80خالتا دۇكىنىمىزغا سەئۇدىي ئەرەبىستان، ئىران، تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق ئەللەردىكى ئەڭ ئېسىل ھەسەللەر كىرگۈزۈلدى. ئۇندىن باشقا مەككە مۇكەررەمەدىكى مۇقەددەس بۇلاقنىڭ زەمزەم سۈيى بار. يىراقتا بولسىڭىز ئەۋەتىمىز.

مىسىر ئالى ھەسەل قۇتىسىنىڭ سىرتىغا شۇنداق يېزىلغان: ئەگەر بۇ ھەسەل تەركىۋىدە بىر پىرسەنت غەيرى نەرسىلەر ئارىلىشىپ قالغانلىقىنى بايقاپ قالسىڭىز مىڭ ئامىرىكا دوللىرى مۇكاپاتقا ئىرىشىسىز.

بۇ ھەسەل ئىران پىستە چېچىگى، تۆگە كۆزى(بىر خىل ياڭاق) چېچىگى، بەركەت ئۇرۇقى چېچىگى، مىسىر ئادەمگىياھ چېچىگى قاتارلىق ئون خىل ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدە ھەسەل ھەرىسىنى يايلىتىپ يېغىۋىلىنغان.

 بۇ ھەقتە تولۇق ئۇچۇرغا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز تەپسىلاتنى كۆرگەيسىز!

" /> تۈركىيە، ئىران، مىسىر، سەئۇدىي ئەرەبىستان ئالى ھەسەللىرى ۋە زەمزەم - 80 خالتا بلوگى

تۈركىيە، ئىران، مىسىر، سەئۇدىي ئەرەبىستان ئالى ھەسەللىرى ۋە زەمزەم


80خالتا دۇكىنىمىزغا سەئۇدىي ئەرەبىستان، ئىران، تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق ئەللەردىكى ئەڭ ئېسىل ھەسەللەر كىرگۈزۈلدى. ئۇندىن باشقا مەككە مۇكەررەمەدىكى مۇقەددەس بۇلاقنىڭ زەمزەم سۈيى بار. يېراقتا بولسىڭىز ئەۋەتىمىز. مەنزىلىمىز: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا. ھېيتگاھ مەسچىت نور بېشى تەرەپتىكى يان ئىشىكى ئۇدۇلىدا.
تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن:13565662787  ، 15309982787
باش ئۇستام: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)

 

 

 

تۆۋەندىكىسى: تالا خورما مۇرابباسى . قاچىلىنىشى: 500گىرام. باھاسى: 55 يۈئەن.

 

 تۆۋەندىكىسى كىمى خورما مۇرابباسى. قاچىلىنىشى 500گىرام. باھاسى 55 يۈئەن.

 

 تۆۋەندىكىسى: ئىران 100% لىك ساپ ھەسەل. قاچىلىنىشى: 1000 گىرام. باھاسى: 175 يۈئەن.

 

 تۆۋەندىكىسى : مىسىر ئالاھىدە ساپ ھەسىلى . قاچىلىنىشى:  470 گىرام. باھاسى: 60يۈئەن.

 

 

 

تۆۋەندىكىسى : سەئۇدىي ئەرەبىستان شىپا ھەسىلى. قاچىلىنىشى : 125 گىراملىق قۇتىسى - 80يۈئەن. 250 گىراملىق بىر قۇتىسى - 150 يۈئەن.

 

تۆۋەندىكىسى تۈركىيە ھەسىلى. قاچىلىنىشى: 760گىرام. باھاسى 150 يۈئەن.

 

زەمزەم بىر كىلوگىرام. باھاسى: 60 يۈئەن.

 

100گىرام قاچىلانغان زەمزەم. باھاسى: 12 يۈئەن.

