تەكلىماكاننىڭ بىر بۇرجىكىدە ياشايدىغان پېقىر-كەمبەغەل بىر كىشىنىڭ تەن ساغلاملىقى باياشات، مولچىلىق شەھەرلەردە ياشىغۇچى، پۇلغا سىتىۋالغىلى بولىدىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەر قانداقىغا ئىرىشەلەيدىغان ئاق ياقىلىق بايدىن ئۈستۈن بولىشىمۇ مومكىن. بۇ باي ساقايماس بىر كېسەلگە دۇچار بولسا، ھەر قانداق قىممەت دورىنى، ھەر قانداق ئۇستا دوختۇرنى سېتىۋالالىسىمۇ ساغلام بىر ھاياتقا ئىرىشەلمىسە ئىلكىدىكى مال-دۇنياسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە تەسەللى ئاتا قىلالماسلىقى مومكىن. بۇنىڭغا قارشى ھالدا كەمبەغەل ئىنسانلار توپى ئىچىدىن بىرسى ئېغىر بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان بولسا ئۇنىڭ پۇلى بولماسلىقى سەۋەبلىك كېسىلىگە چارە قىلالماي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىشىمۇ مومكىن.

" /> خىيالىمدىكى كۈندۈلۈك تۇرمۇش ئادەتلىرىم - 80 خالتا بلوگى

خىيالىمدىكى كۈندۈلۈك تۇرمۇش ئادەتلىرىم


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم، ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پۇل بىلەن ساغلاملىق بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. ساغلام بولمىسا پۇلنىڭمۇ تايىنى چاغلىق بولاپ قالىدىغان ئىش ئىكەن. مۇشۇ خۇدايىم بەرگەن پۇلنى خەجلەپ بىر ئۆمۈر ساغلام ياشايدىغان چارىنى كۆرسىتىپ قويغان بولسىلا ھەممىمىزگە پايدىسى تېگەمتىكى دەيمەن. ئاڭلىسام تېۋىپ-ھەكىملەرنىڭ تېنى ساق بولامىش. ئۆزلىرى مۇشۇ ساقلىقنى قوغداش ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا!!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
پۇللا بولسا ساقلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ دېيىش بىر تەرەپلىمە قاراش. 

تەكلىماكاننىڭ بىر بۇرجىكىدە ياشايدىغان پېقىر-كەمبەغەل بىر كىشىنىڭ تەن ساغلاملىقى باياشات، مولچىلىق شەھەرلەردە ياشىغۇچى، پۇلغا سىتىۋالغىلى بولىدىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەر قانداقىغا ئىرىشەلەيدىغان ئاق ياقىلىق بايدىن ئۈستۈن بولىشىمۇ مومكىن. بۇ باي ساقايماس بىر كېسەلگە دۇچار بولسا، ھەر قانداق قىممەت دورىنى، ھەر قانداق ئۇستا دوختۇرنى سېتىۋالالىسىمۇ ساغلام بىر ھاياتقا ئىرىشەلمىسە ئىلكىدىكى مال-دۇنياسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە تەسەللى ئاتا قىلالماسلىقى مومكىن. بۇنىڭغا قارشى ھالدا كەمبەغەل ئىنسانلار توپى ئىچىدىن بىرسى ئېغىر بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان بولسا ئۇنىڭ پۇلى بولماسلىقى سەۋەبلىك كېسىلىگە چارە قىلالماي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىشىمۇ مومكىن.

