ئەرلەر بۆرەكنى ئاسىراشنى كىچىكىدىن ئادەت قىلىش كىرەك
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-09-03
ئەرلەرنىڭ بۆرىكى يۈرەككە ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئەرلەر ھەرخىل دورىلار ئارقىلىق بۆرىكىنى ئاسىراۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئەرلەر ئۈزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى يىمەك-ئىچمەك ۋە ناچار تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق سەۋەبىدىن ئۈزىنىڭ بۆرىكىگە زىيانكەشلىك قىلۋاتقانلىقىغا ئانچە دىقەت قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا سىز بۆرىكىڭىزنى ئاسىرىشىڭىزدا چۇقۇم يىمەك-ئىچمەك ۋە ناچار تۇمۇش ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىزدىن باشلشىڭىز كىرەك .
1. پىۋا ئىچىشكە ئامراق بۇلۇش
بۆرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن ، كۆپ مىقتاردا پىۋا ئىچكەندە ،چۆكمە پەيدا قىلىش ، ھەتتا بۆرەك كىچىك تۇمۇرلىرى تۇسۇلۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى ؛ ئەگەر قاننى تەكشۈرتكەندە بۆرەكتە مەسلە بارلىقى بايقالسا ،بۇ بۆرەكتىكى مەسلىنىڭ يەڭگىل ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۆرەكتىكى كىسەللىكنى بىلىش ئۈچۈن قان تەكشۈرتىشتىن باشقا يەنە قەرەللىك ھالدا سۈيدۈكنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كىرەك ،سۈيدۈك تەكشۈرتۈش بۆرەكنى تەكشۈرتۈشتىكى ئەڭ ئاددى،ئەڭ تىز ئۇسۇلدۇر.
2.سۇ ئىچىشكە ئادەتلەنمەسلىك (تازىلانغان سۇ ياكى سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ)
كۆپلىگەن ئەرلەر سۇ ئىچىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ ، ھەتتا سۇنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشۈنۈپ يەتمىگەنلىكتىن ناھايتى ئاسانلا كىسەلگە گىرىپتار بۇلىدۇ.بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى كىرىكسىز نەرسىلەرنى ئاساسلىقى جىگەر ۋە بۆرەك تازلاپ بىرتەرەپ قىلىدۇ. ئادەم بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 1%گە توغرا كىلىدىغان بۆرەك پۈتۈن بەدەندىكى يۈرەكتىن كەلگەن قاننىڭ تۆتتىن بىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، ھەر مىنۇتىغا 1لىتىردىن 2لىتىرغىچە قان بۆرەكتىن ئېقىپ ئۈتىدۇ ، شۇڭا بۆرەكنىڭ بەدەندىكى كىرەكسىز نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلىشى باشقا ئەزالارغا قارىغاندا كۆپ بۇلىدۇ.بۆرەكنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئادەم بەدىنىدىكى سۇ مىقتارىنى تەڭشەش ۋە قاندىكى كىرەكسىز ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ سۈيدۈك خالتىسىغا چىقىرىش ، ئەمما بۆرەك مۇشۇنداق مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغاندا كۆپ مىقتاردا سۇ تۇلۇقلاشقا مۇھتاج بۇلىدۇ .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى : كۆپ سۇ ئىچىشكە ئادەتلىنىپ بۆرەكنى چايقاپ تۇرۇش ، سۈيدۈكنىڭ تىزراق چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،بۆرەكتە تاش بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك .
3.كالى تەركىبى مول بولغان سەي -كۆكتات ،مىۋە يىمەسلىكى كىرەك
كۆكتات ۋە مىۋە يىيىش سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق ،بۇ ئۇقۇمنى ئادەتتىكى كىشلەرمۇ بىلىدۇ .ئەمما ئاستا خاراكتىرلىق بۆرەك ئىقتىدارى تۇسالغۇغا ئۇچۇرغان كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىشلەر دائىم سەي -كۆكتات ،مىۋىلەردە تەبى ھالدا قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشكە ياردەم بىردىغان كالى مىقتارى بار دەپ قارىشىدۇ. كالىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا ئەكسىنچە بۆرەك ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ .بۆرەك ئىقتىدارى ناچار كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ،كالىنى ئىستىمال قىلىش بۆرەك ئىقتىدارىغا بەك زىيانلىقتۇر.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى:ئاستا خاراكتىرلىق بۆرەك ئىقتىدارى تۇسالغۇغا ئۇچۇرغان كىشلەر سەي -كۆكتات ،مىۋىلەرنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ ، بۆرىكىنى زىيانغا ئۇچۇرتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك .كالىمىقتارى زور بولغان مىۋە ، سەي كۆكتاتلارنىيىمەسلىك ،يىسىمۇ ئاز ئىستىمال قىلىش.بەك قۇيۇق مىۋە شەربىتىنى ئىچمەسلىك، خوگو يىمەسلىك ، سەي شورپىسى ئىچمەسلىك .ئىچىملىك ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك .
80خالتا بلوگى ئۈچۈن تەييارلاپ يوللىغۇچى:ئاقسۇدىن تورداش-قىزىققۇچى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بۆرەك
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
پايدىلىق ئۇچۇرلا بىلەن تەمىنلەپ كەلدىڭىز،رەخەت سىزگە.سىزدىن بىر ئاتالغۇنىڭ نىمە نەرسە ئىكەنلىكىنى سوراي دىگەنتىم ياردەم قىلغان بولسىڭىز رەخەت سىزگە !
لاۋىيە دىگەن قانداق ئۆسۈملۈك .پۇرچاق تۈرىگە كىرىدىكەن تاماققا سالىدىغان نەرسىكەن ،بولسا خەنزۇچە ئاتىلىشىنىمۇ دەپ بەرسىڭىز .ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
بۆرەكە سۇ چۇشۇپقالسا .... مىللى تىبابەتە داۈالاش يولى بارمىدۇ :
يۈز بويۇنلارغا چىقىدىغان سوگەل ھەققىدە
مەندە مۇنداق بىر ئالامەت بار: ئادەتتە كىچىك تاھارەتتىن كېيىن خالادىن چىقىپ 5-10 مىنۇتقىچە بەزىدە 10 نەچچە مىنۇتقىچە (ئىشقىلىپ 15 مىنۇتقىچە بارمايدۇ) بولغان ۋاقىت ئىچىدە سۈيدۈك تامچىلايدۇ. بۇنى ئىلگىرى تاھارەت پۇشۇرۇش دېگەننى بىلگەندىن كېيىن ‹كىچىك تاھارەتتىن كېيىن تاھارەت پۇشۇرۋەتسە بولىدىغان ئوخشايدۇ› دەپ ئويلىغان، لېكىن مەسچىتلەردە تاھارەت ئالغۇچە قاراپ باقسام، كۆپۈنچە كىشىلەر بۇنىڭغا ئېتىۋار بەرمەمدۇ ياكى ئۇلاردا بۇنداق ئەھۋال يوقمۇ بىلمىدىم، ئۇلار تاھارەت سۇندۇرۇپلا بىۋاستە تاھارەت ئالالايدىكەن، لېكىن مەن ئادەتتە چوڭ تاھارەتلا قىلغان بولسام، بىۋاستە ئۇلاپلا تاھارەت ئالالىغىنىم بىلەن، كىچىك تاھارەت قىلىپ سالسام، ئادەتتە 10-15 مىنۇتقىچە تاھارەت ئالالمايمەن....
ئېغىر كۆرمەي مەندىكى بۇ ئىش كېسەللىكمۇ ياكى نورمال ئىشمۇ؟ بۇ زادى قانداق ئىش بۇ توغۇرلۇق تولۇقراق جاۋاپ بېرىپ بەرگەن بولسىڭىز دېگەن ئۈمۈتتە مەن....