250 گىرام قاچىلانغان زەمزەم. باھاسى:

تۆۋەندە يەرلىك ھەر خىل چېچەك ھەىسەللىرىمىز تونۇشتۇرىلىدۇ:

 ھەسەل دېگەننى زاۋۇتتا ئىشلىگىلى بولمىغاندىكىن ھەر يىلى چېچەك پەسلىدە ھەسەل ھەرىلىرىنى يايلىتىپ ھەسەل يېغىدىغان ئىش ئىكەن. ھەسەل ھەرە كۆنىكىگە يېغىلىپ پىشىپ تەييار بولغۇچە يەنە 40 كۈن ۋاقىت ئۆتىدۇ. ھەسەل كۆنەكتە قانچە ئۇزۇن تۇرسا ھەسەل مىقدارى ئازلاپ كەتكەن بىلەن سۇ مىقدارى ھاۋاغا ئۆرلەپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشىدۇ ھەم ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ. كۆنەكتىن ئالدىراپ ئىلىنغان ھەسەل مىقدارى كۆپ، ئۆزى سۈيۇق، خام بولىدۇ. بۇ ھەسەلنىڭ سۇ مىقدارى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ.
ساپ ھەسەللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسلىقى بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلاش، ئەزالارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ھەم ئوزۇقلۇق مىنىرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەپ ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان، چىرايىنى نۇرلۇق قىلىپ كەيپىياتنى تىتكلەشتۈرىدىغان  بولسىمۇ چېچەك تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. داۋاملىق ھەسەل ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر بۇ نۇقتىغا دېققەت قىلىسا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ.
80 خالتا دۇكىنىمىزدا ھەسەل ھەرىسى ئۆزى تەبئىي گۈل-چېچەكلەردەن پىششىقلاپ ئىشلەپ چىققان، ئادەملەرنىڭ <<قولى >> تەگمىگەن ، ھەسەل ھەرىسىنىڭ كۆنىكىدە ياخشى پىشىپ چىققان ئېسىل ھەسەللەر بار. ھەر ۋاقىت ساغلاملىقىڭىزنى ئاسىراپ، چىرايىڭىزنى نۇرلۇق، روھىڭىزنى تېتىك تۇتۇشنى خالىسىڭىز ئىشەنچلىك ساپ ھەسەللىرىمىزدىن ئىچىپ قويۇڭ! يىراقتا بولسىڭىز ئەۋەتىمىز.

تۆۋەندە دۇكىنىمىزدىكى ھەسەل تۈرلىرى تونۇشتۇرلىدۇ:

تەبئىي قۇۋۋەت دورىلىق ئۆسۈمۈلك چېچەكلىرىدىن ئىلىنغان ئالىي ھەسەل كۆنەكتە ۋايىغا يېتىپ پىشىپ تەييار بولدى. 3 ئايدىن بىرى بىزگە دورىلىق ئالىي ھەسەل زاكاس قىلىۋاتقان خىرىدارلار بىز بىلەن ئالاقىلاشقايسىز!


بۇلتۇر دۇكىنىمىزدا ئۇ ھەسەل پىلانىمىزدىكىدىن 3 ئاي بالدۇر تۈگەپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن شۇ ھەسەلنى ئىچىۋاتقانلارنىڭ ئىھتىياجىغا ئۆزىرىمىزنى بايان قىلغان ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئەنە شۇ قۇۋۋەت دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرى ئېچىلىش پەيتىگىچە ساقلاشقا توغرا كەلدى. ئۆتكەن يىلى خىرىدارلىرىمىزنىڭ ھەسەلنى ئىستىمال قىلغاندىن كىيىنكى ئىنكاسى تۆۋەندىكىچە بولدى:
1. ئاشقازان ئاستى بېزى خىزمىتىنى زور دەرجىدە ياخشىلاپ دىئابىت بىمارلىرىنىڭ قۇۋۋەت ساقلاشتىكى ئىشەنچلىك ئوزۇقلىقى بولۇپ قالغان.
2. قاننى جانلاندۇرۇپ يۈرەك، مېڭىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان يېتىشمەسلىك ۋە شۇ سەۋەبتىن كىلىپ چىققان روھىي كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىش، زىھنى قۇۋۋىتى چىكىنىپ ئۇنتىغاق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەرگە ئالاھىدە ماس كەلگەن.
3. سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى بىمارلىرىدىكى ئومومىي بەدەن ئاجىزلاش-جۈملىدىن بۆرەك، پەي-مۇسكۇللار ھەم مېڭىنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان مەنى تېز كېتىش، سۈيدۈك تامچىلاش، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بىمارلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلىقى بولۇپ قالغان.
4. ئاياللاردا ئىچكى ئاجرالما خىزمىتىنى ياخشىلاپ تۇخۇمدان، بالياتقۇنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ روھىي كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، يۈرەك-مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، كەم ماغدۇرلۇق، ئادەت-قالايمىقان بولۇش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بەرگەن .
5.ئۆپكە تىبېركوليۇز ، زېققە، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدىكى دەم سىقىلىش، يۆتەل، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلاردا ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ بەلغەمنى تازىلاپ ئەزالار خىزمىتىنى ياخشىلىغان.