 بۇ يەردە دېمەكچى بولغان گەپ ساغلاملىق ئۈچۈن پۇلمۇ كېرەك ھەم ساپا، ئاڭ سەۋيەمۇ كىرەك بولىدۇ. كېسەل بولۇشتىن ئاۋۋال ئالدىنى ئىلىش چارىلىرى يەنى ساغلاملىقنى ئاسىراش كېرەك. ساقلىق ئۈچۈن ھەممىدىن موھىم بولغىنى مىزاجغا مۇۋاپىق غىزالىنىش ئادىتى ۋە توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتىدۇر. بۇ ھەقتە خەلقىمىزنىڭ بىلىش ۋە ئەمەل قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرغا چىققان ئەمەلىي تەجىربىلىرىنىڭ يەكۈنلىرى تۇرۇپتۇ.
مېنىڭ تۇرمۇش ئادىتىم ھەققىدە سوراپ قاپلا، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ تۇرمۇش ئادىتىم سىلىگە ۋە باشقىلارغا ئۈلگە بولغۇدەك ئەمەس. لىكىن مەن ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان- خىيالىمدىكى تۇرمۇش ئادىتىم ھەققىدە سۆزلەپ بەرسەم بولىدۇ :
خىيالىمدا ساغلاملىقىم ئۈچۈن شۇنداق قىلىشىم كېرەك: كۈندە سەھەردە ئويغۇنۇپلا ئېغىناپ ياتماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىمەن. تاھارەت ئىلىپ، چىشىمنى چوتكىلاپ بولۇپ بىر بۇردا نان يېگەچ بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناق سۇغا بىر-ئىككى قۇشۇق ھەسەل سىلىپ ئىرىتىپ ئىچىۋېتىپ ئولتۇرۇپ يېرىم سائەت ئەتراپىدا قۇرئان ئوقۇپ يېڭى بىر كۈن ئۈچۈن روھىي كەيپىياتىمنى تەڭشەيمەن. ئادىمىيلىكىمگە قۇۋۋەت تولۇقلايمەن. ئاندىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆيۈم بىلەن ئارلىقى تەخمىنەن بىر يېرىم كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ھېيتگاھ جامەسىگە پىيادە بىرىپ ناماز بومداتنى جامائەت بىلەن ئوقۇيمەن. بومدات نامىزىدا ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى، قەشقەر بۇلبۇلى دەپ نام ئالغان خۇش ئاۋاز ئابدۇقادىر قارىھاجىمنىڭ مۇڭلۇق قىرائىتىنى ئاڭلاش كۆڭۈللەرنى لەرزىگە سالىدۇ. قەلبىمدىكى كېسەللەرنى، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى يۇيۇۋەتكەندەك يەڭگىللەپ كېتىمەن. نامازدىن يېنىپ ئۆيگە يەنە پىيادە قايتىپ كىلىمەن. ئايالىم ناشتىلىق تەييارلىغۇچە بولغان ئارىلىقتا قورۇ ئىچىدىكى مەيداندا قوشنام بىلەن بەدەن تەرلىگۈدەك پەي توپ ئوينايمەن. قايىتىپ كىرىپ تەرلىرىمنى سۈرۈتۈپ كىيىم ئالماشتۇرۇپ روھلۇق كەيپىياتتا ئولتۇرۇپ بالىلىرىم بىلەن ناشتا قىلىمەن. ناشتىلىقتا ئىككى تال ياڭاق مېغىزى، 10 تال بادام، 15-20 تالچە ئاپتاۋى ئۈزۈم چوقۇم بولىشى كېرەك. بولمىغاندا بادام، ياڭاق، نوقۇت، كۈنجۈت، ئۈرۈك مېغىزى، ساپ ھەسەللەرنى يۇغۇرۇپ ياساپ قويغان سوقماقتىن لىق بىر قوشۇق يەيمەن. ئاندىن سېڭىپ پىشقان نان بىلەن قايناقسۇ ياكى ھەسەل سۈيى بىلەن قوشۇپ غىزالىنىمەن. بالىلىرىمنىڭمۇ ئوبدان ناشتا قىلىشى ئۈچۈن خۇشال كەيپىيات ھازىرلايمەن. ئاندىن كېچىدىن تاقاق تۇرغان تېلفۇننى ئېچىۋىتىپ بىسمىللا بىلەن بوسۇغىدىن ئاتلاپ ئىشقا ماڭىمەن. ئالاھىدە زۆرۈر ئىشىم بولمىسىلا دۇكانغا پىيادە بارىمەن. دۇكاندا كۈچەپ كەتكۈدەك ئىش يوق. كۆپۈنچە ئىشلارنى شاگىرتلار قىلىدۇ. دۇكاندا خىرىدار بولسا سودا-سېتىق قىلىپ قىلغاچ تورنى ئىچىپ قويىمەن. ئالدىراش بولساممۇ كىچىك تەرەت قىستىغۇدەك بولسا ۋاقتىدا ھاجەتكە بارىمەن. ئاشخانىلاردىن تاماق يېمەيمەن. ئۆيدە ئېتىلگەن چۈشلۈك تاماقنى خوتۇن بالىلىرىم بىلەن ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ يەيمەن. كۆپۈنچە ھاللاردا چۈشلۈك تاماقنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى خالايمەن. تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن تاتلىق بىر ئۇيقۇ كىلىدۇ، لىكىن مەن ئۇيقۇنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ يەڭگىل قەدەملەر بىلەن پىشىن نامىزى ئۈچۈن تاھارەت ئالغىلى ماڭىمەن. يازنىڭ ئۇزۇن كۈنلىرىدە پىشىندىن كىيىن يىرىم سائەت كۆز يۇمۇۋالىمەن. قىش، ئەتىياز كۈنلىرى ئىمكان بار كۈندۈزى ئۇخلىمايمەن. چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن دۇكانغا قايتىپ سەل بىكار بولۇپ قالسام بىر ئىستاكان قەھۋە دەملەپ ئىستاكاننى يالاپ ئولتۇرۇپ ھوزۇرلىنىپ ئىچىپ كېتىمەن. كەچلىك تاماق ئاساسەن ناماز شامدىن كىيىن قالمايدۇ. ئىمكان بار يەڭگىل، سېڭىشلىق غىزالىنىمەن. كۆپ تاماق يېمەيمەن. تاماقتىن كىيىن بالىلىرىم بىلەن بىردەم ئويناپ كۆڭۈل ئاچىمەن. بىر تال ئالما سويۇپ يەپ كىيىن ئاساسەن دېگۈدەك بىر-ئىككى سائەت كىتاب ئوقۇيمەن. ياكى ياخشىراق تېلۋىزىيە فىلىمى بولسا كۆرۈپ قويىمەن. ئاندىن سىرتقا چىقىپ بىردەم پىيادە ئايلىنىپ كىرىپ چىشىمنى چوتكىلاپ، ساقىلىم ئۆسۈپ قالغان بولسا ئىلىپ، تاھارەتنى يەڭگۈشلەپ خۇپتەن-ۋېتىر نامازلىرىنى ئوقۇپ بىسمىللا بىلەن ئۇخلاپ قالىمەن.
ئادەتتە سوغۇقلۇق، مېۋە چېۋە دېگەندەكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ سالسام ئىسسىقلىق چاي دەملەپ ئىچىمەن. ئىسسىقلىق، گۆشلۈك غىزالارنى كۆپرەك يەپ سالغان بولسام  ياكى تۇرۇپنى كۆپرەك سالدۇرۇپ لەڭپۇڭ، ئانار سۈيى، ئاپلىسىن، قېتىق  دېگەندەكلەردىن بىرەرسىنى يەپ قويىمەن.ھەرگىزمۇ ھەممىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىستىمال قىلمايمەن. ئادەتتە نۇرمال ھاللاردا ئۇسسۇلۇققا قايناق سۇنى كۆپ ئىچىمەن.

