كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنلەرگە بارغاندا كۆپ ساندىكى ئەرلەر خۇددى بۇلبۇلدەك ئىنچىكە ئاۋازدا ئەتىر توغرىلىق پاراڭغا چۈشىدۇ، ئەركەك ئەرلەر ناھايىتى «ئەتىۋار»لىشىپ كېتىدۇ. بۇ سىزگە «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىدەك تۇيۇلۇۋاتامدۇ؟ ئەمما ئەڭ يېڭى بىرتۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى جانۋارلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئەركەك جانلىقلارنىڭ ئانىلىشىشىغا سەۋەب بولغانلىقتىن، كەلگۈسىدىكى ئەرلەر دۇنياسى ھەقىقەتەن بارغانسېرى ئاياللىشىپ كېتىدىكەن.

(رەسىمدە بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئۆلسىمۇ ئايال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى)

" /> خىمىيىلىك بۇيۇملارنىڭ بۇلغىشى ئاستىدىكى جىنىس بۇزۇلۇشى Broken sex - 80 خالتا بلوگى

خىمىيىلىك بۇيۇملارنىڭ بۇلغىشى ئاستىدىكى جىنىس بۇزۇلۇشى Broken sex


كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنلەرگە بارغاندا كۆپ ساندىكى ئەرلەر خۇددى بۇلبۇلدەك ئىنچىكە ئاۋازدا ئەتىر توغرىلىق پاراڭغا چۈشىدۇ، ئەركەك ئەرلەر ناھايىتى «ئەتىۋار»لىشىپ كېتىدۇ. بۇ سىزگە «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىدەك تۇيۇلۇۋاتامدۇ؟ ئەمما ئەڭ يېڭى بىرتۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى جانۋارلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئەركەك جانلىقلارنىڭ ئانىلىشىشىغا سەۋەب بولغانلىقتىن، كەلگۈسىدىكى ئەرلەر دۇنياسى ھەقىقەتەن بارغانسېرى ئاياللىشىپ كېتىدىكەن.

ئەرلىك خەۋپ ئىچىدە تۇرماقتا

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 250 پارچە ئىلمىي تەتقىقات دوكلاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، مۇھىت بۇلغىنىش ئىنسانلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا مۆلچەرلىگۈسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئەرلىككە خەۋپ ئېلىپ كەلگەن. دوكلاتنىڭ يازغۇچىسى، ئەنگلىيىلىك ئالىم گۋېننى لىئون تەشۋىشلەنگەن ھالدا: «ئەرلەرنىڭ ئاساسلىق ئەسۋاب بوغچىسى تەھدىتكە ئۇچراۋاتىدۇ» دەيدۇ.

تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، مەيلى شىمالىي قۇتۇب ئېيىقى بولسۇن ياكى جەنۇبىي ئافرىقا يايلاقلىرىدىكى چوڭ بۆكەن بولسۇن، مەيلى چوڭقۇر دېڭىزدىكى كىت بولسۇن ياكى ھاۋا بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان قارىغۇجا بولسۇن، ھەممىسى مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋېتىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ بۇلغىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇلغانغان سۇدا ياشاش داۋامىدا ئۇلار بۇلغانغان نەرسىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىپلا قالماي، قوۋۇز ۋە تېرىسى ئارقىلىق بۇلغانمىلارنى سۈمۈرۈۋالىدىكەن. شۇڭا ئۇلار ئەڭ بۇرۇن بايقالغان جىنس ئۆزگىرىش ھادىسىسى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت تۈر ئىكەن.

دەسلەپكى بەزى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئەنگلىيىنىڭ پەس دەريالىرىدىكى يېرىم دېگۈدەك ئەركەك بېلىقلارنىڭ ئۇرۇقدىنى تۇخۇم ئىشلەپچىقىرالايدىكەن، ياپونىيە ۋە ئافرىقىنىڭ بېنىن قولتۇقى رايونىدىكى تاتلىق سۇ بېلىقلىرىنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرىدە چىشىلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن، ئوتتۇرا دېڭىز، ياپونىيىنىڭ ئوساكا قولتۇقى، ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى تۇزلۇق سۇ بېلىقلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىكەن. 2008-يىلنىڭ باشلىرىدا فلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئاۋسترالىيىدىكى %40 شېكەر قومۇش چارپاقىسىنىڭ قوش جىنسلىققا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، بۇندىن باشقا %20 چارپاقىنىڭ ئەركەكلىكتىن چىشىلىشىشقا ئۆتۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

بۇنىڭدىن باشقا، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىكى جىنس ئۆزگىرىشىمۇ ئىنسانلارغا سىگنال بېرىۋاتىدۇ. ئالياسكا شتاتىدىكى 3تىن 2قىسىم ئەركەك قارا قۇيرۇق بۇغىنىڭ يوشۇرۇن ئۇرۇقدانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان، ئالىملار شىمالىي قۇتۇبتا قوش جىنسلىق شىمالىي قۇتۇب ئېيىقىنى بايقىغان. فلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لۇ قىلت ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىز ياۋايى ھايۋانلاردا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان ئىكەنمىز، ئۇ ھالدا مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەرلەردىمۇ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن ئەنسىرىشىمىز كېرەك» دەيدۇ.