ئۆز سۆزىمىز:

ھەسەل ھەرىنى يايلىتىدىغان دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن كۆرە ئەمەلىي تەجىربىمىزگە قارىغاندا بۇ دورىلىق ئالىي ھەسەل: ئومومىي بەدەننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلىغان كىشىلەر: دىئابىت كېسەللىرى، بۆرەك، نېرۋا ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بولغان مەنىي تېز كېتىش،  ئاياللاردا ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىشتىن بولغان ئادەت مىقدارى ئازلاپ كېتىش، قەۋزىيەت، چىرايى نۇرسىز بولۇش قاتارلىقلار؛ زېققە قاتارلىق نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغان بىمارلار؛ مېڭە ئاجىزلىقتىن بولغان ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتىغاقلىق قاتارلىقلارغا كۆڭۈلدىكىدەك ئېسىل ئوزۇقلۇق بولالايدۇ. جۈملىدىن تۇرمۇش، خىزمەت بېسىمى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر كىشىلەرنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلاشتىكى ئىشەنچلىك ئوزۇقلۇق بولالايدۇ. ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 70 يۈئەن
100% ساپ جىگدە چېچىگى ھەسىلى؛ بىر قانچە يىللىق ئەمەلىي تەجىربىمىزدىن قارىغاندا جېگدە چېچىگى ھەسىلىنىڭ ئوزۇقلۇق، قۇۋۋەت تەركىبى يۇقۇرى بولۇپ ئاساسلىقى بۆرەك، ئاشقازان، بالياتقۇ سوۋۇپ كېتىشتىن بولغان ئاجىزلىقلار، نېرۋا ئاجىزلىقى ، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەرنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ. (بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ) ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 50 يۈئەن
  بادام-ئالما چېچىگى ئارلاشما ھەسىلى؛ يۈرەك، مېڭىگە قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك، ئۇيقۇسىزلىق، ھەزىم ئاجىزلىقى، ئاشقازان- ئۆپكە ، جىگەر خىزمىتى ئاجىزلاشقان، قان ئازلىق سەۋەبىدىن بولغان چىرايى نۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئېسىل ئوزۇقلىقى بولىدۇ. (بالىلاردىكى يۆتەل، ئىشتىھاسىزلىق ئۈچۈنمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ) ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 50 يۈئەن

باشقا چېچەك ھەسىلى ئارىلاشمىغان ئالىي دەرىجىلىق يانتاق چېچىگى ھەسىلى، ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى: ئاشقازان -ئۈچەيدىكى يەللەرنى تارقىتىش، زەھەر تازىلاش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، گېمىروي(بوۋاسىر) غا مەنپەئەت قىلىش، چىراينى سۈزۈش، ئىچكى ئاجرالمىلار توسۇلۇش سەۋەبلىك ھەيز ئاغرىتىپ كىلىش قاتارلىقلاردا ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدۇ. ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 40 يۈئەن

چۈچۈكبۇيا ھەسىلى، شىپالىق خۇسۇسىيىتى: ئاساسلىق ئۆپكە-نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدىن زېققە، كاناي ياللۇقى، ئۆپكە تېبوركوليۇز، ئۆپكە ياللۇقى قاتارلىقلاردىكى دەم سېقىلىش، يۆتىلىش، بەلغەم راۋان بولماسلىق قاتارلىقلاردا ئىستىمال قىلىستا كۆپ مەنپەئەتلىكتۇر. ئۇندىن باشقا تولا زۇكام بولىدىغان، بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچى ئاجىزلاشقان قېرى-ياش ، ئەر-ئايال ھەم كىچىك باللانىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ. ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 50 يۈئەن

دۇكىنىمىزدىكى باشقا ھەسەل تۈرلىرى ھەم مەھسۇلاتلار بىلەن تونۇشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىسقا مەرھەمەت قىلىڭ!