قەلبنىڭ ساقسىز بولۇشى تېنىمىزدە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا تەن ساق بولۇشنى ئارزۇ قىلغۇچى قەلىب ئىگىسى ئاۋۋال قەلبىنى يامان ئىللەتلەردىن تازىلاپ ياخشى خۇلۇقلار بىلەن ئۆزىنى زىننەتلىشى زۆرۈردۇر. ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارغا كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇش؛ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە سەبرىچان بولۇش؛ غەيرەتلىك بولۇش، جاپا-مۇشەققەت ئالدىدا تېز پۈكمەسلىك ئاجىز-موھتاجلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىش كىشىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدۇ، كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ تېنىنى ساغلام قىلىدۇ. ئۆمرىگە بەركەت ئاتا قىلىدۇ. كۆرەلمەسلىك، ھەسەتخورلۇق، سەپرالىق، گۇمانخورلۇق، ھورۇنلۇق، ئاچكۆزلۈك، چېقىمچىلىق، شەھۋەتخورلۇق، ئىچىملىك-چېكىملىككە بىرىلىش دېگەندەك كەيپى-ساپا ۋە بەتئەخلاقلار كىشىنىڭ يۈزىنى ۋە قەلبىنى قارا قىلىپ ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈرىدۇ، چۈشكۈنلۈككە گېرىپتار قىلىپ روھىي قۇۋۋەتنى كېمەيتىدۇ. يۈرەك، مېڭە، جېگەر، بۆرەك دېگەندەك موھىم ئەزالارنى زەئىپلەشتۈرۈپ كاردىن چىقىرىدۇ. ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. بۇنداق بىنۇرمال پىسخىكا شەكىللىنىپ قالغان كىشىلەر ھەر ۋاقىت مېجەزىدىكى يامان ئۈگۈنۈپ قالغان خۇيلارنى تازىلاپ تۇرىشى، ئۆزىگە ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلىشى، كەيپىياتىنى تەڭشەپ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى ئاسرىشى كېرەك دېگەندەك خەلقىمىز مەنىۋىيتىدە يۈكسەك ئورۇن تۇتقان دۇردانىلەرنى ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە ھەمرا قىلىمەن.
توق قورساققا تاماق يېمەيمەن. تاماق يېيىشتە ئاۋۋال ئاسان سېڭىدىغاننى ئارقىسىدىن تەستە سىڭىدىغاننى يەيمەن. ئۈگرە بىلەن كاۋاپ يېيىشكە توغرا كىلىپ قالسا ئاۋۋال ئۈگرىنى ئىچىپ ئارقىسىدىن كاۋاپ يېيىش دېگەندەك. ئاشقازاننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى تاماق بىلەن، بىر قىسمىنى ئۇسسۇلۇق بىلەن تولدۇرۇپ يەنە بىر قىسمىنى بىكار قويىمەن. كۆپ ھەم كۈچلۈك تاماق يەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى كۈچسىز ھېس قىلىدىغانلىقىغا ھەيران بولۇپ مەندىن مەسلەھەت سورايدىغانلار كۆپ. مەن دەيمەن: قۇۋۋەتلىك يەۋالغانغىلا بەدەن كۈچلىنىپ كېتىدىغان ئىش بولمايدۇ، ھەر قايسى ئەزالار شۇ قۇۋۋەتنى سۈمۈرسە ھېساب، ھەرىكەت ئاز، قان سوۋۇغان بۇ خىل ئەھۋالدا كۆپ تاماق يېيىش، مايلىق، گۆشلۈك غىزالارنى ئىستىمال قىلىش، قان - تومۇر، يۈرەك، مېڭە، ئاشقازان، جىگەرگە بېسىم بولۇپ ئاز بولمىغان ساقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ھەركەت يېتەرلىك بولۇش، ئوزۇقلىنىش مۇۋاپىق بولۇش، كەيپىيات تۇراقلىق بولۇش، ئۇيقۇ مۇۋاپىق بولۇش، جىنسىي تۇرمۇش مۇۋاپىق بولۇش دېگەندەك تەبئىي ئىھتىياجلاردا چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىك، ئوتتۇراھال يول تۇتسا سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىقتۇر.  

