ۋاپادارىم(ئەيساجان) غا بىلەت تاشلاڭ!!!
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-04-15
تورداشلارغا شۇنى بىلدۈرمىزكى ، تور دۇنياسىدىكى مېھىر – شەپقەت ئەلچىسى، ‹‹ بىر سوم پىلانى ›› نىڭ مەسئۇلى،بىر مەزگىل ‹‹ ئەبجەش چۈش ›› كۆرۈپ داڭقى چىققان ‹‹ مەجنۇن ››، تورداشلارغا تونۇلغان ساتېرىك شائىر ۋاپادارىم ( ئەيساجان نىزامىدىن ) شەرەپ بىلەن 10 – نۆۋەتلىك ‹‹ شىنجاڭ 4 – ماي مېدالى ›› مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. مەزكۇر مۇكاپات شىنجاڭ ياشلىرى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ بولۇپ، ھەر ساھەدىن خىللانغان دەۋر روھىغا ئىگە مۇنەۋۋەر ياشلارغا بېرىلىدۇ. نۆۋەتتە، مەزكۇر باھالاش بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ۋاپادارىم بىلەن بىرگە جەمئىي 30 نەپەر ياش نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. شۇ تاپتا، بېلەت تاشلاش ناھايىتى كەسكىن داۋام قىلماقتا. كەڭ تورداشلارنى تور دۇنيايىمىزدىن بالقىغان بۇ چولپان توردىشىمىزغا قىزغىنلىق بىلەن بېلەت تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز .
تاشلاش ئوبيېكتى: 21 – نومۇرلۇق ئەيساجان نىزامىدىن ۋە ئۆزىڭىز خالىغان باشقا ياشلار.
تورداشلارنىڭ مەزكۇر تېمىنى باشقا مۇنبەر، بلوگ، مىكرو بلوگلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىشىنى قارشى ئالىمىز!
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: مىھر-مۇھەببەت نۇرلىرى
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: مىھر-مۇھەببەت نۇرلىرى
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
قايتۇرماdilnar[2011-04-20 10:01 PM | ]
ۋاي بۇ ئەيساجانغا كۈندە 20 دىن بىلەت تاشلاۋاتىمەن.ئەگەر تاللىنىپ قالسا ماڭا بىرەر كىتاپ سوۋغا قىلمىسا ئۇنىمايمەن.
ئىنكاس يوللاش