80خالتا كېرەك چاي، دورا-دەرمەك، ھەسەل دۇكىنى


مەنزىلىمىز: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا. ھېيتگاھ مەسچىت نور بېشى تەرەپتىكى يان ئىشىكى ئۇدۇلىدا.
تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن:13565662787  ، 15309982787
باش ئۇستام: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)



 

 

سودا-سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرى:

 6222023012001797796 麦麦吐尔逊祖农

 

مىسىر ئالى ھەسەل قۇتىسىنىڭ سىرتىغا شۇنداق يېزىلغان: ئەگەر بۇ ھەسەل تەركىۋىدە بىر پىرسەنت غەيرى نەرسىلەر ئارىلىشىپ قالغانلىقىنى بايقاپ قالسىڭىز مىڭ ئامىرىكا دوللىرى مۇكاپاتقا ئىرىشىسىز.

بۇ ھەسەل ئىران پىستە چېچىگى، تۆگە كۆزى(بىر خىل ياڭاق) چېچىگى، بەركەت ئۇرۇقى چېچىگى، مىسىر ئادەمگىياھ چېچىگى قاتارلىق ئون خىل ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدە ھەسەل ھەرىسىنى يايلىتىپ يېغىۋىلىنغان.




[Birzat بۇنى 2011-05-04 09:37 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 19 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmuhajir.886[2011-08-07 02:11 PM | del]
قەشقەرگەبارساق كۈرەشكىلى بۇلارمۇ سىلى بىلەن (مۇھەممەت  بىرزات )ئەپەندى                          
سىلىنىڭ (فارۇق)تەخللۇسىنى قۇللىنىشلىرىنى ئۈمۈت قىلىمەن
回复قايتۇرماoygak000[2011-07-11 05:10 PM | del]
تەقۋا مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ ئىمتىنان ھەسەللىرى شۇكەنغۇ؟
回复قايتۇرماabdukeyyum[2011-07-09 01:14 AM | del]
"ھەكىم ئۆزى بىژ قوللوق  باققان ھەرىلەر ئوخشىمامدا ".     "لەغمەن بېرىپ باقسا مەنتەڭ چىقىرىپ قايلاپ ئولتۇرمامدەۋە بېگىم!".      "ئاۋۇ چەتئەلنىڭ ھەرىلىرىنى پولۇ-لەغمەن،قېتىق-سۈت بېرىپ باقامدۇ نېمە؟".
مەن قارامايدىن بولۇرمەن.يۇقارقى ئىنكاسلار ئانچە مۇۋاپىق ئەمەستەك تۇرامدۇ-نېمە؟.   مەن ئالدىنقى ئايدا بىرزات ئەپەندىم دىن 4كىلو ھەسەل ئالغان ئىدىم.  قارامايغا 40كوي كىرابىلەن كېلىدىكەن.قارامايدىكى  كىلوسى 30-40كويلۇق ھەسەللەردىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئىكەن. سۈپىتىدىن بەك رازى بولدۇم.  ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىز تەمىنى تېتىپ كۆرۇپ ئاندىن ئىنكاس قايتۇرساق ياخشى بولۇدىغان ئوخشايدۇ-_جۇما
回复قايتۇرماabdukeyyum[2011-07-09 00:52 AM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم.مېنىڭ تۆۋەندىكى بىر سۇئالىمغا ئېغىركۆرمەي ۋاقىت چىقىرىپ جاۋاپ بىرىشلىرىنى بەكمۇ ئۈمىت قىلاتتىم : ياڭاق مېغىزى،ئۈرۈك مېغىزى،بادام مېغىزىنىڭ نىپىز پوستىنى سويماي  ئىستىمال قىلغان بىلەن،سويۇۋىتىپ ئىستىمال قىلغاننىڭ پەرقى بارمۇ؟  
回复قايتۇرماsalih[2011-06-28 08:16 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئۈرۈمچىدە سېتىش ئورنى يوقمۇ؟  بولسا قانداق ئالاقىلىشىمىز؟
回复قايتۇرماyoloqi[2011-05-22 09:36 PM | del]
ھەسەلنى قايسى ۋاقىتتا يىسە ياخشىراق ؟   بەدەن ساغلام ...
