزۇن ئۆتمەي سان فرانسىسكودا دوكلات بەردى، نۇرغۇن ئادەم كىلىپ ئاڭلىدى ۋە كۆردى. ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۇكلىكىنى، بەك ياردەم قىلىدىغانلىغىنى، كۆرۈشمىگەن بىرسىگە بىرسى «دوستۇم بارىدۇ» دەپ قويسىمۇ ئۇنى شۇنداق ئىززەتلەپ مىھمان قىلىدىغانلىغىنى جىق سۆزلىدى. نۇرغۇن ئادەملەر جىق ھەيران قالدى ۋە بىزنىمۇ ئاشۇنداق ئادەملەر بار يەرگە ئاپارساڭ، بىز بارساقمۇ ساڭا شۇنداق قىلغاندەك كۈتۈۋېلىشلاردا بۇلامدۇ دەپ سورىدى. ئۆتكەن يىلى يازدا سان فرانسىسكوغا بارسام دەل ئۇ ئۇيۇن قويىدىغان بىر كىچىلىككە ئۈلگۈرۈپ بېرىپتىكەنمەن، ئۇ ئۆزبېكىستاننىڭ داڭلىق داپچىسى ئابباسۇپقا داپ چالدۇرۇپ «ئۈزۈم ئۇسۇلى» ئوينىدى. كىچىلىكنىڭ بىلىتى تېخى ھەپتە بۇرۇن تۈگەپ كىتىپ بۇلاپتىكەن، تىياتىرخانىغا بېرىپ بىلەتنى قايتۇرغىلى كەلگەن بىرسىدىن ئاران بىر بىلەتكە ئىرىشتىم، بىلەتنى 40 نەچچە دوللارغا ئالدىم. بۇ ھازىرغىچە مەن ئامرىكىدا ئويۇن كۆرەپ ئېلىپ باققان ئەڭ قىممەت بىلەت. شۇنداق قىلىپ ئۇ قارىۋاش قىز ئامرىكىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئۇسۇلىنىڭ ئاكتىپ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلاندى.
__________________________________________

 

ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئايتۇغ ئىسىملىك تورداشنىڭ <<تەسىرات سۆزلەشمەمدۇق>> دېگەن تېمىسىغا يازغان ئىنكاسىم ئىدى. بلوگىمغا قىستۇرۋالاي دەپ ئەكىلىۋالدىم.




[Birzat بۇنى 2011-11-02 09:31 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمائۇيغۇربالىغ[2011-11-03 07:28 PM | del]
ھە ،مەن قىستاپ يازدۇرغان ئىنكاستە بۇ ،
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.