داۋامى بار




[Birzat بۇنى 2011-02-07 06:06 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تۇرمۇش، غىزالىنىش بىرزات

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 6 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماkisek[2011-09-23 01:24 PM | del]
بىر تەقۋادار مۇسۇلماننىڭ ئاددى، پاكىزە، بەختلىك، تېنچ ، گۈلىستان ئىچىدىكى بەختلىك ھاياتى، ئاللاھ سىزگە رەخمەت قىلغاي!

ئەسلىدە مۇشۇ تېڭىرقاپ يۈرگەن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇ دۇنيادا مۇشۇنداق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئاالاھ ئىگىمىز ھەممىمىزگە ئوخشاش ئىمكانىيەت بېرىپتىكەن،ھەم بېرىدىكەن، بىز بىچارە ئىنسانلار ئەشۇ پاسكىنا شەيتاننىڭ ئارقىدىن ئاسانلا  مېڭىپ كېتىدىكەنمىز.

   بۇرۇن ئانچە-مۇنچە ئىچىپ قوياتتىم، دوستلىرىممۇ كۆپ ئىدى، ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ مەندە قان بېسىمى، قەنت سىيىش كېسىلى، نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى، بۆرەك ئاجىزلىق كېسىلى، تاماكا خۇمارلىق كېسىلى، ھورۇنلۇق كېسىلى، ئۈمىتسىزلىنىش كېسىلى، قىتىغىرلىق كېسىلى ، كۆرەلمەسلىك كېسىلى، ھىچنىمە ئۈگەنمەسلىك كېسىلى، ۋاقىتنى كومپىيۇتېر ئالدىدا بىھۇدە ئۆتكۈزۈش كېسىلى ...( يۇقۇرىقىلار ئەلۋەتتە تاشقى قىياپىتىمدە مانا مەن دەپ چىقمىغىنى بىلەن، خارابىلىققا  ئالانغان بىسەرەمجان قەلبىمدە ئۆزەم بىلەتتىم) مېنى قىينايتتى، بۇ ھايات زېرىكىشلىك ، ئۇزۇن، قىممەتسىز تۇيۇلاتتى، ئاۋۇ چوڭ بولىۋاتقان ئوغلۇم ىلەن قىزىمغا ھەسرەتلىك قاراپ قوياتتىم ..