回复قايتۇرماGUMAOGLI[2011-05-12 08:26 PM | del]
مەن ئويلاي م  ھەسەل نىڭ خۇسىسى تى  پەيىخەبىرىمىز ياىشى چۇشەندۇرگەن  مەسلەن پەيخەمبەرلەر تىبابىتىدىگەن كىتاپ نى كورسكلا بىلىمىز  يەنە زەم زەم  نىڭ ئېغىر كىسىلگە نايايىتى ياخشى شىپا بولىدىغان لىقىنى دىمىسەمۇ بىلىسىلار بەلكىم   بىرزات  ئەپەندىم نىڭ مۇشۇھەقتە ياخشىراق چۇشەنچە بىرىشىنى ئومۇت قىلىمەن  خۇداغا ئامانەت
回复قايتۇرماvjma[2011-04-09 07:17 PM | del]
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، بىرزات ئەپەندى ئاللا ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلغاي . مەن دوكىنىڭلاردىن داغ چۈشۈرۈش مەلمىھى (سەپكۈنگىمۇ ئۈنۈمى بولىدىغان قىلىپ تەڭشەشكە بولامدۇ)، يىلىم (تۇغۇتتىن كېيىنكى چاچ چۈشۈشنى توختۇتۇشقا پايدىسى بولامدۇ ياكى سىز تەۋسىيە قىلىدىغان باشقا مەھسۇلاتلار بارمۇ ؟)سۈت كۆپەيدىغان چايلىق ھەم شۇنداقلا مېنىڭ پۇتۇمدىكى تەمرەتكىگە دورا ئالاي دىگەن. {مەن ھامىلدار بولغىلى توققۇز ئاي بولدى ، پۇت بارماقلىرىمنىڭ ئارىسىنىڭ تېرىسى سويۇلۇپ قىچىشىپ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ ، غەرىب تىبابىتى بويىچە داۋالانغان بولساممۇ دورىلارنى توختاتساملا يەنە قوزغۇلۇپ قالىدۇ ، يىلتىزىدىن ساقايمىدى، مۇشۇنداق بولۇپ قالغىلى ئىككى ئۈچ يىلچە بولۇپ قالغان ، مىللىي تىبابەت دورىلىرىدىن مەرگەنسۇپ بىلەنمۇ يويۇپ باقتىم نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش بەك ئارامسىزلىنىپ كەتتىم، مۇمكىن بولسا مىللىي تىبابەتنىڭ ئۈنۈملۈكراق دورىسى بولسا سېتىۋالسام بوپتىكەن. ئادەتتە پۇتۇم بەك قۇرغاق تۇرىدۇ ، پەقەت بارماقلىرىمنىڭ ئارىسىلا سەل نەم ، تېرىسى سويۇلىدۇ، بەك قىچىشىدۇ، غەرىبچە دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇنى脚气病دەيدىكەن ئاسان ساقايمايدىكەن ، مۇمكىن بولسا قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ ماڭا بىر دورا تەييارلاپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن}يوقارقى دورا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالسام قانچە پۇل ئەۋەتىپ بېرىمەن ؟بۇ مېنىڭ ئېلخەت ئادرىسىم مۇمكىن بولسا سۆز قالدۇرۇپ قويسىڭىز ، جاۋابىڭىزغا ئاساسەن پۇل سېلىپ بەرسەم . xamallar@yahoo.cnرەخمەت سىزگە ئاللا ئەجرىڭىزنى بېرەر .
回复قايتۇرماabdikeyyom[2011-03-26 05:40 PM | del]
مەن قارامايدىن بولۇرمەن مىسىرنىڭ ھەسىلىنى ئالماقچى ئىدم .كىراسى قانداق بولۇدىغاندۇ ؟جاۋاپ بېرەرسىزمۇ ؟قانداق ئالاقىلىشىشنى بىلمەي ، ئىنكاس بېتىگە يازدىم .
回复قايتۇرماnazira[2011-03-22 10:05 PM | del]
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم   مىسىرنىڭ ئىمتىنان ھەسەللىرى ھەقىقەتەنمۇ بەك ياخشى . ۋەتەنگە بۇنچە تىز بارا دىمەپتىمەن  .
回复قايتۇرماtarim88[2011-03-19 10:28 AM | del]
بۇ ھەسەلنى يەپ كورۇپ باقسا بولغدەك
回复قايتۇرماromal[2011-03-16 06:35 PM | del]
