خورەك تارتىش ئەرلىك ئىقتىدارنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ Snoring and Men's Health
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-08-23
ئادەتتە نۇرغۇن كىشلەر خورەك تارتىشنى نورمال ئەھۋال دەپ قاراپ ، بۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ . ئەمەلىيەتتە خورەك تارتىش نۇرغۇن خەتەرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، خورەك تارتىش ئۇيقۇ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن . زىيابىتۇس ، يۇقىرى قان بېسىم، سوققان تومۇر قېتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي ، يەنە ئەرلىك ئىقتىدارنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدىكەن .
ئەرلىك ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراش يەنە باھ زەئىپلىشىش ، دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايتى كۆپ . مەسلەن ، روھىي ئامىل ، زىيابىتۇس ، يۇقىرى قان بېسىم ، سوققان تومۇر قېتىشىش كېسىلى ۋە بەزى دورا قاتارلىقلار . لېكىن ، خورەك تارتىش بىلەن ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆپ كىشلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن .
ئەمەلىيەتتە ، خورەك تارتىشمۇ ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ، بولۇپمۇ قاتتىق خورەك تارتىدىغانلارنىڭ كېچىسى نەپەس ئېلىشى ۋاقىتلىق توختاپ قالىدۇ ياكى دېمى تۇتۇلىدۇ . بۇنداقلاردا ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش تېخىمۇ ئاسان كېلىپ چىقىدۇ .
قاتتىق خورەك تارتىدىغانلارغا كېچىدە ئوكسېگىن يېتىشمىگەچكە ، ئۇلارنىڭ جىنسىي ئەزاسى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلىنەلمەي ، ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ ؛ يەنە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئىقتىدارى تىزگىنلىنىپ قېلىپ ، ئۇيقۇ بېسىش ، ماغدۇرسىزلىنىش ، ئۇيقۇچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ، خورەك تارتىشى قانچە ئېغىر بولسا ، ئەرلىك ئىقتىدارنىڭ چېكىنىشىمۇ شۇنچە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ ، شۇڭا ، ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ھەمدە خورەك تارتىدىغان بىمارلار ئاۋۋال خورەك تارتىشنى داۋالىشى كېرەك .
‹‹ شىنجاڭ پەن–تېخنىكا›› گېزىتىدىن ئېلىندى
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: خورەك Snoring
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
قىز بالا خورەك تارتسا بوپمۇ بىريەلەگە مىھمان بوپ باغاندا بەكلا سەت تۇرىدىكەن ، مەن قانداق قىلسام بۇ ئازاپتىن قۇتۇلىمەن ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تېخى توي قىلمىغان تۇرسام ، كىيىنچە ئۇنى بېسىپ چۈشسەم بولماس .
ياردەم قىلغان بولساڭلا .....................
مەن سىزنىڭ تور بېتىڭىزنى يەنى ساغلاملىق توغرۇلۇق بەرگەن مەسلىھەتلىرىڭىزنىڭ داۋاملىق ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. توي قىلىپ ساغلاملىققا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ قالدىممۇ ئىشقىلىپ تولاراق سالاملىققا دائىر سۆزلەر بولغان تور بەتلەردىن كېتەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم. شۇ سەۋەبتىن. توي قىلغىنى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ يېقىندىن بېرى يولدۇشۇمنىڭ قاتتىق خورەك تارتىدىغىنىدىن بىزار بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم. خورەك تارتىدىغان ئادەمنى ئويغاتسا ئۆزىگىمۇ يۇقىدۇ دېگەن سۆزلەرنى بەزى بەزىدە ئاڭلاپ تۇرساممۇ، ئەمما تولا ئويغىتىپ ھاردىم. ئۇنىڭ بىر كۈن جىددىي ئىشلەپ چارچىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تولاراق ئۇخلىمىغىنىمدا بىزار بولساممۇ، يەنىلا ئويغىتىش قولۇمدىن كەلمىدى. شۇ سەۋەبتىن خورەك توغرۇلۇق خېلى مەزمۇنلارنى كۆرگەن بولساممۇ، ئاساسلىق سەۋەبى (سېمىزلىك) ئىكەن. ئەمما ئادەم بىر كۈندە ئۇرۇقلايمەن، نەچچە كۈندە سېمىزلەيمەن دېگىنى بولمىغاندىن كېيىن. بۇنىڭ مىللىي تىبابەت شەكلىدە، يەنى ئۆيدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بارمىدۇ دەپ ياردەم سوراپ سىزگە بۇ خەتلەرنى يېزىۋاتىمەن.
خورەك جەۋھىرى دېگەن دورا بەركەن،. سىزنىڭچە پايدا قىلارمۇ؟! ئادەتتە بۇنداق خورەك تارتىش ئازابىنى تارتىۋەرگەن بىر ئائىلىدىكى كىشىلەر ئاخىرى بىزار بولغاندا ئائىلە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدىكەن. شۇڭا مېنىڭ بۇ مەسىلىنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ھەل قىلغۇم ئۆزۈمگىمۇ، يولدىشىمگىمۇ ئاسانلىق ئېلىپ كەلگۈم بار.
سىزنى ئاۋارە قىلدىم. رەھمەت