ئالىملار ئەركەك، چىشى قالايمىقانلىشىشتەك يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقىنى دەل كىشىلەر دائىم ئۇچرىشىدىغان، تولىسىنىڭ ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك ئۇچۇرى بولمىغان خىمىيىلىك بۇيۇملار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ زىيانلىق خىمىيىۋى ماددىلار يېمەكلىك ئورالمىلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، بالىلار ئۇپىسى، ئۆي جاھازلىرى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، ھورمونغا كاشىلا قىلىدىغان يوشۇرۇن قاتىلغا ئايلانغان. تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئىنسانلار ئۇچرىشىدىغان يېڭى خىمىيىلىك بۇيۇملار 100مىڭ خىلدىن ئېشىپ كەتكەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بۇنىڭ ئىچىدىكى %99 ىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، %85 ىنىڭ ھەتتا يېتەرلىك بىخەتەرلىك ئۇچۇرىنىڭ يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. ھورمونغا كاشىلا قىلىدىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى «ئىچكى ئاجراتمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى» ياكى «جىنس بۇزغۇچى» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

گۋېننىنىڭ دوكلاتىدىن چىقىرىلغان يەكۈن شۇكى: ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ بىر نەچچە چوڭ تۈرى (جۈملىدىن كۆپ سۆڭەكلىك بېلىق، قوش ماكانلىقىلار، ئۆمۈلىگۈچىلەر، ئۇچار قاناتلار ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار) ئارىسىدىكى ھەر بىر ئەركەك ھايۋان خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئۇمۇرتقىلىق ئەركەك ھايۋانلارنىڭ چىشىلىشىپ كەتكەنلىكى خېلىلا ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال.

خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ بۇلغىشىنىڭ ئىنسانلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە ئەر-ئاياللارنىڭ جىنس نىسبىتىگە بولغان تەسىرى ئاللىقاچان ئايان بولدى. يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقاتتا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچراشقان ئاياللار تۇغقان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ كىچىك ياكى ئاياللاشقان جىنسىي ئەزاسى بار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. پولىخلورىنلاشقان بىفېنىل بىلەن ئۇچراشقان ھامىلدار ئاياللار تۇغقان ئوغۇل بوۋاقلار چوڭ بولغاندا ئوغۇل بالىلار ئادەتتە ئوينايدىغان شەمشەر-كالتەككە ئەمەس، بەلكى قونچاق ئويناشقا ۋە چىنە-چەينەك بىلەن ھەپىلىشىشكە تېخىمۇ مايىل بولىدىكەن. كانادا، ئىتالىيە، رۇسىيە قاتارلىق جىنس بۇزغۇچى خىمىيىلىك بۇيۇملاردىن ئېغىر بۇلغانغان جايلاردا بولسا قىزلارنىڭ تۇغۇلۇش نسىبىتى ئوغۇللارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىدىلا «ئەسلى» ئوغۇل بولۇپ تۇغۇلۇشقا تېگىشلىك 250 مىڭ قىز بوۋاق بار ئىكەن.

يېمەك-ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ئوڭايلا «ئاياللىشىش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

رىئال مۇھىت ئەرلەرگە ھەقىقەتەن شەپقەتسىز، تەركىبىدە خىمىيىلىك تەڭشەلمە ۋە ئانىلىق ھورمون مول يېمەكلىكلەر ئەرلەرنى ئاسانلا ئاياللاشتۇرۇۋېتىدۇ، پىۋا ئىچىشكە ئامراق سېمىز ئەرلەرمۇ مۇشۇنداق ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن.

كلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پىۋا ئىچىشكە ئامراق ئەرلەرنىڭ سۈت بېزى يوغىناش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا %15 يۇقىرى بولىدىكەن. بىر تەرەپتىن كۆپ مىقداردىكى ماي ناھايىتى نۇرغۇن ئانىلىق ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىدىكەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن سېمىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ياغلىق جىگەر كېسىلى ئۇنىڭ زىيادە كۆپ ئانىلىق ھورموننى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشىغا ئىمكانىيەت بەرمەيدىكەن، شۇڭا ئەرلەر ئوڭايلا ئاياللىشىش كرىزىسىگە دۇچ كېلىدىكەن.

دېمەك، كرىزىس ھەممىلا يەرگە يوشۇرۇنغان مۇھىت بۇلغىنىش ئالدىدا ئەرلەر بەقۇۋۋەت تېنىنىڭ زەئىپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ھەسرەتلىنىپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنغاندىن باشقا، يەنە تېنىنى ئاسراش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بولمىسا كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنى ئەرلەر يەنە بىر «يوقىلىشقا يۈزلەنگەن» تۈر بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
(مەنبە: http://news.xinhuanet.com/world/2008-12/17/content_10516312.htm)
 

 تېما يارىغان بولسا ئۈستىدىكى ئىلانلارنى بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ!!! بىزنى قوللىغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر!!!
خالاستان تەرجىمىسى




[Birzat بۇنى 2011-05-04 09:25 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئەرلەر خەۋپ ئىچىدە تۇرماقتا

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماserin[2010-08-18 06:45 PM | del]
مۇشۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ خىمىيىۋىي ئوغۇت دېگەن نەرسىلەرنى ئېتىزلىرىمىزغا ئۆلگىدەك ئىشلىتىۋاتىمىز، نېمە بولار ئاقىۋېتىمىز. ئېگىسى ئۆزى پاناھىدە ساقلىسۇن!!!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.