ئاياللار كۆپ ھورداققا چۈشسە تۇغماس بولۇپ قالىدۇ دەيدۇ بۇ گەپ راستمۇ ؟بىر توردىشىمىز سورىغاندەك ھۆللىگى ئېشىپ كەتسە ھورداققا چۈشسە بەدەننىڭ ھۆللىكى قۇرامدۇ؟ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم خاپا بۇلماي مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا.
回复قايتۇرماHhrid[2011-03-15 07:55 PM | del]
ئىسىل، ئوبدان مەھسۇلات بولسا مەيلى ئەمەسمۇ كىملا ساتسا ئوخشاش، ئىستىمالچى خىرىدارلار ئىشەنچلىك جايدىن مال سىتىۋېلىشنى خالايدۇ. سىز دېگەن ئۇ ھاجىملار دۇكاندا ساتقان بولسا مۇنۇ تېۋىپ تور بېتىگە چىقىرىپ يېراقتىكى خىرىدارلىرىغىمۇ ئەۋەتىپ بىرىدغانلىقىنى دەپتۇ. بۇمۇ بىر ھېسابتا قولايلىق ئىش ئىكەن. تېجارەت دېگەننىڭ بىرلا قىلىپى يوق. ھازىر زامان تەرەققى قىلدى، كىشىلەرنىڭ ئسىتىمال سەۋيەسى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. مەنمۇ 80خالتا دۇكىنىڭ ئاكتىپ خىرىدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ تېۋىپنىڭ ئوبدان ئىسىل مەھسۇلاتلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن. دۇكىنىدا قانچە پۇل بولسا يىراققىمۇ شۇنداق باھادا ئەۋەتىدىكەن. ھەم ئالدىغا كىرگەن خىرىدارغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسا يېراقتىكىلەرمۇ شۇنداق سەمىمى ئىكەن. ئىشەنچنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئىكەن. بىرزات ھەكىم 80خالتا بلوگىدىكى تورداشلارنىڭ ئوبرازىغا لايىق ئىش قىلىدىكەن. بەزىلەر سەل كۆرەلمەسلىك قىلمىساڭلاركەن.
回复قايتۇرماtenha[2011-03-15 12:00 AM | del]
قەشقەر دىگەن ئاجايىپ يەر جىما ،بۇرۇن شىنجاڭدا قەشقەردە زەم زەم ساتىدىكەن دەپ ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق ،2يىلنىڭ ئالدىدىن تارتىپ ھىتكاھنىڭ يان تەرىپىدە مەلۇم بىر ھاججىم سالىھ سەئۇدىي ئەرەبىستان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى دەپ بىر دۇككان ئىچىپ زەم زەم چىقىرىۋىدى ،سىتىلىشى ياخشى بولىۋىدى ،باشقىلارنىڭ كۆزىگە ئوت كۆرۈدىمىكىن تاڭ .؟ئەمدى شۇ قاتاردا 5    6  دۇككان پەيدا بوپتۇ ئەرەبىستان مەھسۇلاتلىرى ساتىمىز دەپ ۋىۋىسكا ئىسىپ ،قارىسام ماۋۇ تىۋېپ ئەپەندىممۇ ،دۇكىنىغا سىلىپ توردا تەشۋىق قىلغىلى تۇرۇپتۇ ......

بىر ئادەم 5   10   كوي تىپىپ بىر ئىشنى قولاشتۇرسىلا نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ دوراپ باققۇسى كىلدىغان يىرى ئاجايىپ ...بىزنىڭ مانا مۇشۇ يىرىمىز قالتىسدە ....
回复قايتۇرماpormam[2011-03-14 05:11 PM | del]
مەن ھەسەلنې ياخشې كورېمەن
回复قايتۇرماHetwahunum[2011-03-13 05:45 PM | del]
ھەكىم ئۆزى بىژ قوللوق  باققان ھەرىلەر ئوخشىمامدا
回复قايتۇرماPasiban[2011-03-13 00:51 AM | del]
لەغمەن بېرىپ باقسا مەنتەڭ چىقىرىپ قايلاپ ئولتۇرمامدەۋە بېگىم!
回复قايتۇرماuyghurbeg[2011-03-13 00:20 AM | del]
ئاۋۇ چەتئەلنىڭ ھەرىلىرىنى پولۇ-لەغمەن،قېتىق-سۈت بېرىپ باقامدۇ نېمە؟
回复قايتۇرماPasiban[2011-03-12 06:42 PM | del]
ئۆھۆ! ئۆھۆ! سۈرئەت تىز! باللا شاش!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.