  ئەمما بىر نەچچى يىل بۇرۇنقى ئېتىقات مېنى قۇتقازدى، ئاللاھنىڭ شافائىتى بىلەن جىسمىمدە كىسەل يوق، قەلبىم گۈلىستانلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقاندەك يايرايدۇ، ئۆلگەندىن كېيىن دوزاققا چۈشەرمەنمۇ دەيدىغان غەم-ئەندىشىمۇ يوق، ھازىر كۈنىگە ئالاھىزەل 5-6ساەت ئۇخلايمەن، خىزمەتتىن تاشقىرى ۋاقىتلاردا توختىماي ئۈگىنىمەن، بالىلىرىم ماڭا قاراپ بېقىپ  ئۇلارمۇ جېنىنىڭ بېرىچە تىرىشىۋاتىدۇ، چوڭ ئوغلۇمنىڭ نىشانى 3يىلدىن كېيىن ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتىدا بىۋاستە باكلاۋىرلىقتا ئوقۇش، ھازىر ئاتلاندا جىىددى ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنىۋاتىۇ، ئايالىمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ماڭا نىسبەتەن رازىلىغىنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ھىس قىلىمەن، ... ھايات ئەسلى مۇشۇنداق گۈزەل، قىسقا ، شىرىن ئىكەندۇق.....

  ئاللا ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي!
回复قايتۇرماruzmamat[2011-02-07 03:15 PM | del]
دورا سېتىلېۋېلىش ئۇ چۇن قانداق قىلىمەن ؟؟؟؟؟؟
13179895181
回复قايتۇرمائصماننۇر[2010-12-10 04:59 PM | del]
مەن   ئەتراپىمدىن كۈندىلىك     تۇرمۇشىنى   بۇنچىلىك    ،مۇكەممەل   ئورۇنلاشتۇرغان    بىرەرسىنى   تېخى   ئۇچىرتىشقا   مۇۋەپپەق  بولالمىغان ئىدىم   ،،،،24   سائەت  ۋاقىتنى ئەمەس   كۈندۈزلىك  خىزمەت    ۋاقىتىمىزدىنمۇ   ياخشى   پايدىلانماي،   ھازىرقى  ۋەزىيەتتىن   ،ئەتراپىمىزدىكى   ئادەملەردىن   ،ۋەزىيەتتىن    قاقشاپ   ھايات  مۇساپىمىزنى    سۈركىلىش  ئىچىدە    ،داۋام   قىلىۋاتقىنىمىزنى    ھېس    قىلىۋاتىمەن   ،،،،  بولۇپمۇ   بىرزات  ھېكىمنىڭ    بالىلرىمغا  ناشتىلق ئۈچۈن، خوشال  كەيپىيات   يارىتىمەن   ، دىگەن   گەپنىڭ   ۋەزنىدىنلا     بۇنىڭ  خوشال   كەيپىياتتىكى   بىر   ناشتىلىقلا    ئەمەس    ،بەلكى  بالا    تەربىيسىدە    ئائىلىنىڭ   ،ئائىلە    كەيپياتىنىڭ    قانچىلك    مۇھىم   رول    ئوينايدىغانلىقىنىمۇ   چوڭقۇر    چۈشەنگەنلىكىنى    ھېس   قىلۋاتىمەن  ،مېنىڭچە   بۇ بىر  زات   ھېكىمنىڭ   ئارزۇسى ئەمەس ،  بەلكى   كۈندىلك  تۇرمۇشىدەك  بىلىنۋاتىدۇ .
回复قايتۇرماesir[2010-12-10 01:19 PM | del]
ئاللاھ سىلىنى سالامەت، ئۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن قىلغاي!  بۇ يازمىنى ئوقۇپ، قىممەتلىك بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم، سىلىگە رەھمەت. مۇمكىن بولسا، مۇقىم، رەتلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ سالامەتلىككە قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقى، ئەكسىچە، تۇرمۇش ئادىتى تەرتىپسىز (بەزىدە جىددىي، بەزىدە بوش ۋاقىت كۆپرەك) بولغاننىڭ قانداق پايدىسىز تەرەپلىرى بارلىقى ھەققىدە قاراشلىرىنى بىلىپ باققۇم بار. ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن.
回复قايتۇرماrixtablog[2010-12-09 00:10 AM | del]
خۇدايىم ھەربىرىمىزنى مۇشۇنداق تۇرمۇشقا ئادەتلىنىشىمىزگە مۇيەسسەر قىلسۇن.
回复قايتۇرماYuksel[2010-12-08 09:41 PM | del]
ھەكىمنىڭ خيالىدىكى تۇرمۇش ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى بىز خىيال قىلىپمۇ يېتەلمىگۈدەكمىز. خېجىلمىز  خېجىلمىز ....
ئەمما، ئۇشبۇ خىياللار تولىمۇ داۋالىق خىياللار ئىكەن. مۇشۇ خىياللار ھەربىرمىزدە ئىشقا ئاشسا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ تېنىمىزنى ساق، روھىمىزنى پاكلاپ بېرىشىدە شەك يوق.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.